7- باب: ئىندىيانلار ۋە تىمساھلار

نېيت چۈشتىن بورۇن كىتاب ئۇقۇپ چىقتى. جەۋىي ئۇنىڭ بىلەن قەھۋە ئىچىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
“ سىزنىڭچە پەتنەنېل قانداقراقكەن؟ “ سورىدى جەۋىي.
”پەنتەنېل ھەقىقەت بەك چوڭكەن، سەن پەنتەنېلنىڭ قەيىرىدە تۇغۇلغان ئىدىڭ؟ ”
“ تۇنجى نەپسىمنى  كورۇمبودىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالغانمەن. لېكىن مەن مۇشۇ دەريالاردا تۇغۇلغان، بۇ دەريالار مېنىڭ يۇرتۇم. ”
“ ئاتام كېمە باشلىقى ئىدى دېگەندەك قىلغانتىڭ،“
“ ھەئە، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مەن دادام بىلەن بىرگە باراتتىم. باشقىلار ئۇخلاۋاتقان سەھەرلەردە ئۇ مېنى رولنى تۇتقىلى قوياتتى. مەن ئون ياش ۋاقتىمدىلا  ئاساسلىق دەريالارنىڭ ھەممىنى بىلىپ بولغان ئىدىم. ”
“ داداڭ مۇشۇ دەريادا تالاپەتكە ئۇچۇرغانمۇ؟ ”
“ ياق.  شەرققە ئاقىدىغان تەكيۇرىي دەرياسىدا تالاپەتكە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن. 5 يىل بۇرۇن بىر گېرمانىيە كېمىسىگە يول باشلاپ كېتىۋاتقاندا قاتتىم شىۋىرغانغا ئۇچراپ، پالاقچىلاردىن باشقا ھەممەيلەن تالاپەتكە ئۇچۇرغان. “
جەۋىي بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن گېپىنى باشلىدى، “ نۇرغۇن كىشىلەر پەنتەنېلنى ۋەيران قىلىشنى ئويلىشىدۇ. كەڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بار چوڭ شىركەتلەر زىرائەت تېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن يەرلەرنى ئاقارتىپ بولدى.  بۇ يەرنىڭ تۇپراقى ياخشى بولمىغاچقا بۇ شىركەتلەر زىرائەتلىرىنى ياخشى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خېمىيەلىك دورىلارنى ئىشلىتىشىدۇ، بۇ خېمىيەلىك ماددىلار ئېقىپ بېرىپ ئېقىنلارغا قۇيىلىدۇ، ئېقىنلار دەريالارغا قوشۇلىدۇ، دەريالار ئېقىپ ئاخىرى پەنتەنېلغا كېلىپ توختايدۇ. ئېقىپ كەلگەن خېمىيەۋى ماددىلارنى پەتنەنېلنىڭ بېلىقلىرى يەپ زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. ”
“ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارى يوقمۇ؟ ”
جەۋىي ئاچچىق كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن: “ ھايجروۋىيا توغرىلىق ئاڭلاپ باققانمۇ سىز ئىلگىرى؟ ”
“ ياق. ”
“ ئۇ پەنتەنېلدىن ئېقىپ ئۆتۈپ بىرازىلىيە، بېلىۋىيا، پاراگۋاي، ئارگېنتىنا ۋە ئۇرۇگۋايغا تۇتىشىدىغان چوڭ قانال. ئەسلىدە بۇ قانال شىمالى ئامېرىكىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالاتتى. لېكىن پەنتەنېلنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز بولسا بۇنى قوللايدۇ. ”
نېيت مۇھىت ئاسراش توغرىلىق قەتئىيراق بىر نېمە دېمەكچى بولدى-يۇ، تۇرۇپلا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭمۇ “ تەرەققىيات “ دېگەن گەپنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.
“ لېكىن يەنىلا شۇنداق چىرايلىقكەن. “ دېدى نېيت.
