ۋەسىيەتنامە (تەرجىمە كىتاپ) 1- باب ئەڭ ئاخىرقى كۈن

بۇ ئەسلىدە بىر كىتاپ سودىگىرى (بەلكىم شۇنداق بولىشى مۇمكىن) بىلەن تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغانغا كوت-كوتتا  ئاددىيلا توختاملىشىپ ( قاتتىق ئۈكىنگەن چىراي ئىپادىسى) تەرجىمە قىلىنغان كىتاپ ئىدى.  كىتاپ تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۇ ئادەمگە تەرجىمە نۇسخىسى يوللاپ بەرگەن. كېيىن ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى رەسمىي توختامنى يوللاپ بېرىشنى ئارقىغا سۈرۈپ  يۈرگەچكە ئۆزۈم تەرجىمىنى ئېلىپ قېلىپ توختامغا ئوخشىمايدىغان توختامنى بىكار قىلىۋەتكەن. مانا بىر يىل بولۇپ قاپتۇ ئۇ ئىشلارغىمۇ. بىر يىلنىڭ ياقى تەرجىمە كومپيۇتېرىمدا بويىن قىسىپ تۇرغانتى. ئەمدى بولسىمۇ تورداشلار ھۇزۇرىغا سوناي دەپ ئويلاپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. (بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنىپ بولدىمۇ بىلمەيمەن)

ھازىرچە مۇندەرىجىسى، كىرىش سۆز قىسمى ۋە 1- بابنى يوللاپ تۇراي، دوستلارغا ياراپ قالسا قالغان قىسمىنى ھەر ھەپتىدە بىر باپتىن يوللايمەن.

مۇقەددىمە

”توختاڭ!“  كىمدۇر بىرى توۋلىدى. ئۇلار بولسا ئارقامدىن سوڭدىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىدىن تارتىپ ئاچتىم-دە، تار بالكونغا تاشلاندىم. سىرتنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى  سوغۇق ئىدى. تۆۋەنگە قاراپمۇ قويماستىن ئۆزۈمنى پەسكە ئاتتىم.

تروي ڧىلەن ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بەك غەلىتىلا ئادەم بولۇپ، بۇرۇنقى ئايالى ۋە بالىلىرىنىمۇ يامان كۆرەتتى. ئۇ پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بىر قېرى ئىدى.

ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ پۇللىرىنى بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن جەم بولدى. لېكىن ڧىلەن ئۆلەي دەپ قالغاندىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ قەبىھ، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بىر تۇزاق قورۇپ قويغان ئىدى: ئۇ بايلىقلىرىنىڭ ھەممىنى باشقىلار بىلمەيدىغان، نىكاھسىز بولغان قىزىغا قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيتتى.

 نېيت ئورايلى ۋاشىنگتوندىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئادۇكات بولۇپ، تۇرمۇشى خېلى ئۇزاققىچە غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن ئىدى. ھازىر  ئۇ زەھەر ۋە ھاراق خۇمارىنى تاشلاش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىۋاتاتتى. رېئال تۇرمۇشىغا قايتىدىن قايتىپ كېلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىيىن ئىدى، ئۇ رىچېلنى تاپمىسا، شۇنداقلا پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تولۇقى بىلەن بېرىشكە كاپالەتلىك قىلمىسا بولمايتتى.

نېيتنىڭ سەپىرى ئۇنى ۋاشىنگتوننىڭ جىددىي سوتخانىلىرىدىن پەنتەنېلنىڭ خەتەرلىك سازلىقلىرىغا ئېلىپ باراتتى. ئۇ سەپەر جەريانىدا يېڭى بىر ھاياتلىق يولىنى بايقاش ئالدىدا تۇراتتى.

ۋەسىيەتنامە ناملىق بۇ ھېكايىدە ياخشىلىق ۋە رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى، خەير-ئېھسان بىلەن شەخسىيەتچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان كۈرەش بايان قىلىنغان.

 

1-باب: ئەڭ ئاخىرقى كۈن

2-باب: تروي ڧىلەننىڭ ۋەسىيەتنامىسى

3-باب: نېينىڭ ۋەزىپىسى

4- باب: پەنتەنېلغا كىرىش

5- باب: قايتا تۇتقان خۇمار

6- باب: يوللۇق رىقابەت

7- باب: ئىندىيانلار ۋە تىمساھلار

8- باب: مىسسىيونېرلار ئۆمىكىدە

9- باب: ئۆلۈم

10- باب: قىزىتما

11- باب: يېڭى بىر باشلىنىش

12- باب: رىچېلغا خەت

13- باب:  سوتخانىدىكى دەۋالىشىش

14- باب: ئاخىرقى كېلىشىم

15- باب:  پەنتەنېلغا قايتا سەپەر

 

1-باب: ئەڭ ئاخىرقى كۈن

بۇ ئەڭ ئاخىرقى كۈن ئىدى، ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەر دېسەكمۇ بۇلاتتى. مەن باشقىلار ياخشى كۆرمەيدىغان  كېسەل كۆرپىسى، شۇنداقلا قەلبى جاراھەتلەنگەن، ھاياتتىن زېرىككەن بىر يالغۇز قېرى. مانا ھازىر ئەزرائىل بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ. مۇشۇنداق بولغىنىمۇ بىر ھېسابتا ياخشىدۇر.
ئالدىمدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەينەك تاملىق ئېگىز بىنا ۋە ئۇنى ئۇراپ تۇرغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تەئەللۇقۇم، بۇ بىنادا ئىشلەۋاتقان 2 مىڭ ئادەممۇ مەن ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. نىۋادا ئىشتاتىدا نۇرغۇن كۈمۈشلىرىم، كېنىيىدە قەھۋەخانىلىرىم، ئانگولادا كۆمۈر كانلىرىم بار. مېنىڭ باشقۇرۇشۇمدىكى شىركەتلەر توك-ئېلېكتىر، كومپيۇتېر ياساش، شۇنداقلا نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىدە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  مەن بولسام بىر مىليارد بىر يۈز مىليون دوللاردىن كۆپ پۇلنىڭ ئىگىسى بولغان بىر مىليونېر مەن.
مانا مۇشۇ پۇل مېنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىم.
مېنىڭ ئۈچ ئائىلەم، يەنى ئۈچ ئايالىم (ئاجرىشىپ كەتكەن)، ئۇلاردىن 6 بالام بار. بۈگۈن مەن ئۆلگىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئۇلار بۇ يەرگە يىغىلىپ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە، مەن ئۆلگەندىن كېيىن مىراسىمنى بۆلۈشمىسە بولمايدۇ-دە. مېنىڭ مىراسىمنى كىمنىڭ ئېلىشى بىلەن قىلچىمۇ كارىم يوق. ئەمما، بۇ مىراسلاردىن ئالمايدىغان بىرىدىن راستلا ئەنسىرەيمەن.
تۇنجى ئايالىمنىڭ ئىسمى لىلىيىن. بىز ياش ۋاقتىمىزدىلا توي قىلغان، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن 24 ياشتا، لىلىيىن 18 ياشتا ئىدى، ئارىمىزدا 4 بالا بار. باللارنىڭ چوڭى ھازىر 46 ياشتا، ئىسمى كىچىك ترويمۇ ياكى تى جى مۇ ئېسىمدە قالماپتۇ، 19 يېشىدا زەھەر ساتقانلىقى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە باشقىلارغا بەرگىنىمگە ئوخشاشلا ئۇنىڭغا 5 مىليون دوللار پۇل بەرگەن. ئۇ بۇ پۇللارنى بەتخەجلىك بىلەن سورۇپ تۈگىتىۋەتكەن ئىدى.
تى جىنىڭ ئىنىسى رەكس، ھازىر 44 ياشقا كىردى. ئەڭ چوڭ قىزىمىز لايبىجىيل مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بالىلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما ئۇ ئالىي مەكتەپكە بېرىۋېلىپلا مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىر ئافرىقىلىق بىلەن توي قىلىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ۋەسىيەتنامىدىن چىقىرىپ تاشلىدىم. كىچىك قىزىمىزنىڭ ئىسمى مەۋرىي روۋز، بىر دوختۇر بىلەن ئائىلە قورىغان، ئېرى ھەددى-ھېسابسىز بايلىققا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ھازىر گەردىنىگىچە قەرزگە پېتىپ كەتكەن.
