تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خىياللار قەسىرى

يېڭىلىش (مۇشۇنىمۇ شىئىر دەمدىمىز؟)

ئالدى بىلەن ماۋزۇدىكى سۇئالغا ئىزاھات بىرىپ ئۆتەي قىسقىغىنا. چوڭلار قاپىيەسى بولمىسا، ھېچبىر مەناسى بولمىسا قانداقسىگە شىئىر بولىدۇ دەيدىكەن؛ يېڭىياچىلار شىئىردا قاپىيە، رېتىم… دەيدىغان بىر نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك دەيدىكەن. ماڭا نىسپەتەن، بەزىدە سۆزلەرنى قاپىيەگە تىزىپ باقىمەن، مەنالاردىن يىراقلاپ كىتىمەن؛ بەزىدە قاپىيە-رېتىم دېگەن نەرسىلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيمەن، يازغانلىرىمنىڭ تولىسىنى ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمەي قالىمەن.  شۇڭا دەيمەنكى، يازغانلىرىم شىئىرمۇ ئەمەس، نەسىرمۇ ئەمەس، پەقە ...

تەڭقىسلىق

    ئىش بىجىرگۈچى راست-يالغان ھۆججەت ئىسپاتلارنى ئالدىغا تارتتى ۋە ھەربىرنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويغاندىن كېيىن كۆز ئالدىدا بىر خىللا مەيۈسلىنىپ قاراپ تۇرغان كىشىگە ئىشنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇ ئاخىرى ئىشىنى تۈگەتتى. يالغان ئېيتتى، نۇرغۇن ماددىي ئىسپاتلارنى تەييارلىدى، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئىشىنى ئاخىرى تۈگىتىۋالغان ئىدى. لېكىن ئۇ  ئۆزى تىزراق پۈتىشىنى ئارزۇ قىلغان بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى پۈتكەنلىكىدىن ئانچە خۇشال ئەمەستەك كۆرىنەتتى. ئۇ ئىش بىجىرىش ئورنىدىن ئېيتىپ بولغى ...

قاتىل ۋە سوتچى

سوتخانا ئىشىكى ئۇچۇق ئىدى. مانا بۇ سوتنى ھەقىقى ئۇچۇق سوت دېيىشكە بولاتتى. ئۇ سوتخانا ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالغىنىچە تۇرۇپ قالدى:  كۆز ئالدىدا كەڭ كەتكەن بىر مەيدان، نە تۆت تەرەپتە تېمى، نە دەرىزىسى يوق؛ ھەتتا سودىيە ئۈستىلىمۇ، جاۋاپكارلار تۇرىدىغان، ئادۇكاتلار ئولتۇرىدىغان ئورۇنمۇ يوق. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئويلىغىنىچە بولسا سوتخانا دىگەن سىرتتىن قارىماققا بىر قاراشتىنلا ئادەمنى ئەيمەندۈرۈپ قويغۇدەك دەرىجىدە ھەيۋەتلىك بولسا بولاتتى. سوتخانا ئىچى بولسا سىرتىدىن سۈرلۈكرەك ...

ئۆرتىنىش

 بەزىدە شۇندا ھۇرۇن بولۇپ قالىمەن، ھېچنىمە خوشياقمايدۇ. شۇنداق ۋاقىتلاردا خىيال قۇشلۇرۇمنى نەلەرگىدۇ قويۇپ بىرىمەن، ئۇچسۇن، تەپەككۇر قىلسۇن دېگۈم كېلىدۇ. خىياللىرىم بەزىدە  تەسەۋۋۇر قوينىغا بىلىقچى قۇشلاردەك شۇڭغۇپ كىتىدۇ لېكىن قۇرۇق قول قايتىپ چىقىدۇ. بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باققۇم كېلىدۇ، يازغانلىرىمنى بەزىدە ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمەيمەن، ئەمما خاتىرىلەپ قويىمەن، بەلكىم ئۆزۈمنىڭ ئۆتمىشىنى خاتىرىلىۋېلىشنى، ئۆزۈمدىن ھېساب ئالماقنى ئىستەرمەن مۇشۇ ئارقىلىق.  تۆۋەندىكى تاققۇ-تاققۇ يازمىمۇ دەل شۇنداق باش- ...

سۆيگۈ ئىزھارى

– سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن. – قانداقسىگە دەيسىز؟ – سىز بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇنداق بىخەتەر ھىس قىلىمەن. گەرچە ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى شۇنداق يىراق بولسىمۇ، سىزنىڭ ئۇچۇرۇڭىزنى قۇبۇل قىلغان ۋاقتىمدا، نىمىشقىكىن خۇددى قوغدۇغۇچى پەرىشتەم يېنىمغا كەلمەكچى بولغاندەكلا خۇشال بولۇپ كىتىمەن. سىز بولغاچقىلا يوچۇن بىر شەھەردە خاتىرجەم يۈرىۋاتىمەن. سىز بولغاچقىلا خېلى -خېلى يەرلەرگە كىملىكىمنى كۆتۈرۈپلا كىرىپ چىقىمەن.قەلبىمنى ئۇنداق بۇلارمىكىن، مۇنداق بۇلارمىن دەيدى ...

تېڭېرقاش

تىلىڧۇن بىر ماروژناخانىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭغا ياندىشىپ پەرھاتمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈتتۈرگىلىۋاتاتتى، بەزىلىرىنى ئاللىقاچان يۈتتۈپ قويغانمۇ ئىدى. بۇلارنى ئۇ ئۆزى سىزەتتى. يېنىدا ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن دەپ دەۋا قىلىدىغان بىر چىشى سايە ئۇ بۈگۈن ئېرىشكەن بىردىنبىر نەرسە ئىدى. سايە ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن بېرى ھەمراھ ئىدى. ئارلىقتا يوقاپمۇ كېتەتتى. لېكىن ئۇ سايىگە ئاشىق ئىدى. سايە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كوچا ئايلانغان ۋاقىتتا خۇددى ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقاتقاندەك كۆپ نەرسىلەرنى ئېسىدىن چى ...

داپشاقلار1

بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى باشقىچە: كۆپكۈك ئاسماننى كۆرىۋالغانلىقدىن ئۆزگىچىلا روھلىنىپ ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىك قول تېلڧۇنىدا بولسىمۇ ئۇچۇرغانكى كۆك رەڭلىك مەنزىرىلەرنى رەسىمگە تارتىۋاتقان كىشىلەر كۆزگە چېلىقپلا تۇرىدۇ؛ ئاسمىنىدا كۈن پاقىراپ تۇرسىمۇ كۆزۈڭگە بىر خىل چاڭ-تۇزانلار كۆرۈنگىنى كۆرۈنگەن. پىژغىرىم ئاپتىپى ئادەمنى مۇزدەك سوغۇچ شامال پۈركۈپ تۇرغان ھاۋا تەڭشۈگۈچنىڭ ئاستىغا قىستىغىنى قىستىغان؛ بەزىدە بېرەر ھەپتىگىچە قوياشنىڭ چىھرىنى كۆرەلمەيدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىقى بۇنداق چاڭلاش ھاۋانى ...