“ راست شۇنداق. بەزىدە پەنتەنېلنى ئۇلار بۇزۇپ- بۇزۇپ ۋەيران قىلىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە چوڭ دەپ ئويلاپ قالىمەن. بىر نەچچە سائەت يىراقلىقتا بىر كىچىك بىرژا ( سۇ يوللىرىدا مال ساتىدىغان كىچىك دۇكان) بار. قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن شۇ يەرگە بېرىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇ بىرژىنىڭ ئىگىسى ڧىرنەندو بۇ دەريادىن ئۆتكەن ھەممە كىشىلەرنى بىلىدۇ. ئۇ مىسسىيونېرلار ئۆمىكى توغرىلىق بىرەر نەرسە بىلسە ئەجەب ئەمەس. ”
جەۋىي قەھۋەسىنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن بىلەكلىرىنى سوزۇپ كېرىلدى. “ بەزى ۋاقىتلاردا ڧىرنەدو بىرژىسىغا ساتىدىغانغا پىۋا ئەكېلىپ قويىدۇ. بىر نەچچە بوتۇلكا سېتىۋالساقمىكىن دەيمەن. “ ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ كېتىپ قالدى.
“ مەندىن سورىساڭ ئەلۋەتتە بولىدۇ دەيمەن، “ دەپ ئويلىدى نېيت.  قوڭۇر رەڭلىك بىر بوتۇلكا پىۋا بولسا ھەقىقەتەن بەلەن بولاتتى. قوياش ئاللىقاچان پېتىپ بولغان، ئازراق سوغۇق شامال چىقىۋاتقىنىغا قارىماي نېيت تەرلەشكە باشلىغان ئىدى.
ئۇ ئۆزىنى سەگەنچۈككە تاشلاپ قاراڭغۇلۇق چۈشۈپ كېمە توختىغۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇخلىۋالماقچى بولدى.
كېمە توختىغان ۋاقىتتا ئۇ تولۇق ئويغانغان ئىدى. كېمە ئاۋاز چىقارغىنىچە پىرىستانغا يېنىك سوقۇلۇپ توختىدى.
نېيت ئۆزىگە كىمىدىن چۈشمەيمەن دەپ ۋەدە بېرىۋاتقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق پىۋىمۇ ئۇنى يەرگە تارتىپ چۈشۈرەلمەيتتى.
بىرازىلىيەدە قىسقىغىنا تۇرۇپ قالىسەن دېگەن گەپ بىكار گەپ ئىكەن. جەۋىي 30 گاللون ماي سېتىۋالغاندىن كېيىن ماتورنى ئوت ئالدۇردى.
“ ڧىرەندونىڭ دېيىشىچە بۇ يەردە بىر ئايال مىسسىيونېر بار ئىكەن، ئۇ ئىندىيانلار ئارىسىدا ئىشلەيدىكەن. “ جەۋىي ئۇنىڭغا بىر بوتۇلكا سوغۇق سۇ تەڭلىدى. ئۇلار قايتىدىن يولغا چىققان ئىدى.
“ قەيەردە ئىكەن؟ “
“ ئۇمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن. ئىندىيانلار سۇ يولى بىلەن ماڭمايدۇ. شۇڭا ئۇلار توغرىلىق كۆپ بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ. ”
“ بىزگە ئەڭ يېقىن تۇرالغۇ بار جاي قانچىلىك يىراقتا؟ ”
ئەتتىگەنگىچە يېتىپ بېرىشىمىز مۇمكىن. لېكىن ئەمدى كېمىدە ماڭالمايمىز. ئەمدى كىچىك قولۋاقنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. ”

پورتۇگالىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى پېيجرو ئاۋارس كەبرېل 1500- يىلى بىرازىلىيە تۇپرىقىغا تۇنجى قېتىم قەدەم باسقىنىدا بىرازىلىيەدە 5 مىليون ئىندىيان بار ئىدى. ياۋروپالىقلارنىڭ 5 ئەسىرلىك “ مەدەنىيلىشىش “ ھەرىكىتىدىن كېيىن ئىندىيانلاردىن پەقەت 270 مىڭىلا ھايات قالغان ئىدى. بۇ جەريانلار ئىنتايىن قەبىھ، دەھشەتلىك تارىخ ئىدى. ئەگەر ئىندىيانلار ياۋروپالىقلار بىلەن بىرگە تىنچ ياشىماقچى بولسا ياۋروپالىقلاردىن ھەرخىل غەلىتە كېسەللەرنى  يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلۈپ كېتەتتى؛ ئەگەر ياۋروپالىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلسا زەھەرلىك ئوقيادىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك  قۇراللار ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلەتتى؛
ئۇلار چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئىگىلىرى ۋە كاۋچۇك يىلىم ئىشلەپ چىقىرىدىغانلارنىڭ  قۇللىرى ئىدى. قوللىرىدا قورال كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەر ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقارسا، پوپلار ئۇلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشەتتى، ھەربىيلەر ئۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرەتتى.
