سەھىپە ئارخىپلىرى: ئەدەبىيات تاپشۇرۇقلىرى

بۇ سەھىپىدە بلوگ يازغۇچىسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات تاپشۇرۇقلىرى مەۋجۇت

قۇرىغان توغراق

ئەنە،

چوقچىيىپ تۇرىدۇ قۇملار دۆۋىسىدە،

ئادەم سۆڭىكى.

ئىدى ئۇ ئىنساننىڭ سۆڭەك-يىلىكى

قوغداپ كەلگەن ئۆلۈمدىن ئۇنى.

لېكىن ئىنسان

كېسىۋەتتى، قۇرۇتتى ئۇنى.

ئەنە،

قۇپقۇرۇق سۆڭەك

خۇددى بىر قاقشال

تەكلىماكاندىكى.

ئازغۇن شاماللار توختىماي يالماپ

قالدۇرۇپ قويغان ئۇستۇخۇنىنى…

يەتمىدى يەنە.

ئوتۇنچى بوۋاي

تېرىۋېلىپ جاڭگالدىن ئۇنى

ئوت قالىدى، سورىۋەتتى كۈلىنى، ئۇنى…

شۇندىلا

ئوتمۇ ئۆچتى بىر بۇران بىلەن

ئىنسان كۆمۈلدى قۇمنىڭ ئاستىغا…

 

خۇشاللىق ئىزدەش

يازنىڭ شوخ سۇلىرىغا قاراپ ئويغا چۆكۈپ كەتتىڭ. سەن ئويلايتتىڭ: ئەجەپ سۇلار-ھە! بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ھارمايدۇ، شىلدىرلاپ زادى ھارمايدۇ. بەزىلەر سېنىڭ دولقۇنلۇشۇڭنى ئۆزىنىڭ غەزەپلىنىشىگە سىموۋۇل قىلسا، سېنىڭ كېمەيگەنلىكىڭنى ئىچ پۇشۇقىغا ئوخشىتىشىدۇ. ئەمما سەن بۇلارغا پەرۋاسىز. لېكىن سەن خۇشاللىقنىڭ سىموۋۇلىسەن. چۈنكى ئۆزۈڭنىڭ ھەربىر تامچىسى ئارقىلىق قاغجىرىغان زىمىننى سۇغۇرىسەن، سۇلاشقان دەرەخلەرنى، گۈل-گىياھلارنى، ئوت-چۆپلەرنى ياشارتىسەن. دېمەك تەبىئەتنى بەھرىمەن قىلدۇرىسەن. شۇڭا سەن پەقەت خۇشاللىقنىڭلا سىموۋۇلىسەن، باشقا نەرسىنىڭ ئەمەس. خۇشاللىق ئىزدىگۈچىلەر سېنى ئىزدەشسۇن، سېنىڭ مېھنەتسىز روھىڭدىن ئۆگەنسۇن.

سەن سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئويغا چۆمگەن ئىدىڭ. شۇنداق ئولتۇرۇۋىرىپ ساڭا سايىۋەن بولۇپ تۇرغان دەل-دەرەخلەرنىڭمۇ غازاڭ تاشلاشقا باشلىغانلىقىنى سەزمەيلا قالغان ئىدىڭ. بىرنەچچە تال ساپ-سېرىق يۇپۇرماق كۆز ئالدىڭدىن خۇددى ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك ئۇچۇپ چۈشكىنىدە ئاندىن كۈزنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى، پۇتۇڭنىڭ ئاللىقاچان تۆكۈلگەن غازاڭلار ئارىسىدا كۆرۈنمەيلا قالغانلىقىنى بايقىدىڭ. ئېغىر ئۇھسىنغىنڭچە يىراقلارغا نەزەر تاشلىدىڭ. بۇ پەيتتە يىراقتىن مۇڭلۇق ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆزلىرىڭگە يىراقتا قوي بېقىۋاتقان پادىچى بالا، شادا چېپىۋاتقان دېھقانلار تاشلاندى. يەنە ئويغا چۆمدۈڭ:نېمە دېگەن شادىمان كىشىلەر-ھە! توغرا، ئۇلار خۇشال بولۇشقا ھەقلىق. چۈنكى ئۇلار بەدەل تۆلەشنى ھەم بىلىدۇ، بەھىرلىنىشنىمۇ بىلىدۇ. يېزىچە تەرلەپ-پىشىپ ھاردىم دېمەي بەدەل تۆلەيدۇ. كۈزدە، قىشتا باشقىلار بىلەن ھوسۇلىدىن تەڭ بەھىرلىنىدۇ، خۇشال ناخشا ئېيتىشىدۇ. خۇشاللىق ئىزدىگۈچىلەر ئەنە شۇلاردىن ئۆگەنسۇن، قانداق بەدەل تۆلەشنى، قانداق ھۇزۇرلىنىشنى ھەم باشقىلارغا ھۇزۇر بەخش ئېتىشنى ئۆگۈنىۋالسۇن.

يۇپۇرماقلار شامالدا ھەريان ئۇچۇشماقتا. ئەمما ئويلۇرۇڭ ئاۋۋالقىدەكلا جىمجىت. ھاۋا تېخىمۇ سوۋۇپ، ئۆتكۈر خەنجەرلىرىنى يۈزلىرىڭگە سانجىماقتا. بىراق سەن يەنىلا ھەممىگە پەرۋاسىز، ھېچنىمىنى سەزمىگەندەك ئولتۇراتتىڭ. ئاخىرى ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى كۆز ئالدىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە ئاندىن قىش پەسلىنىڭ بۇ ماكانغا سالامغا كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىڭ. لەپ-لەپ يېغىۋاتقان قار زىمىننى تازلىماقچى بولىۋاتاتتى. شۇنداق تۇرغىنىڭدا سوغۇق بىرنەرسە ئۇچۇپ كەلگەنچە يۈزىڭگە تەگدى. قار توپى ئۇچۇپ كەلگەن تەرەپكە قارىدىڭ. ئوماققىنە بىر قىز ساڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ قىز كۆزۈڭگە خۇددى قىزىل گۈلدەكلا كۆرۈنگىلىۋاتاتتى. قىزنىڭ سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەن ئىككى مەڭزىدە كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ ئاشۇ تاتلىق كۈلكىسى ئارقىلىق سېنى خۇشال قىلماقچى بولاتتى. “ ھوي، گالۋاڭ. ئولتۇرىۋەرمەي قوپۇڭە ئورنىڭىزدىن. قار ئېتىشىپ ئوينايمىز. “ سىڭلىڭنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، قولۇڭ سوغۇقتىن تىتىرەپ تۇرسىمۇ قارنى ئۇچۇمداپ ئېلىپ ئېتىشقا باشلىدىڭ. كۆڭلۈڭ تىل بىلەن تەرىپلىگۈسىز خۇشاللىققا تولىغىلىۋاتاتتى. سەن سىڭلىڭغا قار ئاتقاچ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدىڭ. ئەتراپىڭ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى. سەن بۇ مەنزىرىلەرگە قاراپ ئۆزۈڭگە پىچىرلىدىڭ: مانا بۇ سىز، ئۇ ۋە مەن قاتارلىقلار ئىزدەۋاتقان خۇشاللىق. خۇشاللىق ئىزدىمەكچى بولسىڭىز مانا مۇشۇ كىشىلەردەك ئۆزىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئەمگىكى ئارقىلىق، ئاددىيغىنا كۈلكىڭىز ئارقىلىق باشقىلارغا ھۇزۇر، خۇشاللىق تۇيغۇسى بەخش ئىتىڭ.

قاچانلاردىدۇ قولۇڭدىكى قارنىڭ ئىرىپ كەتكەنلىكىنى، ئەتراپىڭنىڭ يەنە يېشىللىققا پۈركۈنۈشكە باشلىغانلىقىنى بايقاپ قالدىڭ. ئاندىن ئۆزۈڭگە “ باھار كەپتۇ “ دەپ پىچىرلىدىڭ كۈلۈمسىرگىنىڭچە. راست، باھار كەلگەن ئىدى، يېشىللىق ئەلچىسى كەلگەن ئىدى. يىراقلارغا نەزەر تاشلىدىڭ. يېشىللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقچى بولدۇڭ. كۆزۈڭگە تاشلانغىنى لەگلەك ياساۋاتقان كىچىك بىر بالا بولدى. سەن ئۇنىڭغا ئاخىرغىچە قاراپ ئولتۇردۇڭ. ئۇ ئاخىرى لەگلىكىنى ياساپ بولدى. لەگلەك ئۈستىگە “ خۇشاللىققا چۆمگەن كۈنلەر “ دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. ئۇ لەگلەكنى ئۇچۇردى. لەگلەكنىڭ ئۇچىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ چىھرىدا، ئەتراپتىكىلەرنىڭ چىھرىدا ھەم سېنىڭ چىھرىڭدىمۇ كۈلكە جىلۋىلىنىشكە باشلىدى. بالىلار لەگلەككە قاراپ چۇقۇرىشاتتى. كۈن چىقىش تەرەپتە بولسا بىرنەچچە كىشى يەر ھەيدەۋاتاتتى. ئۇلار تۇرۇپ-تۇرۇپ ناخشا توۋلاپ قويىشاتتى. شۇ ۋاقىتتا بىر بالىنىڭ “ تاغا، لەگلىكىمنىڭ يىپىنى ئىلىۋالدىڭىز “ دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. سەن ئۇ بالىغا قارىدىڭ. ئۇ سەبىيلەرچە كۈلۈمسىرەپ ساڭا قاراپ تۇراتتى. قاپقارا كۆزلىرى بولسا نېمىدىندۇر خەۋپسىرىگەندەك مۆلدۈرلەيتتى. “ لەگلىكىڭىزنىڭ يىپىنى تۇتىۋالسام نېمە بولىدۇ، ئوماق ئۇكام “ دەپ سورىدىڭ ئۇنىڭدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. “ نېمە بولاتتى، يىپى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ-،دە لەگلىكىم چۈشۈپ كىتىدۇ. قىلغان ئەمگىكىم بىكار بولىدۇ، كۆڭلۈم غەش بولىدۇ، خۇشاللىغىم يوق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئەتراپتىكى لەگلىكىمنىڭ ئۇچۇشىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان دوستلىرىمنىڭمۇ، سىزنىڭمۇ خۇشاللىغىڭىز يوق بولىدۇ “ دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ تەمكىنلىك بىلەن. كىچىك بالىنىڭ چۈچۈك تىلى بىلەن قايتۇرۇلغان جاۋاپ خىيال خۇشلىرىڭنى يەنە ئويغاتتى: راست،تۆلىگەن بەدەل بىكارغا كەتسە، زىيان تارتىدىغىنى سىزلا ئەمەس، بەلكى دوستلىرىڭىزمۇ زىياننى تەڭ تارتىدۇ، كۆڭۈللەر غەش بولىدۇ. سىز مەلۇم نەرسىدىن ئۆزىڭىزلا بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن پايدىلانسىڭىز ياكى ئۇنى توپلىسىڭىز بۇنىڭدىن ھەرگىز خۇشاللىق ھىس قىلالمايسىز. چۈنكى سىز ئادەم، ئادەم ئادەم بىلەنلا ئاندىن ئادەم. شۇڭا قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن باشقىلارمۇ بەھىرلىنىشى كېرەك. شۇندىلا ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقا ئىگە بولالايسىز.

ئانا تىلىم جان تىلىم

بۇ نەسىر گەرچە بۇنىڭىدىن 7-6 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ قايتا قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈمگە شۇنچىلىك يېقىشلىق بىلىندى. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، ئانا تىل مەدىيھلەنگەن تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنداق بولماي تۇرالىسىۇن. بۈگۈنكى خەلىقارالىق ئانا تىل بايرام كۈنىدە چۈچۈك، ئاددىي تىللار ئەمما چىن سەمىمىيەت بىلەن يېزىلغان، پىشمىغان نەسىرنى ئەزىز دوستلۇرۇمغا سۇنغۇم كەلدى. ئانا تىلىغا پۇقتا، باشقا تىلغا ماھىر كىشىلىرىمىز ئامان بولسۇن. كىچىك سەبىيلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتىۋاتقان، ئانا تىلىدا دەرس ئۆتىۋاتقان بارلىق مۇئەللىم-مۇئەللىمەلەر ئامان بولسۇن. ئانا تىلىم ئامان بولسۇنكى، ئوغۇل-قىزلىرىمغا(ناۋادا شۇ كۈن نىسىپ ئىتىلسە) مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىلى، ئامانىتى ئىدى، ئەجدادلىرىڭنىڭ تىلىدا كۆكلە، ئۆرلە، ئىگىزلەردە پەرۋاز قىل دېيەلەي.

بۇ چاغ قۇياش مەنزىلىگە قايتىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. كەچكى شەپەق بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ ئۆزگىچە بىر تۈسكە كىرگۈزگەن بولۇپ، قارا تۈن پەردىسى ئارقىسىغا ئۆزىنى ئېلىۋاتقان قۇياش نۇرى دەرەخلەرنىڭ غازاڭلىرىدا ئالتۇن رەڭدە جىلۋىلىنەتتى.

ۋاي ئاللا، ۋاي ئاللا….

ئەنە، ئالتۇن نۇر قوينىدىكى غېرىپ كەپىدىن يۈرەكلەرنى ئىزىدىغان دۇلان مۇقامى ياڭرىماقتا…. شۇنداق مۇڭلۇق، ئاجايىپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئېيتىلىۋاتقان دۇلان مۇقامى.. دۇلان مۇقامىدا ئانا تىلىمنىڭ، ئانامنىڭ تىلىنىڭ، ئاتامنىڭ تىلىنىڭ يۈكسەك پاساھىتى نامايەن بولماقتا.

ئەي ئانا تىلىم!  ئانامنىڭ تىلى سەن؛ ئاتامنىڭ تىلى سەن؛ بوۋا-مومىلىرىنىڭ تىلى سەن؛! ئەي دۇلان مۇقامىدا، ئون ئىككى مۇقاملاردا جىلۋىلىنىۋاتقان ئانا تىل! تۇنجى قېتىم تىلىم چىقىپ “ ئانا، نان.. “ دېگىنىمدە مەن سېنىڭ ئارقىلىق بالىلىق قەلبىمنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا سېنى ئانامنى ئەزىزلىگەندەك ئەزىزلەيمەن.

تاڭ سەھەر. دوقمۇشتىكى ئاددىي ئۆي ئىچىنى تۈڭلۈكتىن چۈشىۋاتقان ئاي نۇرى غۇۋا يۇرۇتماقتا. مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆي ئىچىدىن بوۋاقنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەنە، ئانا-ئانىمىز ئانا تىلدا ئانىسىغا ئۇيقۇسىزلىقتىن شىكايەت قىلىۋاتقان ئوماق بوۋىقىنى ئاستا پەپىلىمەكتە. بوۋاق توختىماي يىغلىماقتا… ئانا بوۋىقىغا ئېيتتى: “ ئوماق قوزام. كۆزۈمنىڭ قارچۇقى ئاپپىقىم قوزام، يىغلىماڭ-ھە. سىزگە ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي ھازىر. “ ئانا بوۋىقىنى پەپىلىگەچ ئاسماندىكى ئايغا قاراپ ئەللەي ناخشىسىنى باشلىدى:

ئەللەي بالامنى بۆلەيمەن، ئالتۇن تاغقا يۆلەيمەن.

ئەللەي بالام ، ئەللەي، ئەللەي

ئەللەي بالامنىڭ ئەللىسى بار، يۇمىلاق تاشتەك كاللىسى بار،

ئەللەي بالام، ئەللەي،ئەللەي.

مۇڭ ئېيتىلغان ئەللەي ناخشىسىنىڭ تەسىرىدە بوۋاق يىغىدىن توختىدى. قاپقارا جام كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ئانىسىغا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ ئاجىز كۈلكىسى ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. بۇۋاقنىڭ كۈلكىسىدىن، قاپقارا كۆزلىرىدىن، ئۇماققىنا يىغا ئاۋازىدىن ئانا تىلىمنىڭ گۈزەللىگى، نەپىسلىكى تۆكۈلۈپلا تۇراتتى.

ئەي ئانامنىڭ، ئانىلىرىمنىڭ ئەللەي ناخشىلىرىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئانا تىلىم! سەن دۇنيادىكى نۇرغۇن قۇشلار ئارىسىدا توختىماي سايراۋاتقان بىر قۇش. مەن بوۋاقلىق چاغلىرىمدىن باشلاپلا سېنىڭ ئاۋازىڭ ئاستىدا چوڭ بولۇپ كېلىۋاتىمەن. سېنڭى ئاۋازىڭ مېنىڭ قەلبىمگە ئەم. سەنسىز بۇ بىمار قەلبىم مەڭگۈ شىپا تاپمايدۇ.

پىللىداپ يېنىپ تۇرغان شام ئاستىدا ياشانغان بىر بوۋاي كىتاپ كۆرىۋاتاتتى. بوۋاينىڭ ئالدىدا توم-توم كىتاپلار تىزىقلىق تۇراتتى: “ ئۇغۇزنامە ”، “ قۇتادغۇبىلىگ“، “ تۈركى تىللا دىۋانى“…… ۋە يەنە باشقا كىتاپلار. ئۇ كىتاپلارنى ئاستا ۋاراقلىدى-دە، ئۆتكەنكى تارىخلار ئارىسىغا كېتىپ قالدى.

ئەنە، ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس، دۇنيا تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى بولمىش بوۋىمىز مەھمۇد بىننى ھۈسەييىن قەشقەرى تۇغۇلغان ماكاندىن ئايرىلىپ، پۈتكۈل تۈرك قەبىلىلىرىنى ئارىلىماقتا…

ئەنە، بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئالىم ۋە شائىر، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاسھاجىپ بوۋىمىز ئۆز خانىسىدا ئالەمشۇمۇل ئەسىرى “ قۇتادغۇبىلىگ “ نى يېزىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا…

ئەي “ تۈركى تىللا دىۋانى ”، “ قۇتادغۇبىلىگ “ تەك دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۇرۇق چولپان يۇلتۇزلىرى، سەركىلىرى بولمىش ئانا تىلىم! مۇشۇ يېشىمغىچە مەن سەن ئارقىلىق ئاز بولمىغان ئېنىقسىز نەرسىلەرنى بېلدىم. ئاتا-بوۋىلىمىزنىڭ پارلاق تارىخىنى، ئۇلارنىڭ قەيسەر روھلىرىنى، ئانا ۋەتىنىمنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ۋە ساناقسىز مەرد ئەزىمەتلەرنىڭ قېنى بىلەن پۈتۈلگەن تارىخلىرىنى، شۇنداقلا دۇنيا تارىخلىرىنى بىلدىم ۋە چۈشىنىپ كەلدىم.

ئەي ئانامنىڭ تىلى! سەن بۇ قىسقىغىنا ھاياتلىق سەپىرىمدىكى بىردىنبىر ياخشى ھەمراھىم، مېنى يۈكسەك مەنزىللەرگە يەتكۈزگۈچى تۇلپارىمسەن. سېنىڭسىز مەن بىر گاچا ئادەم؛ سېنىڭسىز مەن بىر توكۇر ئادەم؛ سېنىڭسىز مەن بىر زاۋاللىققا يۈزلەنگەن نادان ئادەم.

ئەي مېنىڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ تىلى بولمىش ئانا تىلىم! بىر قانچە تىللارنى ئۆگەنگەن بولدۇم، ئەمما ھېچقايسى بىرىدە ئويلىرىمنى، خىياللىرىمنى، سۆيگۈ-قەھرىمنى سەن ئارقىلىق ئىپادىلىگەندەك راۋان، سەن ئارقىلىق ئىپادىلىگەندەك راھەت ئىپادىلەشكە ئاجىز كىلىپ قېلىۋاتىمەن؛ سەن ئاتا قىلغان ھۇزۇرنى باشقا بىر تىلدىن تاپالمايۋاتىمەن. شۇڭا دەيمەن، سەن ماڭا جان بەرگەن، قان بەرگەن! سەن مېنىڭ بارلىغىم!