تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

تەرجىمىلەر

ئۆزۈم قىززىقچىلىقتا تەرجىمە قىلغان ۋە باشقىلارنىڭ نادىر تەرجىمىلىرىنى بۇ سەھىپىدە كۆرەلەيسىز.

بەختىممۇ سەن، تەختىممۇ سەن!!!

مەزكۇر تەرجىمەمنى مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان، مەن ئۈچۈن كېچەيۇ-كۈندۈز جاپا چىكىپ كېلىۋاتقان قەدىردان ئانامغا بېغىشلايمەن. بەختىممۇ سەن، تەختىممۇ سەن، ئەزىز ئانا!   بۇ سۆزلۈرۈم شۇنداق بىر ئايالغا تەقدىم. ئۇ شۇنداق بىر ئىنسانكى، ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ماڭا كۆڭۈل بەرگەن، يۈرىكىم شەكىلگە كىرمەستىنلا يۈرىگىمنى ئاسىراپ پەپىلىگەن، توققۇز ئاي ئۆزىگە “ بۇنداق قىلىشىم ھەرگىز بىكار كەتمەيدۇ“ دېگىنىچە، كۈچلىرى خوراپ، مادارى قالمىسىمۇ، گۇگۇمنى سەھەرلەرگە ئۇلاپ چىداپ كەلگەن تۇغۇت ...