ھازىر بولسا ھۆكۈمەتمۇ ئۇلارغا ئەشەددىي دۈشمەنلىك قىلىۋاتاتتى. 1967- يىلى ئىندىيانلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى خېمىيەلىك قوراللارنى ئىندىيانلارنى يوقىتىشقا ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇلار ئىندىيانلارغا كېسەللىك ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملانغان كىيىملەرنى تارقىتىپ بەرگەن، ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارلاردا بېرىپ ئىندىيان كەنتلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، زەھەرلىك گازلارنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.
1990- يىلى ھۆكۈمەت پەنتەنېلنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئاچماقچى بولۇشتى، لېكىن ئىندىيانلار ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتاتتى. چوڭ كۆلەملىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئامازون تەرەپكە قاراپ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئىندىيانلارغا بولغان كەمسىتىشمۇ  ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن تېخىمۇ ئېشىۋاتقان ئىدى.
نېيت 4 سائەت ئاچچىق تارىخلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن جەۋىي بىلەن قەھۋە ئىچىشكە ماڭدى.
“ سەندىمۇ ئىندىيانلارنىڭ قېنى بارمۇ؟ “ سورىدى ئۇ.
جەۋىي كۈلۈمسىرەپ قويدى. “ ھەممىمىزدە ئىندىيانلارنى قېنى بار. نېمىشقا بۇنداق سورايسىز؟ ”
“ بىرازىلىيەدىكى ئىندىيانلارنىڭ تارىخىنى ئوقۇۋاتقان ئىدىم. ئۇلارنىڭ تارىخى بەك ئېچىنىشلىق ئىكەن. ”
“ راست شۇنداق. سىز بۇيەردىكى ئىندىيانلار ئىنتايىن قەبىھ مۇئامىلىلەرگە ئۇچۇرغان دەپ ئويلامسىز؟ ”
“ ئەلۋەتتە ئۇلار شۇنداق مۇئامىلە قىلىنىپتىكەن. ”
“ ئۇنداقتا ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارچۇ؟ ”
“ بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ تارىخىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى ئەمەس، “ دېدى نېيت. ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى مۇنازىرە قىلىشقۇسى يوق ئىدى.

ماتور ئۆچۈپ قالغان ئىدى. نېيت ئويغانغىنىدا ئالەم تېخىچە يورۇمىغان بولۇپ، ۋېلىي كىچىك  قولۋاققا ماي قاچىلاۋاتقان ئىدى. 3 دانە چوڭ بېنزىن ساندۇقى قولۋاقنىڭ مەركىزىگە رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
“ مۇشۇ ماي بىلەن 14 سائەت يۈرەلەيمىز، “ چۈشەندۈردى جەۋىي.
“ ئىندىيانلارنىڭ بۇ تۇرالغۇسى قانچىلىك يىراقتا؟ “ سورىدى نېيت.
“ ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ”
جەۋىي بىر كىچىك چېدىر، ئىككى ئەدىيال، ئىككى پاشىلىق، ئازراق يەيدىغان نەرسە ۋە بوتۇلكىغا قاچىلانغان سۇنى سومكىغا سالغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىردا چوڭ بىر پىچاقنى سومكىغا سالدى.
“ بۇ پىچاق تىمساھلار ئۈچۈن، “ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. نېيت ئۇنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماسلىققا تىرىشتى.
نېيت ۋەسىيەتنامىنىڭ كۆپەيتمىسىنى ئېلىپ قاتلىغاندىن كېيىن ئۇنى بىر لىپاپىغا سالدى. ئاندىن لىپاپىنى بىر پارچە رەختكە ئوراپ كۆڭلىكىنىڭ ئاستىغا قىستۇردى ۋە پوپايكىسى بىلەن ئۇنى ياپتى.
ئۇلار ۋېلىي بىلەن خوشلاشتى. سۇ يۈزىنى بىر قات تۇمان قاپلىغان بولۇپ، ھاۋا بىر خىل سوغۇق ئىدى. كورۇمبادىن قوزغالغاندىن بۇيان نېيت پالۇبىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بىخەتەر ئولتۇرۇپ دەريالارنى كۆزىتىپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ قولۋاقنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇۋاتاتتى.
ئۇلار ئىندىيانلار كەنتىگە ئاقىدىغان ئېقىننىڭ ئېغىزىغا كىردى. ئېقىننىڭ سۈيى دېگۈدەك شاۋقۇنلاپ ئاقمايتتى.  جەۋىيدىكى سۇ يولى خەرىتىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ ئېقىن كابىسكا (Cabixa) دەپ ئاتىلاتتى. كابىسكا (Cabixa) ئېقىنى ناھايىتى ئەگرى-بۈگرى ئاقىدىغان بولۇپ، بىرازىلىيەدىن ئېقىپ چىقىپ بېلىۋىياغا ئېقىپ باراتتى، ئاندىن غايىب بولاتتى.
ئۇلار بىرىنچى ئاچا يولغا كەلگەندە قولۋاقنى ئاستىلاتتى. ئوخشاش چوڭلۇقتىكى يەنە بىر ئېقىن سول تەرەپكە ئېقىۋاتاتتى. قايسى لىنىيە كابىسكا ئېقىنىدۇر؟ لېكىن ھەممە ئېقىنلار ئېقىپ پاراگۋايغا بارىدۇ. ئەگەر ئۇلار خاتا لىنىيەدە مېڭىپ قالسا ئۇلار مېڭىپ ئاخىرى ۋېلىي تۇرغان يەرگە بېرىپ قالاتتى.
بىر سائەتتىن كېيىن ئۇلار قىزىل ئۆگزىلىك كىچىك بىر كەپىگە يېتىپ كەلدى. كەپىنىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭمۇ، ھايۋاننىڭمۇ سايىسى كۆرۈنمەيتتى.
“ كەلكۈن مەزگىلىدە پەنتەنېلدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىرى ۋە كالىلارنى ئېلىپ ئېگىزرەك يەرلەرگە كۆچۈپ كېتىپ ئۈچ ئايغىچە قايتىپ كەلمەيدۇ.  “ دېدى جەۋىي.
“ ئىندىيانلارمۇ شۇنداق قىلامدۇ؟ “ سورىدى نېيت.
“ ئۇلارمۇ يۆتكىلىپلا تۇرىدۇ. ”
“ بەك ياخشى بولدى. بىز ئۇلارنىڭ نەدىكىنى، نەلەرگە كۆچۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز دېگىنە.“
جەۋىي كۈلۈپ قويدى،“ ئۇلارنى تاپالايمىز. ”
نېيت تىمساقلار يەۋالامدىكىن دېگەن گەپنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار بىر ئەگرى-بۈگرى يەردىن ئۆتۈپ تېيىز سۇلاردا ئۇخلاۋاتقان بىر توپ تىمساھلارغا يېقىنلاپ كەلدى .قولۋاقنىڭ ئاۋازى تىمساھلارنى قورقۇتۇپ بىئارام قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇلار قۇيرۇقلىرىنى مىدىرلاتقىنىچە سۇلارنى چاچراتتى، ياخشى يىرى ئۇلار قولۋاققا ھۇجۇم قىلمىدى.
ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۇلار ئون نەچچە تارماق ئېقىن قويۇلۇپ ھاسىل بولغان چوڭ بىر كۆلگە يېتىپ كەلدى. جەۋىي قايسى ئېقىننىڭ كابىسكا ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. ئۇلار كۆل بويىدا بېلىق تۇتۇپ ئولتۇرغان بىر ئادەمنى كۆردى.
ئۇلار ئۇ ئادەمگە بىر نەچچە مېتىر قالغاندا جەۋىي ئۇنىڭ بىرنېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن ئۇ ئادەم بىلەن خوشلاشتى. ئۇلار يەنە يولىغا چىقتى.
“ ئۇنىڭ ئانىسى ئىندىيان ئىكەن، “ دېدى جەۋىي “ بۇ يەردىن بىر نەچچە سائەتلىك يىراقلىقتا بىر تۇرالغۇ بار ئوخشايدۇ. ”
“ بىر نەچچە سائەت؟ ”
“ بەلكىم 3 سائەتلىك يولدۇر.“
نېيت قولۋاققا ئېڭىشىپ ماي باكلىرى بىلەن يېمەكلىك ساندۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇردى. قولۋاق ئاستىلاپ قالدى. ماتوردىكى چاتاق بولسا كېرەك، بۇ ئىشلاردىن نېيت ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولاتتى. تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا قورقۇنچ ئۇلاشتى.
بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە يولغا چىقتى. موتور بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك گۆركىرەۋاتاتتى. ھەر 20 مىنۇتتا، نېيت ئۇخلايلا دېگەندە ماتورنىڭ تەكشى سوقۇشى ئاستىلاپ قالاتتى. ئۇلار بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالغان ئىدى. ھەر توختاپ قالغاندا جەۋىي موتور بىلەن بىردەم ھەپىلەشكەندىن كېيىن يەنە 20 مىنۇت خاتىرجەم ماڭاتتى.
ئۇلار سەنتا لورادىن ئايرىلىپ 7 سائەتتىن كېيىن ئىندىيانلار تۇرالغۇسىنىڭ بەلگىسى كۆرۈندى. نېيت تاغ باغرىغا يېقىن يەردە ئىنچىكە كۆك ئىسلارنىڭ دەرەخلەرنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. جەۋىي ئۆزلىرىنىڭ بېلىۋىيياغا كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. يەر ئورنى تېخىمۇ ئېگىزلەپ، ئۇلار تاغلارغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى.
ئۇلار دەرەخلەر ئارىسىدىن ئىككى كىچىك قېيىقنى كۆردى. جەۋىي قولۋاقنى قىرغاق تەرەپكە ھەيدىدى. نېيت تېزلىكتە قولۋاقتىن سەكرەپ چۈشتى ۋە  پۇت-قوللىرىنى سوزۇپ ئۆزلىرىنىڭ  يەرشارىدا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
“ ماڭا ئەگىشىپلا مېڭىڭ، “ ئاگاھلاندۇردى جەۋىي. نېيت ئۇنىڭغا قارىدى. ئۇلار بىر-بىرگە قارىشىۋەتكەندىن كېيىن  بېشى بىلەن ئورمانلىق تەرەپنى ئىشارەت قىلدى.
تېرىلىرى قوڭۇر رەڭدە، كۆكرەكلىرىنى ئوچۇق قويغان، ئوت-چۆپلەردىن يوپكا كىيىۋالغان بىر ئەر ئىندىيان ئۇلارغا تىكىلىپ قاراۋاتاتتى. ئۇ قارىماققا ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق ئىدى.
“ ئۇ مېھماندوستۇ ھە؟ “ نېيت كۆزىنى ھېلىقى ئىندىياندىن ئۈزمەي تۇرۇپ سورىدى.
“ شۇنداقتەك كۆرۈنىدۇ. ”
“ ئۇ پورتۇگال تىلىدا سۆزلەمدