ئاق رەڭ ۋە قارا رەڭ (Black and White)

 

بۇرۇن بۇرۇندىكەن، كائىناتتىكى مەۋجۇداتلار ئەمدى پەيدا بولىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. ئۇ ۋاقىت شۇنداق بىر يىراق زامان ئىكەنكى ھەتتا  يۇلتۇز ۋە سەيييارىلەرمۇ  تېخى سەبىي كىچىك بولۇپ، ئۇلار شۇ زامانلاردىكى ئالاھىدە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىكەن.  بۇ مەكتەپتە ئۆزگىچە بىر دەرس بار بولۇپ،  بۇ سىنىپتا ئوقۇيدىغان بالىلارمۇ بەك قىززىقچى بولغاچقا ھەممەيلەن بۇ دەرسكە بەك ئامراق ئىكەن. بۇ سىنىپتا بىر توپ كەپسىز بالا رەڭلەر ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئاق رەڭ دەمسىز، قارا رەڭ دەمسىز، قىزىل رەڭ، كۆك رەڭ، سېرىق رەڭ.. ۋە باشقا ھەممە رەڭلەر تېپىلىدىكەن.  بۇ كەپسىز رەڭلەرنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ رەڭلەردىن بولۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىشىدىكەن. بۇ سىنىپمۇ ئاشۇ مەخسەتتە، ئۇلارنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلغان ئىكەن.

بۇ بالا رەڭچاقلار  ناھايىتى قىززىقچى ۋە شوخ بولۇپلا قالماي ئىنتايىن كەپسىز ئىكەن. بولۇپمۇ ئاق رەڭ بىلەن قارا رەڭ بەك كەپسىز ئىكەن. بۇ ئىككىسى ھەمىشە ئۆزلىرىگە چاتاق تېرىپلا يۈرىيدىكەن ھەم دائىم دەرسكە كېچىكىدىكەن.

بىر كۈنى ئەتتىگەندە كائىنات ئاسمىنىدا ناھايىتى چوڭ بىر بىسەرەمجانلىق كۆرۈلۈپتۇ. ئاسماندا  يامغۇر ياغدۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتقان بىر مۇنچە بۇلۇتلار  توپى  پەيدا بولۇپتۇ. ئۇلار ئاسماندا تۇرۇپ ئۇزاق ۋاقىت يامغۇر ياغدۇرۇشنى مەشىق قىلىۋېرىپ قورقۇنۇشلۇق  بوران-چاپقۇن پەيدا قىلىپ قويۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئاسماننىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كېتىپتۇ. كىشىلەر بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق قايغۇرۇپ چۈشكىنلىشىپ كېتىشكە باشلاپتۇ. بۇران-چاپقۇن ئۆتۈپ كېتىپ قۇياش قايتىدىن نۇر چاچقىنىچە ئاسماندا پەيدا بولۇپتۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئېچىلماپتۇ.

شۇنداق قىلىپ كائىناتتا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى قايتىدىن خۇشال قىلىدىغان بىرلا ئامال قېلىپتۇ، بۇ ھەم بىر ئىلاجىسىز تاللاش ئىكەن. بۇ ئامال ئاشۇ كەپسىز رەڭلەرنى ئىشقا سېلىش ئىكەن، لېكىن بۇ كەپسىز رەڭلەر تېخى كىچىك ھەم بۇنداق ئىشلارغا ئەزەلدىن مەشىقلەندۈرۈلمىگەن ئىكەن.

شۇنداق قىلىپ كائىناتنىڭ باشلىقى ئۇدۇللا ئۇلارنىڭ سىنىپىغا بېرىپتۇ.  ئۇ كۈنى ۋاقىت تىخى ئەتتىگەن بولۇپ ئاق رەڭ بىلەن قارا رەڭ تېخىچە سىنىپقا كەلمىگەن ئىكەن.  ۋاقىت ناھايىتى جىددىي بولغاچقا باشقا رەڭلەر بۇ ئىككىسىنى ساقلىمايلا يۈگۈرىشكىنىچە كارىدوردىن ئۆتۈپ سىرتقا چىقىپ ئاسمانغا قاراپ ئۇچۇپتۇ. ئاسماندا بىر توپ بۇلۇتلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن خىجىل بولۇشۇپ ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.

رەڭچاقلار بۇلۇتلارغا قاراپ ئۇچۇش يولىدا ھەربىرى ئارقىسىدا ناھايىتى چىرايلىق ئىز چۈشۈرۈپ مېڭىپتۇ.  رەڭچاقلار ياندىشىپ ئۇچۇشقان بولغاچقا ئۇلاردىن قالدۇرغان ئىز ئۆز- ئارا بېرىكىپ ناھايىتى  ئېنىق ۋە كۆركەم بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپتۇ. بۇنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى ئېچىلىپ يۈزلىرىدە قايتىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپتۇ. كائىنات ئالقىش ساداسىغا تولۇپتۇ.

