ئاپتور ئارخىپلىرى: تىۋىش

تىۋىش ھەققىدە

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بلوگنىڭ قەدىرلىك كونا-يېڭى، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش… ئوقۇرمەنلىرى.  قانداق ئەھۋالىڭلار؟ بەلەن-ئوبدان تۇرۇشتۇلىمۇ؟

يازمىنىڭ تېمىسىنى كۆردۈڭلار ھەقاچان. نېمە دېمەكچى بولغانىلىقىمنىمۇ بىلىپ بولدۇڭلار. (ئەقىللىق،ھۇششار تور پۇخرالىرى-دە، ھەممىڭلار. ھى..ھى…) گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، بلوگچىلىققا كىرىپ لاغايلاپ يۈرگىلىمۇ ئۇزۇن يىل بولۇپتۇ (گەرچە پىشقەدەملەر سېپىگە تېخى كىرمىگەن بولساممۇ). ئۇنى-بۇنى يېزىپ دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقان بولدۇم. بلوگ يېزىپ يۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن تىرمىشىپ يۈرۈپتىمەن. مۇشۇ جەرياندا مەن ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىش بولسا، تور پۇخرالىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئازىيىپ، بۇرۇنقى پىشقەدەم بلوگلارنىڭ بىر-بىردىن غايىپ بولۇپ كېتىشى ۋە ماڭا ئوخشاش يېڭىياچىلارنىڭمۇ يا بلوگنى تاشلىيالماي، يا قاملاشتۇرۇپ بېرەر نەرسە يازالماي ( ئاچچىقىڭلارغا ھاي بېرىڭلار..ئۆزۈمنىلا دەۋاتىمەن جۇمۇ بۇ يەردە… كۆز قىسقان چىراي ئىپادىسى) ئارىسالدىلىقتا يۈرىشىمىز. شۇنداق بولىشىغا قارىماي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە چىرماشقان بۇ تور ۋە يېزىقچىلىق ئىشتىياقىنىڭ تۈرتكىسىدە بلوگنىمۇ تاشلىماي، ئايدا-يىلدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ بېقىپ، بەزىدە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ بېقىپ تور دۇنياسىدا لاغايلاپ يۈرىۋاتىمەن.

ئالىي مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلىنى كەسىپ قىلىپ ئۆگەنگەن بوپتىمەن. (گەرچە ماڭا مەجبۇرىي تېڭىلغان بىر كەسىپ بولسىمۇ. ئەمما لېكىن، خېلى ئوبدان ئۈگەنگەن جۇما… ماختىنىۋالاي ئازراق بولسىمۇ… ھا..ھا..) بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرىنى ئۇيغۇرچە (شۇنچىلىك سېغىنىمەن ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلاشنى. بۇ مەزگىل مەن ئەڭ سۆيۈنۈپ ۋە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان بىر گۈزەل ئەسلىمەم ۋە كەلگۈسىدە قايتىدىن بەرپا قىلماقچى بولغان بىر غايەم) ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ چاغلاردا بىزگە ئىنگىلىزچە دەرس يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئالىي مەكتەپتە ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلدى ۋە خېلى (ئۈچ-تۆت قېتىم تەكرار ئوقۇڭ بۇ خەتنى) قىينالدىم. ئەمما ئاخىرىدا نەتىجىسى چىقتى ۋە ئىككى يىلنىڭ ياقى مۇشۇ كەسىپنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيۈپ (ئېقىپ كەتمەي، كۆيۈپ كۈل بولماي، ھى…ھى..) ئۆز نېنىمنى تېپىپ يەپ كېلىۋاتىمەن. ئەجەپ ھېكايە سۆزلەپ كېتىپتىمىنا… نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەي:

شۇ ئۈگەنگەن نەرسىلەرنى تور پۇخرالىرىغا ئازراق بولسىمۇ يەتكۈزەي دېگەن بىر تەمەننادا بلوگدا “ ئىنگىلىزچە ئۆگۈنەيلى “ سەھىپىسىنى ئاچتىم. قۇربۇمنىڭ يېتىشىچە، ئاز ۋە ساز بىر شەكىلدە ئىنگىلىز تىلىدىن دەرس بىرىشكە ئورۇنۇپ باقماقچىمەن. ئەگەر سىز ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى بىلسىڭىز، بىلگەنلىرىڭىزنى بىزلەردىن ئايىماڭ؛ ئەگەر بىلمىسىڭىز ۋە ئۆگۈنۈشكە قىززىقسىڭىز ياكى ئۆگەنسەم بولۇتتى مىنە دەيدىغان دوستلىرىڭىز بولسا ”ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنەيلى“ سەھىپىمىز سىزلەرنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ.

قېنى مەرھەممەت


ئەرسكەرتمە: بۇنىڭدىن كېيىن ئىنگىلىز تىلى دەرسلىكىمىز ھەققىدە چۈشەنمىگەن يەر بولسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىش شەكلىدە سورىسىڭىز بولىدۇ. دېمەك، بۇ بىر سۇئال-جاۋاپ ۋە بىلگەنلىرىمىزنى ئورتاقلىشىدىغان بىر يازما. 

قوزىمىز-ئۈمىدىمىز-خۇشاللىقىمىز

رەڭسىز سۈرەت ۋە رەڭدار ئۈمىد

بۈگۈن تۇنجى قېتىم سېنى كۆردۇق. بۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ رەڭدار ئاشىق سەۋەپ بولدى. ئاشىق قانداقسىگە رەڭدار بولسۇن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەن ھەقاچان. ئاشىق سەن قانداق ئويلىساڭ شۇنداقتۇر: رەڭسىز ئويلىساڭ، ئاق بىلەن قارا رەڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بىر شەكىل كۆز ئوڭۇڭدا زاھىر بولىدۇ؛ رەڭدار ئويلىساڭ، دۇنيادىكى بارلىق رەڭلەرنىڭ قوچاقلىشىپ تۇرغان بىر تىز سىزمىسى خىيالىڭدىن كېچىدۇ… ئەمما ئاشىقنى قايسى خىل شەكىلدە ئويلىغىن، ئاشىق ھەققىدە ئۆزگەرمەيدىغان بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاشىقلىقىدۇر.

ئاشىقنىڭ رەڭگى سۇلغۇن ئىدى بۈگۈن. دوختۇرخانىغا كەتتۇق. ھەيران قالما، ئاشىقنىڭ ھەم جىسمى بولىدۇ، ھەم روھى بولىدۇ. جىسمى ھەر دائىم بىئارام بولۇشى مۇمكىن، راھەتسىزلىك ھىس قىلغىنىدا دوختۇرغا، تىۋىپقا ئېلىپ بارماق لازىم. ئەمما، روھى جان ئالغۇچى پەرىشتە كەلگۈچە ھەردائىم ساغلام تۇرىدۇ، جان ئالغۇچى پەرىشتە جېنىنى ئالغىنىدا بولسا، ياراتقۇچىنىڭ مەرھەممىتى بىلەن، ئەبەدىل-ئەبەد خاتىرجەم بولىدۇ. دوختۇرخانىغا كەلدۇق. دوختۇر يامان ئەمەس بىرى ئىدى. ئاشىقنىڭ جىسمىنى كۆردى ۋە ئەنسىرگۈدەك بىر ئىش يوقلىقىنى ئېيتى. كۈلۈمسىرىدۇق. سەنمۇ  كۈلۈمسىرىدىڭ ئاتەشتەك ئىسسىق بىر يېپىنچا ئىچىدە.

تەخمىنەن سەكسەن توققۇز كۈن ئالدىدا خوش-خەۋىرىڭنى ئالغان ئىدۇق. جېنىمىز شۇنچىلىك يايراپ كەتكەن ئىدىكى،خۇشاللىقىمىزنى بۇنىڭغا ئوخشاش تاققۇ-تۇققۇ سۆزلىرىمىز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش قولىمىزدىن كەلمەيتتى. پەقەتلا بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تويماي قارىشىپ كۈلۈمسىرىگەن، بىر-بىرىمىزگە  تېخىمۇ مەھكەم يېپىشقان ئىدۇق. مانا ئەمدى سېنى بىز بىلەن بىرگە كۈلۈمسىرەلەيدۇ دەپ ئويلايتتۇق. راست، سەن ھەممىنى ئۆگۈنۈشكە باشلىغان ئىدىڭ: خۇشال بولساڭ بۇدۇرۇق پۇتۇڭ بىلەن يىنىك تىپىپ قويۇشنى ئۆگۈنەتتىڭ؛ ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايتتىڭ؛ سېنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئاشىققا ئائىت ھەممە نەرسىلەرنى سېزىلەيدىغان بولاتتىڭ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن.

رەببىمىزنىڭ فەزلى بىلەن ئاشىقىم سالامەت ئىدى. دېمەك، سەنمۇ ساغلام ئىدىڭ. ساڭا شۇنچىلىك تەقەززا ئىدۇق. ئاستى قەۋەتكە چۈشتۇق. بۇ يەردە سېنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇنجى ئاۋازىڭنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بار ئىدى. نۇمۇر ئالدۇق ۋە دوختۇرنى بىر سائەت ئەتراپىدا ھاياجانلىق بىر كەيپىياتتا ساقلىدۇق.ئاخىرى ياردەمچى دوختۇر ئاپاڭنىڭ ئىسمىنى چاقىردى. مەنمۇ بىر خىل تارتنىش ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خۇشاللىقتا ئاپاڭغا ئەگەشتىم. ئىچىدە سېرىق بۇيالغان چاچلىرى دۇلىسىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان، خۇش چىراي بىر دوختۇر بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. ئاددىيلا سالاملاشتۇق ۋە بىر قاتار ئەھۋاللاشتۇق. ئاندىن تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى: ئاپاڭنىڭ قورسقىغا ياغدەك بىر نەرسىنى سۈركىدى،بىر ئۈسكىنىى قويدى-دە، ئىكراندا رەڭسىز سۈرەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

ئاشۇ رەڭسىز سۈرەتلەر سەن ئىدىڭ. بۇ سېنى تۇنجى رەڭسىز ھالەتتە كۆرۈشىمىز ئىدى. ئاپاڭمۇ، مەنمۇ شۇنچىلىك خۇشال ئىدۇق. دوختۇر ئىكراندىكى رەڭسىز شەكىلللەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: “ مانا بۇ قولى، مانا بۇ پۇتى؛ ماۋۇسى بولسا كۆزى، بۇ بولسا بېشى..“ دەپ بىزگە سېنىڭ ئەمدىلا يىتىلىشكە باشلىغان ئەزالىرىڭىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. گەرچە سېنى ئېنىق كۆرەلمىسەكمۇ، دوختۇر ھەر قېتىم “ بۇ ماۋۇ ئەزاسى “ دېگىنىدە خۇشاللىقتىن كۆزلىرىمىز چوڭ ئېچىلاتتى. سەن ئىكراندا رەڭسىز ئىدىڭ. ئەمما، كىچىكلىكىڭگە قارىماي، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل كائىناتتىكى بارلىق رەڭلەرنى ئۆزۈڭگە جەملىگەن بىر تەڭداشسىز مەۋجۇدات ئىدىڭ.

“ گۈپ-گۈپ،گۈپ-گۈپ…“

ئۈسكۈنىدىن تىز بىر رېتىمدا بۇ ئاۋاز كەلدى. “ بوۋىقىڭلارنىڭ يۈرەك سوقۇش ئاۋازى“ دەپ چۈشەندۈردى دوختۇر. ھاياجانلانغىنىمىزدىن يۈرىكىمىز كۆكرىكىمىزىدىن چىقىپ كەتكىلىۋاتاتتى؛ يۈرەكلىرىمىز سېنىڭ يۈرەك رېتىمىغا قوشۇلۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. يۈرىكىڭنىڭ ھەر قېتىم “ گۈپ-گۈپ “ قىلىپ سوقۇش ئاۋازىدىن پەرقلىق رەڭلەردىكى ئۈمىدلەرنى ھېس قىلىۋاتاتتۇق.

شۇ دەمدە ئىكراندا رەڭسىز سۈرەت ھالىتىدە زاھىر بولدۇڭ. لېكىن، قوزام، سەن ئاللىقاچان ھاياتىمىزغا رەڭ قېتىپ بولغان ئىدىڭ؛ ھاياتىمىزنىڭ رەڭگى، ئاشىقلىقىمىزنىڭ رەڭگى تېخىمۇ تويۇنۇپ، گۈزەل بىر تۈسكە كىرگىلىۋاتاتتى. سەن رەڭدار بىر ئۈمىد ئىدىڭكى، رەببىمىزنىڭ رەھمىتى بىلەن سېنى قولىمىزغا ئالغىنىمىزدا ھاياتىمىز، ھاياتلىق تېخىمۇ گۈزەل بىر قىياپەتكە كىرەتتى؛ شۇ ۋاقىتقىچە تىللىرىمىز رەببىمىزنى زىكىر قىلىش بىلەن، ئويلرىمىز سەن بىلەن، قوللىرىمىز ھەمىشە ساماغا ئېچىلغان ھالدا سېنى كۈتىمىز،قوزام.

قىسقىچە سۆيمەك

تىۋىش بلوگى رەسىم دوسكىسى

قىسقىچە سۆيمەك ئەسلىدە شۇنچىلىك ئاددىي ئىدى. ئەمما بىز ئىنسانلار  بۇنى تەسلەشتۈرىمىز.

مەسىلەن، بەزىدە بىرەرسى بولىدۇ، ئۆمۈر بويى ئۇنى تىڭشاپ چىقىسەن. ئەسلىدە مەن ساڭا چۈشەندۈرۈشنى ئويلىغان نەرسە دەل مۇشۇ ئىدى.

ھاياجانلانغىنىڭدىن بىر نەچچە كۈن تاماق يىيەلمەيتىڭ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئايلىناتتىڭ. بىر خىل تىنىمسىز بولۇپ قالاتتىڭ. پۈتۈن گۈزەللىكىڭنى، پۈتۈن ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئاتايدىغان بىر ۋاقىتلىرىڭ بولاتتى. بۇ دەل مەن سۆزلەۋاتقان سۆيمەك ئىدى.

—ھىكمەت ئانىل ئۆزتەكىن

 

يوقلۇق

يوقلۇق ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئادەمنى شۇنچىلىك خوش قىلىدۇكى، ئادەم ھەممە نەرسىگە ۋاقىرىغۇسى كېلىدۇ: تاغلارغا قاراپ، ئاخىرى يوق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلدۇق، دەپ توۋلىغۇسى، سۇلارغا قاراپ ،نىمانچە گۈزەل دۇنيا بۇ، دېگىنىچە چىقىرغۇسى كېلىدۇ؛ بەزىدە ئىنساننى شۇنچىلىك  ئازاپلايدۇكى، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى ۋە مەنىسى قالمىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ: ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، ئۆزىنى كاچاتلايدۇ، كىملەرنىدۇ تىللىغۇسى-كۈچى يەتسە يوقلۇققا سەۋەپ بولغان ئاشۇ رەزىل ئادەملەرنى، پەس نەرسىلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ چەيلىگۈسى، شۇ ئارقىلىق يوقلۇقنىڭ ئازابىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ۋە ھەتتا ئاشۇ يوقلۇق بىلەن بىرگە مەنمۇ يوق بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.

يوقلۇق غەلىتە بىر نەرسىكى، بارىدا ئىنسانغا بىلىنمەيدۇ، ئېنىقراقى ئىنسان بىلمەيدۇ ياكى قەستەن بارلىقىدىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ، ئارقىسىدىن گەپ تاپىدۇ، ۋە ھەتتا ئورا كولايدۇ، ئېشىغا زەھەرقاتىدۇ؛ ئەمما يوقلۇقىدا- ئايرىلغىنىدا، قولدىن كەتكىنىدە ئىنسانغا قەدرى شۇنچىلىك ئۆتىلىدۇكى، يوقلۇقنىڭ باشلانغان كۈنىلا پۈتۈن دۇنيا يوقلۇق ئىگىسىنى ياللىمىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ: تەمتىرەيدۇ، گاڭگىرايدۇ، يوقلۇق ھەققىدە قەسىدىلەر، مەرسىيەلەر يازىدۇ…

يوقلۇق ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇرىغان بىر ئەپسۇنغا ئوخشايدۇ. بەزىلەر بۇ ئەپسۇننىڭ تەسىرە ئادىشىدۇ، ئۆزىنى يوقىتىدۇ، ھايات مەقسەتلىرىدىن يىراقلىشىدۇ؛ بەزىلەر ئەپسۇننىڭ بىر مىراسخورى بولمىغانلىقىدىن ھەسرەت چىكىشىدۇ ۋە ئويغىنىدۇ، يولىنى قايتىدىن تاپىدۇ.

يوقلۇق ئاسماندىن ۋاقىتسىزلا ئۆچكەن چولپان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇكى، ئىنسانلار كېچىنى گۈزەل قىلىدىغان بۇ يۇلتۇزنى قايتا كۆرەلەرمىزمۇ دېيشكىنىچە باشلىرىنى قاماللاپ ئاسمانغا باقىدۇ: بەزىلەرگە ئاسماندا قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسە كۆرۈلمەيدۇ؛ بەزىلىرى بولسا غۇۋا بولسىمۇ ئاجىز چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارنى كۆرىدۇ ۋە يوقلۇقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يولىغا چۈشىدۇ.

يوقلۇق ئىككى يۈزلۈك ئادەمگە ئوخشايدۇ: بىر يۈزىدە دۈشمەنگە كۈلۈپ باقىدۇ، يەنە بىر يۈزىدە دوستقا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قايغۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، كىممۇ بىلسۇنكى، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ كۈلكىسىگە ئالدىنىدۇ، دوستلار قايغۇسىدا، سېغىنىشىدا سەگەكلىشىدۇ، ئويغىنىدۇ، ئاخىرىدا ئىسيان كۆتۈرىدۇ. شۇنداق ئىسيان كۆتىرىدۇكى، قولىدىكىنى قەدىرلەيدۇ، يوقلۇقنى ۋە قولىدىن كەتكەنلىرىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۈرەش قىلىدۇ.

يوقلۇق ئەسلىدە يوقۇلۇش ئەمەس قايتىدىن بار بولۇش، بار قىلىشتۇركى، بۇنىڭسىز بارلىقنىڭ ھېچ قەدرى بىلىنمەيدۇ، ئىنسان نانكورلۇق يولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا يوقلۇققا- سېغىنىشقا، قولدىن كېتىشكە ئۈمىدۋارلىق بىلەن باقماق كېرەك، ”سەپىرىڭ ئەڭ گۈزەل بىر مەنزىلگە قاراپ داۋاملاشسۇن“ دېمەك كېرەك….

قۇرىغان توغراق

ئەنە،

چوقچىيىپ تۇرىدۇ قۇملار دۆۋىسىدە،

ئادەم سۆڭىكى.

ئىدى ئۇ ئىنساننىڭ سۆڭەك-يىلىكى

قوغداپ كەلگەن ئۆلۈمدىن ئۇنى.

لېكىن ئىنسان

كېسىۋەتتى، قۇرۇتتى ئۇنى.

ئەنە،

قۇپقۇرۇق سۆڭەك

خۇددى بىر قاقشال

تەكلىماكاندىكى.

ئازغۇن شاماللار توختىماي يالماپ

قالدۇرۇپ قويغان ئۇستۇخۇنىنى…

يەتمىدى يەنە.

ئوتۇنچى بوۋاي

تېرىۋېلىپ جاڭگالدىن ئۇنى

ئوت قالىدى، سورىۋەتتى كۈلىنى، ئۇنى…

شۇندىلا

ئوتمۇ ئۆچتى بىر بۇران بىلەن

ئىنسان كۆمۈلدى قۇمنىڭ ئاستىغا…

 

مەس ئادەم ۋە ئالدىراڭغۇ رىئاللىق

ھاراقلا ئادەمنى مەست قىلمايدۇ. بەزىدە ئادەمنى گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بىر پارچە شىئىر ياكى بىر پارچە رەسىم، ۋە ھەتتا گۈزەل بىر سەتەڭ ياكى كېلىشكەن بىر يىگىتمۇ ئادەمنى مەس قىلىپ قويۇشلىرى بار.

ئادەمنى شاراپلا مەست قىلمايدۇ. بەزىدە بىرىگە ياكى بىر شەيئىگە ئاجايىپ ئامراق بولىسەن-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ ئۇنىڭغىلا ئىنتىلىدۇ، ئۇنىلا ئىستەيسەن، كۆزۈڭ ئۇنىڭدىن باشقىسىغا كور، قۇلىقىڭ ئۇنىڭ سۆزىدىن باشقىسىغا پاڭ، پۇتۇڭ ئۇنىڭ يولىدىن باشقا يولغا كەلگەندە ھارغىن ياكى توكۇر بولىۋالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە مەست بولغىنى جىسمىڭ ئەمەس روھىڭدۇر بۇ ۋاقىتتا. بەدىنىڭ مەست بولسا بىر دەمدىن كېيىن يېشىلگىنى بىلەن، روھىڭ، كۆڭلۈڭ مەست بولدىمۇ، بەزىدە بىر ئۆمۈر مەستلىكتە يۈرىشىڭ مۇمكىن. بۇ مەستلىكتىن يېشىلىشىنىڭ بىر يولى ئاشىق بولغان ئادەم ياكى شەيئىنىڭ ۋەسلىگە يېتىشتۇر. لېكىن رىئاللىق ھەمىشە ئالدىراڭغۇ كەلگەچكە، ياكى نازى كۆپ قىزدەك قىلىقلىرى كۆپ بولغاچقا ۋىسال جامالىنى ساڭا كۆرسەتمەيدۇ ۋە يۈرىكىڭنى تىلىدۇ، باغرىڭنى كۆيدىرىدۇ. رىئاللىق كۆپۈنچە ھاللاردا  ”ياق“ دېيىشكە بەك ئامراقتۇر، ئويلاشمايلا قارارىنى ئالدىڭغا ئاتىدۇ ياكى سېنىڭ تاقىتىڭنى سىنىماقچى بولغاندەك قەستەن نازلىنىپ تۇرىۋالىدۇ. ئەنە شۇنداق نازلار بىلەن ئالدىراڭغۇ رىئاللىق بىر ئاشىقنىڭ يولىغا تىكەنلەرنى چاچىدۇ ۋە قەستەن ۋىسالدىن مەھرۇم قويماقچى بولىدۇ. دېمەككى، ئاشىقنىڭ مەستلىكدىن يېشىلىنىڭ بىر يولى ئېتىلىدۇ. ئەمما،  ئاشىق نېمىگە ئاشىق بولدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. سەن ۋاقىتلىق بولغان شەيئىلەرگە ئاشىق بولساڭ ئاقىبەت دەل ئۈستىدە ئېيتقاندەك بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئاشىق ھەمىشە ۋىسال ئىچىدە ياشايدۇ ۋە يارى بىلەن ھەردائىم بىرگە بولىدۇ ۋە  ئاشىقى ئۇنىڭدىن رازى بولغان، ئۆزىمۇ سۆيگىنىدىن رازى بولغان ھالدا ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. قسىقا ۋە ھەق گەپ شۇكى، روھىي مەستلىك كىمگە ۋە نېمىگە شەيدا بولۇش ۋە ئاشىق بولۇشقا قاراپ ھەم گۈزەل ئىشتۇر، ۋە شۇنداقلا ئاشىقنىڭ ھاياتىنى خورىتىدىغان، ئايىغى چىقماس چىركىن ئىشتۇر.

ئەي روھىي مەستلىك يولىغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئاشىق! تاللاش يەنىلا سېنىڭدۇر. كەسكىن بىر قارار بەرگىنكى، بىر ئۆمۈر نادامەتتە ياشا ياكى بىر ئۆمۈر ھۇزۇر-ھالاۋەتتە.

 

ئۈچ تەرجىمە-ئۈچ مەنا

شاتۇت ۋە قاغا

بىر كۈنى قەپەزدىكى خاتىرجەم شاتۇت بىر قاغىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكگە ھەۋەس قىلىپ كېتىپتۇ. قاغا بولسا شاتۇتنىڭ بەھۇزۇر تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مەسلەھەتلىشىپ ئورنى ئالماشتۇرماقچى بولىشىپتۇ. قاغا قەپەزگە كىرگەندىن كېيىن خۇجايننىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئىرىشەلمەي، ئەڭ ئاخىرىدا  زىرىكىپ چۈشكۈنلۈكتە ئۆلۈپتۇ؛ ئۇزاق مەزگىل بەھۇزۇر ياشاپ كەلگەن شاتۇت بولسا سىرتتا مۇستەققىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەي، ئاخىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ.

 ئۆزىڭىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇڭكى، باشقىلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ، بەلكىم ئۇنىڭ بەخىت سىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

 

يوقىتىش ۋە ئېرىشىش

بىر كۈنى مۇئەللىم بالىلاردىن مۇنداق بىر سۇئال سوراپتۇ :“ بىر ئادەم سۇ قايناتماقچى بولۇپ ئوت يېقىپتۇ. يېرىم سائەتتىن كېيى قارىسا ئوتۇن يىتەرلىك ئەمەستەك، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟“ بەزى ساۋاقداشلار دەرھال بىرىپ ئوتۇن ئىزدىشى كېرەك دېسە، بەزىلىرى ئوتۇن ئارىيەت ئېلىپ كىلىشى كېرەك دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ، يەنە بەزىسى ئوتۇن سېتىۋېلىپ ئەكىلىشى كېرەك دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.  مۇئەللىم مۇنداق  دەپتۇ :“ نىمىشقا چەينەكتىكى سۇدىن ئازراق تۆكىۋەتسە بولمايدۇ؟“

شۇندىلا ئوقۇغۇچىلار شۇنى ھىس قىلىشىپتۇ: دۇنيادا ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ئىرىشىمىز دەيدىكەنمىز بەزى نەرسىلەرنىڭ مەرىدىن كىچىشىمىز كېرەككەن. ئادەملەر ئىزدەۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر قانداقتۇ كۆز يەيمەتدىغان يىراقلاردا ئەمەس، بەلكى كۆزىنىڭ ئالدىدىلا ئىكەن.

 

سىزدە ھەممە نەرسە بار

بىر نامرات ئادەم تەڭرىدىن سوراپتۇ: “ مەن نىمىشقا بۇنداق نامرات؟ تەڭرى جاۋاپ بىرىپ دەپتۇ:“ چۈنكى سەن باشقىلارغا بىرەر نەرسە بىرىشنى ئۇقمايسەن.“

نامرات: “ مېنىڭ ھېچنىمەم بولمىسا قانداقسىگە باشقىلارغا بىرنەرسە بىرەلەيمەن“

تەڭرى  ئېيتىپتۇ :“ بىر ئادەمنىڭ ھېچنىمىسى بولمىسىمۇ ئوخشاشلا باشقىلارغا يەتتە تۈرلۈك نەرسىنى بىرەلەيدۇ؛ چىراي سەدىقىسى- كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئىش بىجىرىش؛ سۆز سەدىقىسى-باشقىلارنى ماقتايدىغان، ئۇلارغا تەسەللىي بىرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش؛ يۈرەك سەدىقىسى- كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭرى تۇتۇپ باشقىلارغا مۇلايىم بولۇش؛ كۆز سەدىقىسى-باشقىلارغا ياخشى كۆز بىلەن قاراش؛ بەدەن سەدىقىسى- ئەمەلىي ئىشى بىلەن باشقىلارغا ياردەمدە بولۇش؛ ئورۇن سەدىقىسى-كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارغا ئورۇن بېرىش؛ ئائىلە سەدىقىسى-بىر-بىرىگە ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن مۇمىلە قىلىش.“