لىلىيىننىڭ باللىرىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەممىسى ئوخشاشلا، باشقىلارغا يەتكۈچە بېرىشلىرى بار ھەم خىزمەتلىرىمۇ يوق. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى پۇللىرىمغا ئېرىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.
لىلىيىندىن كېيىن مەن ئۆزۈمدىن 22 ياش چوڭ بىر ياش سەتەڭ، كاتىپىم جېينى بىلەن توي قىلدىم، ئارىمىزدا ئىككى بالا بار.  چوڭى رواكىي بىر ماشىنىدا ئىككى دوستى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ئارىمىزدىكى قىزىمىز جىينا ئۈچ يىل ئىچىدە 1 مىليون دوللارنى ئۇتتۇرۇپ قويغۇچىلىك دەرىجىدىكى بىر ئەخمەق بىلەن توي قىلغان.
64 يېشىمدا 23 ياشلىق تايرا بىلەن توي قىلدىم، ئۇ ئوغلىمىز رەمبىلاغا ئېغىر ئاياق بولغان. رەمبىلا ھازىر 14 ياشتا، بىر قېتىم ئوغرىلىق قىلىپ قولغا ئېلىنغان، يەنە بىر قېتىم زەھەر ساتقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان. ئۇ قۇلاقلىرىغا،قاشلىرىدىن-بۇرۇنلىرىغىچە مونچاق ئېسىۋالىدۇ. باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا ئۇمۇ مېنىڭ بايلىقلىرىمغا ئېرىشىپ باي بولۇشنى ئىستەيدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئاتىسى-دە.
مەن بۇ كىشىلەرنى چۈشىنىمەن، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىمەن.
ئاۋۇ ئۆيدىن چىقىپ كەلگەن بۇ كىشى بولسا ھازىرغىچە 30 يىل ئەتراپىدا مېنىڭ خىزمىتىمدە بولغان خىزمەتكارىم، ئىسمى سنىيد.
”خوجايىن، مىجەزىڭىز قانداقراق؟ ”
”چۈشلۈك تاماق تەييارلا.“
سىنىيدمۇ باي بولسامكەن دېگەن تامادا. ئۇ مېنىڭ ئۆلۈمىمنى تىلەيدۇ. چۈنكى مەن ئۆلۈپ كەتسەم ئۇمۇ بىر نەچچە مىليونغا ئېرىشسەمكەن دەپ ئويلايدۇ. پۇلۇڭ بولسا مانا مۇشۇنداق خاپىلىق، ھەممە ئادەم ئارقاڭدا قېپقالىدىغان پۇلۇڭدىن ئازراق ئالسامكەن دەپ ئويلايدۇ.  سنىيدىنىڭ ئىسمىنى ۋەسىيەتنامىدە تىلغا ئالمىدىم.
ئۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشلۈك تامىقىمنى ئالدىمغا ئەكەلدى.
بىردەمدىن كېيىن سىنىيد چاقلىق ئورۇندۇقنى  ئىتتىرگىنىچە ھۇجرامدىن چىقىپ، كارىدورنىڭ ئاۋۇ تەرىپىدىكى ئۆيگە مېنى ئېلىپ باردى.  بۇ ئۆي ھازىر ئادۇۋكاتلار ۋە مېنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىمنى قارار قىلىدىغان روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن تولغان.  بۇ ئۆيدە نۇرغۇن سۈرەتكە ئېلىش ئاپىراتلىرى ماڭا توغرىلىنىپ تۇرغان بولۇپ، ھەربىر ھەرىكەت، پەسقىنە كۇسۇرلاشقاندىن باشلاپ بىر ئېغىز تىنىقمۇ سىنغا ئېلىنىپ خاتىرىلىنىۋاتقان ئىدى. مەن بۇ ئۆيدە ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ نورمال ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا يېڭى بىر ۋەسىيەتنامە قالدۇرالايدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئولتۇرۇۋاتىمەن.
ھەر بىر ئائىلەم ئۆز ئالدىغا روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ياللىۋالغان ئىدى— دوكتور زېدىل، دوكتور ڧلوۋى، دوكتور سىيشېن–ئالدىغا تىكلەپ قويۇلغان بەلگىلەردىن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ۋە يۈزلىرىگە بىر دەم سەپسالدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ نورمال چىقماسلىقىمنى كۈتۈۋاتقان ئىدى.  لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئويلىغانلىقلىقىنى بىلىپ قالىدۇ، مەن ئۇلارغا بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن.
”مېنىڭ ئىسمىم جوش ستەڧورد، مەن تروي ڧىلەن ئەپەندىمنىڭ ئادۇكاتى. بۇ ئۆيدە ئولتۇرغان روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىلىرى تروي ئەپەندىمنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈشتىن كېيىن تروي ئەپەندىمنىڭ تامامەن نورمال ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە، تروي ئەپەندىم يېڭى بىر ۋەسىيەتنامىغا ئىمزا قويماقچى.“ جوش سىتەڧورد سۆزلەۋاتاتتى.
سىتەڧورد   ئالدىمىزدا قويۇپ قۇيۇلغان قېلىن ۋەسىيەتنامىنى قەلىمى بىلەن يېنىك ئۇرۇپ قويدى.  ئائىلەمدىكىلەر ۋەسىيەتنامىنى تېخى كۆرمىگەچكە ئۇلار ئۇنىڭغا نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى پەقەت پەرەز قىلىشقىنىچە ئولتۇراتتى. ئۈچ ئائىلەم بايلىقلارنى بالىلارغا ئادىللىق بىلەن ئايرىپ بېرىدىغانلىقىمغا، ھەمدە خوتۇنلىرىمغىمۇ سېخىيلىق بىلەن پۇل قالدۇرۇپ قويىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتى. سىتەڧورد مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن بۇ ۋەسىيەتنامىنى تەييارلىغان ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە سىتەڧورد كۆرسەتكەن ئامال ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈشنى باشلاپ كەتتى.  دوكتور زېدىل ئالدى بىلەن سورىدى:
“  ڧىلەن ئەپەندىم، بۈگۈن چېسلاغا قانچە، ھازىر سائەت قانچە بولدى، بىز نەدە تۇرۇۋاتىمىز، مۇشۇلارنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ ”
مەن بىر ھاماقەت كالۋادەك بېشىمنى تۆۋەن تاشلىدىم. ئازغىنە ئويلىغاندىن كېيىن سوئاللارغا جاۋاب بەردىم:
“ بۈگۈن 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 9- كۈنى، دۈشەنبە، بىز ھازىر مېنىڭ ئىشخانامدا. ”
“ ھازىر سائەت؟ ”
“ چۈشتىن كېيىن ئىككى يېرىم بۇلاي دېدى. “
“ سىزنىڭ ئىشخانىڭىز قەيەردە، ڧىلەن ئەپەندىم؟ ”
“ ۋىرگىنىيە ئىشتاتى، مېكىلىيندا. ”
مۇتەخەسسىسلەر نۇرغۇن سوئاللارنى سوراشتى. ئاندىن دوكتور سىيشېن سوئالىنى باشلىدى:
“  ڧىلەن ئەپەندىم، نۆۋەتتىكى بەدەن ساغلاملىقىڭىز قانداقراق؟ ”
“ ھازىرقى ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس. مەن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. دوختۇرۇمنىڭ دېيىشىچە، مېنىڭ كۆپ بولغاندا 3 ئاي ئۆمرۈم قالغان ئوخشايدۇ. ”
مەن ئۇلارنىڭ روھلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. ئىلگىرى ئاڭلىغان مىش-مىش پاراڭلار راستتىغا مېڭىۋاتاتتى.
“ سىزدە زەھەرلىك چېكىملىك ياكى ھاراقنىڭ تەسىرلىرى بارمۇ، ڧىلەن ئەپەندىم؟ ”
“ ياق. يوق. ”
نۆۋەت زېدىلغا كەلگەن ئىدى:
“ ڧىلەن ئەپەندىم، سىزنىڭ تەخمىنەن بىر مىليارد بىر يۈز مىليون ئەتراپىدا پۇلىڭىز بار. دېگەنلىرىم توغرىمۇ؟ ”
“ ھەئە، شۇنداق. ”
“ بۈگۈن سىز يېڭى بىر ۋەسىيەتنامىغا قول قۇيۇشنى ئىستەمسىز؟ ”
“ توغرا. مەن يېڭى ۋەسىيەتنامىغا قول قويۇشنى ئويلاۋاتىمەن. ”
“ ئالدىڭىزدىكى ئۈستەلدە تۇرغىنى يېڭى ۋەسىيەتنامە شۇمۇ؟ ”
”ھەئە، شۇ. ”
“ بۇ ۋەسىيەتنامىدە بايلىقلىرىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى بالىلىرىڭىزغا قالدۇرىدىغانلىقىڭىز يېزىلغانمۇ؟ ”
“ ھەئە، شۇنداق. ”
زېدىل قەلىمىنى ئۈستەلگە قويدى، ئاندىن سىتەڧورد قاراپ:
“ مېنىڭ پىكىرىم، ڧىلەن ئەپەندى روھىي جەھەتتىن نورمالكەن، ئۇ يېڭى ۋەسىيەتنامىغا قول قۇيسا بولىدۇ. ”
“ سىلەر ھەممىڭلار قوشۇلامسىلەر؟ “ سىتەڧورد باشقا ئادۇكاتلاردىن سورىدى.
“ ئەلۋەتتە، قوشۇلىمىز. “ ئۇلار شۇنداق دېيىشكەچ باشلىرىنى تىزلا لىڭشىتتى.
سىتەڧورد ۋەسىيەتنامىنى مەن تەرەپكە سىيرىدى ۋە ماڭا  بىر قەلەمنى ئۇزاتتى. مەن ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ۋەسىيەتنامە ئۈستىگە ھېچكىم ئوقۇيالمايدىغان بىر ئىسىمنى يازدىم ۋە ئۈستىگە بارمىقىمنى باستىم.
ئاندىن سىتەڧورد كېڭەشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى. باشقىلار تىزلا بۇ ئۆيدىن ئايرىلىشتى.  بىر كامېرا تېخىچە ماڭا توغرىلىنىپ تۇراتتى. مەن سنىيدقا بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇشنى ئېيتتىم. سىتەڧورد ۋە ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشى- جوربېنمۇ كېلىپ ئولتۇردى. مەن يانچۇقۇمدىن بىر لىپاپىنى چىقىرىپ، ئىچىدىكى سېرىق رەڭلىك قانۇنلۇق ۋەسىيەتنامىنى چىقاردىم.
سىتەڧورد، جوربېىن ھەم سىنىيدلار قايمۇققىنىچە تۇرۇپ قالغان ئىدى.
“ مانا بۇ ھەقىقىي ۋەسىيەتنامە. “ دېدىم مەن بىر قەلەمنى ئېلىپ،“ بۇنى بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى يازغان. يىل-چېسلالىرى بۈگۈن، ھەم بۈگۈن- بايىلا ئىمزا قويغان. “ مەن ئىسمىمنى ۋەسىيەتنامە ئۈستىگە قايتىدىن يازدىم. “ بۇ ئىلگىرىكى بەش مىنۇتنىڭ ئالدىدا ئىمزا قويغان ۋەسىيەتنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋەسىيەتنامىلىرىمنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ”
مەن ۋەسىيەتنامىنى لىپاپىغا سېلىپ، سىتەڧورد تەرەپكە ئۇزاتتىم-دە، چاقلىق ئورۇندۇقتىن تۇرۇۋالدىم. پاچاقلىرىم تىترەۋاتقان ئىدى. بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا يەرگە يېقىلىپ ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى.
“ ھوي! “ بىرسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، سىنىيدغۇ دەيمەن. لېكىن مەن مېڭىۋەردىم. مېڭىپ-مېڭىپ بىر قاتار ئورۇندۇقلار تىزىلغان يەردىن ئۆتۈپ، سىيرىلىپ ئېچىلىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئىشىك تاقالمىغان ئىدى.
“ توختاڭ! “  كىمدۇر بىرى توۋلىدى. ئۇلار بولسا ئارقامدىن سوڭدىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئىشىكنى تارتىپ ئاچتىم-دە، تار بالكونغا تاشلاندىم. سىرتنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى  سوغۇق ئىدى. پەسكە قاراپمۇ قويماستىن ئۆزۈمنى پەسكە ئاتتىم.

ئاخىردا، بۇ مەن تەرجىمە قىلغان تۇنجى ھىكايە، ھەم ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئاساس قىلىنىپ تەرجىمە قىلىنغان. شۇ سەۋەپتىن تەرجىمىدە نۇرغۇن نوخسانلار ساقلانغان بولىشى مۇقەررەر. تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، بۇ تەرجىمە ۋە شەخسى بلوگىمدا ئېلان قىلىندى، باشقا تورلارغا كۆچۈرۈپ چاپلاشقا، ئۈندىدار سالۇنلىرىدا تارقىتىشقا بولمايدۇ.

0 ئىنكاسلار
ئىنكاس قالدۇرۇڭ