كىشىلەر بۇ كىچىك رەڭچاقلارنى قۇياشنىڭ رەسمى ياردەمچىلىرى دەپ ئاتىشىپتۇ. رەڭچاقلار بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپتۇ ۋە خۇشال بولىشىپتۇ. كائىناتتىكى ئاھالىلەر ئۇلاردىن بۈگۈندىن باشلاپ ھەردائىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىپ تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. بۇلۇتچاقلار بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ ۋە كائىنات ئاھالىلەرگە قاچانكى بۇلۇتلار بەك قاتتىق يامغۇر ياغدۇرۋەتكىنىدە ئۆزلىرىنىڭ دەرھال زاھىر بولۇپ ھەسەن-ھۈسەن پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپتۇ.

ئەمدى گەپنى ئاق رەڭ بىلەن قارا رەڭدىن ئاڭلايلى.

ئۇزاق قالماي ئۇلار سىنىپقا كېلىپتۇ. قارىسا سىنىپ قۇپ-قۇرۇق تۇرغان. ئەسلىدە ساۋاقداشلىرى سىرتتا رەڭچاقلارنىڭ بايام قىلغان قالتىس ئىشلىرىنى تەبىرىكلىشىۋاتقان ئىكەن. ئاق رەڭ بىلەن قارا رەڭ رەڭلەر ئارىسىكى ئەڭ قىززىقچىلىرى تۇرۇپمۇ دوستلىرىغا ‘كېيىن ھەسەن-ھۈسەن ھاسىل قىلىشقا بىزمۇ قاتنىشايلى’ دېيىشكە پېتىنالماپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئىككىسى مەسئۇليەتچان بولۇشقا ۋە ھەممە ئىشنى دەل ۋاقتىدا قىلىشقا ئۆزلىرىنى كۆندۈرمەكچى بولىشىپتۇ.

راست دېگەندەي ئاق رەڭ بىلەن قارا رەڭ بۇ ئادەتلەرنى ئۆزلىرىدە ناھايىتى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپتۇ. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ھەسەن-ھۈسەننىڭ رېڭى بولالماسلىقىغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىكەن. بۇلار رەڭلەر ئارىسىدا شۇنچىلىك مۇھىم بولۇپ كېتىپتۇكى، باشقا رەڭلەر بۇ ئىككىسىسىز ھېچ ئىش قىلالمايدىكەن.


A long, long time ago, when everything was just starting out, and even the planets and stars were so young that they were still going to school, there was a special class which was everyone’s favorite, having by far the most fun classmates. The class members were a bunch of rather mischievous colours; from black and white, through to red and blue, yellow, and all the rest. They hoped to grow up to be wonderful colours, and this is what they were training for.

As well as funny and joyful, the colours were very naughty; particularly black and white, who were so preoccupied with causing mayhem that they were almost always late for class.

One morning there was a great commotion in the sky. The clouds were up there, practicing their raining, but they had been raining for so long that they’d gone and created a storm so terrible that absolutely everyone had become saddened and depressed at having so little light. When the sun started shining again, not even that managed to cheer up the world.

The only solution was to appeal, as a last resort, to the naughty, mischievous colours, even though they were still very young and weren’t yet trained for anything like this.

The authorities went straight to their classroom. It was still early, and, as ever, black and white hadn’t yet turned up.

However, there was no time to lose; they couldn’t wait for black and white. The other colours had to do something fast. They ran down the corridors, out of the door, and flew up into the sky, where the clouds – ashamed for what had happened – were waiting.

On their way up to the clouds each one of the colours left a resplendent trail.

Travelling side by side, the combination of all the colours’ trails was so striking and spectacular that smiles returned to everyone’s face, and the world filled with the sound of applause.

The colours felt honoured and delighted to be named as the sun’s official assistants. And the inhabitants of the world begged them to promise that, from that day on, the colours would always be on hand, to help cheer everyone up. It was agreed that whenever the clouds overdid it on the rain, the colours would come quickly and make a rainbow.

A bit later, black and white entered the classroom, finding it empty.

Everyone was congratulating the other colours so much for their wonderful performance that black and white – really the most fun and happy of all the colours -didn’t dare to ask to be part of the rainbow, and from that time onward they forced themselves to be punctual and responsible.

Indeed, they managed this so well that now they don’t mind being left out of the rainbow. They are now the most serious and important of all the colours, and no one can get anything done without them.


[ This Article is Taken from the Internet and Translated By Tivish .ئەسكەرتىش: ئىنگىلىزچە يازمىنىڭ كېلىش مەنبەسى: تور دۇنياسى ]

2 ئىنكاسلار
  1. ياخشى تەرجىمە قىپسىز، ھەم قىزىقارلىق ھېكايە ئىكەن.

ئىنكاس قالدۇرۇڭ