ئۆرتىنىش

 بەزىدە شۇندا ھۇرۇن بولۇپ قالىمەن، ھېچنىمە خوشياقمايدۇ. شۇنداق ۋاقىتلاردا خىيال قۇشلۇرۇمنى نەلەرگىدۇ قويۇپ بىرىمەن، ئۇچسۇن، تەپەككۇر قىلسۇن دېگۈم كېلىدۇ. خىياللىرىم بەزىدە  تەسەۋۋۇر قوينىغا بىلىقچى قۇشلاردەك شۇڭغۇپ كىتىدۇ لېكىن قۇرۇق قول قايتىپ چىقىدۇ. بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باققۇم كېلىدۇ، يازغانلىرىمنى بەزىدە ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمەيمەن، ئەمما خاتىرىلەپ قويىمەن، بەلكىم ئۆزۈمنىڭ ئۆتمىشىنى خاتىرىلىۋېلىشنى، ئۆزۈمدىن ھېساب ئالماقنى ئىستەرمەن مۇشۇ ئارقىلىق.  تۆۋەندىكى تاققۇ-تاققۇ يازمىمۇ دەل شۇنداق باش-ئايىغىنى تاپقىلى بولمايدىغان، شېئىرمىكىن دىسەڭ شېئىر ئەمەس، نەسىرمىكىن دېسەڭ تېخى…. بىر قاتار قالايمىقان ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆزلەر جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت.

 

ئارمان

قۇرۇپ قالغان خورما شېخىدەك

چوقچىيىپ تۇرار

قەدىمىي شەھەردىكى قاقاس دالىدا.

بىراق

 ئىنتىلەر شۇنچە

ئىستەر تەلۋىلەرچە

بىر كۈنلەر كېلىپ

يامغۇردىن كېيىنكى دالىلاردەك

باھار ھارپىسىدىكى يېزىلاردەك

يېشىل سۇدىن قانغۇچە ئىچىپ

قۇرۇق شاخلارغا قايتا جان كىرسە؛

مۇدرۇق-مۇدرۇق بىخچىلار

بىر-بىرى بىلەن مۈكۈشمەك ئويناۋېتىپ

ئامراق دوستىنى تېپىۋالغان كىچىك بالىدەك

سۆز بىلەن تەرىپلىگۈسىز خۇشاللىقتا

ھارارەتلىك سۆيۈنۈشتە

ئىچ-ئىچىدىن، ۋىلىقلاپ كۈلسە.

ھەتتەڭ!

ئارمانلارغا يەتكەيمۇ؟

دەرمانسىز،

ھورۇنلۇق، ئىزەلمىلىككە كۆنگەن

ياۋايى  پۇتلار.

يېشىل تونىنى قايتا كەيگەيمۇ؟

قاشاڭ ئاپتاپلار چېقىپ

يۈگەنسىز بورانلار يالماپ

قۇرۇق ئۇستىخىنىلا قالغان،

شۇنداقتىمۇ

ئانا تۇپرىقىدىن قىيالمىغان

چەكسىز قۇملۇقنى ماكان تۇتقان ماكانسىز قۇشلارغا

كاشكى قونداق بولسامچۇ دەپ

ئېغىر خىياللارغا چۆمگەن

مادارسىز شاخلار.

تامامەن مۇمكىن.

قۇرۇق شاقلار ئۈستىدىكى قاغا ئۇۋىسىغا باق.

ئاشۇ چاڭگىلار ئىچىدە،

قاغىنىڭ ئەزىز ماكانى ئىچىدە،

بىر ئوت-چۆپ بار قۇرىغان، ئىسمى ئۇنىڭ چىم.

چوڭلار ئېيتىدۇ:

قاغا ئۇۋىسىدا مىڭ يىل تۇرغان چىم يىلتىزى

گەركى ھۆل يەرگە تەگسە يۈزى

ئاز ۋاقىتتا قايتىدىن ئېچىلغاي كۆزى.

ئارمان

دەرمانسىز بولساڭدا

ئارمانسىز بولما تۈگەل.

بىلكى،

ئارمانسىز، ئۈمىدسىز جانلارنىڭ

ھاياتلىق چىرىغى بىمەھەل ئۆچەر.

 

 

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز