تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

تەرجىمىلەر

ئۆزۈم قىززىقچىلىقتا تەرجىمە قىلغان ۋە باشقىلارنىڭ نادىر تەرجىمىلىرىنى بۇ سەھىپىدە كۆرەلەيسىز.

قەيسەر ئۇرۇق The Seeds

قەيسەر ئۇرۇق بۇرۇنقى زاماندا تۆت دانە ئۇرۇقچە بولغان ئىكەن. ئۇلار بەك يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بېرىدە شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ  بىر تاقىر دالىغا ئەكىلىپ تاشلاپتۇ. ئۇلار بىخلىنىپ چىرايلىق دەرەخ بولۇشنى ئۈمىد قىلىشىپ تۇپىنىڭ ئاستىدا ئۇزاق يېتىپتۇ. لېكىن بىرىنچى ئورۇق بىخلىنىشقا باشلىغاندا ئۇلار كۆكلەپ دەرەخ بولۇشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشكە باشلاپتۇ. بۇ دالىدا بىر توپ مايمانلارمۇ ياشايدىغان بولۇپ، مايمۇنلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرى كۆزلىرىگە چېلىققانكى ئەمدىلا بىخ چىقىرىشقا باشلىغ ...

دەرەخ كامىرىغا قاپسىلىپ قالغان ئاچكۆز تۈلكە

بۇرۇنقا زاماندا بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. بىر كۈنى ئۇنىڭ قورسىقى قاتتىق ئېچىپ كېتىپ يەيدىغان نەرسە ئىزدەپ سىرتقا چىقىپتۇ. تۈلكە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھەممە يەرنى ئارىلاپ چىققان بولسىمۇ يەيدىغان بېرەر نەرسە تاپالماپتۇ. تۈلكە مۇشۇنداق مېڭىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر ئورمانلىققا يىتىپ كەپتۇ ۋە ئورمانلىقتىن يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە باشلاپتۇ.تۈلكە تۇيۇقسىز كامىرى بار بىر تۈپ چوڭ دەرەخنى كۆرۈپ قاپتۇ. تۈلكە بېرىپ قارىسا كامارنىڭ ئىچىدە بىر خالتا تۇرغان. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن تۈلكىنىڭ كۆڭلىگە خالتىنىڭ ئىچىدە چوقۇم يەي ...

بىر كۆزى يوق ئانام My mom only had one eye

بىر كۆزى يوق ئانام  ئانامنىڭ پەقەت بىرلا كۆزى بار  ئىدى.  ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا تاماق ئىتىدىغان ئىشنى قىلاتتى. ئۇ ماڭا نىسپەتەن شۇنداق بىر تەڭقىسلىق ئىدىكى، ئۇنى بەكلا ئۆچ كۆرەتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئانام مەندىن ئەھۋال سوراپ سېنىپىمىزغا كەپتۇ.  ئۇ كۈنى شۇنچىلىك ئوڭايسىزلاندىمكى، ئۇ نېمىشقا مېنى بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويىدىغاندۇ دەپ ئاچچىقلاپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن  يىرگەنگەندەك بىرنى ئالايدىم-دە، ئۇنىڭغا پىسەنىتمۇ قىلماستىن  سىن ...

ئۆچكە ۋە ئىگىدار The Goat and his Master

ئۆچكە ۋە ئىگىدار مىرسىر دېگەن يەردە بىر ئۆچكە بولغان ئىكەن. بۇ ئۆچكىنىڭ ئىگىدارى ناھايىتى مۇلايىم كىشى بولۇپ، ئۆچكىنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىپتۇ. بىر كۈنى ئۆچكە كۆڭلىدە ئويلاپتۇ:“ ئىگەم مەندىن ئىزچىل ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا بەك كۆپ قەرىزدار.“ شۇنىڭ بىلەن ئۆچكە ئىگىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېيتىپتۇ: “ بېرىپ بىر باي سودىگەرنى تېپىڭ ۋە ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۆچكەم يۈز دانە ھارۋىنى سۆرىيەلەيدۇ دەڭ. مېنىڭ بۇنداق قىلالىشىمغا يۈز دانە ئالتۇن تەڭگە تىكىڭ.“   ...

بىر تامچە سۇ The Drop of Water

بىر تامچە سۇ بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر كۈپتە  لىق ھەم پاكىز ھەم ساپ سۇلار ياشايدىكەن. بۇ كۈپتىكى ھەربىر تامچە سۇ ئۆزلىرىنىڭ شۇنچىلىك پاكىز ھەم ساپلىقىدىن بەكلا پەخىرلىنىدىكەن ۋە ھەركۈنى ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك پاكىزلىقى، قانچىلىك كۆركەملىكىنى دېيىشىپ بىر-بىرىنى ماختىشىشىدىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خۇشاللىق ۋە مەغرۇرلىقى ئۇزاققا داۋاملاشماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تامچە سۇ ئۆزىنىڭ  بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى پاكىز تۇرمۇشىدىن زىرىكىشكە باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تامچە مەينەت بىر تامچە سۇ بولۇشنىڭ قانداقرا ...

قاغا ۋە توز — كىم ئەڭ بەخىتلىك؟The Crow and Peacock- Who is Happy

قاغا ۋە توز– كىم ئەڭ بەخىتلىك؟ بىر قاغا بولۇپ ئۆز تۇرمۇشىدىن ھەقىقەتەن رازى ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىر ئاققۇنى ئۇچۇرىتىپ قاپتۇ. “ بۇ ئاققۇ ئاپئاق ئىكەن، مەن بولسام قاپقارا…“ دەپ ئويلاپتۇ قاغا، “ ئاققۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قۇشمۇ نېمە.“ شۇنىڭ بىلەن قاغا ئويلىغانلىرىنى بېرىپ ئاققۇغا ئېيتىپتۇ. “ ئەمەلىيەتتە،“ جاۋاپ بېرىپتۇ ئاققۇ، “ ئاشۇ ئىككى خىل رەڭلىك شاتۇتىنى كۆرۈشنىڭ ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قۇش دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم. ھازىر ...

ئەڭ گۈزەل يۈرەك -The most beautiful heart

  ئەڭ گۈزەل يۈرەك بىر كۈنى بىر ياش يىگىت بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا كىشىلەرگە ئۈنلۈك-ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى. ”ھەي ئادەملەر. ماڭا قاراڭلار. مېنىڭ يۈرىكىم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق يۈرەك.“ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنىڭ شەكلى ناھايىتى ئۆلچەملىك، ئازراقمۇ ئەيىبى يوق بولۇپ ئادەمنى  خېلى ھەيران قالدۇرۇپ قوياتتى. يىگىتنىڭ يۈرىكىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا مەپتۇن بولۇشۇپ يىگىتنى ماختىشىۋاتاتتى. شۇنداق تۇرغاندا بىر ياشانغان ئادەم ...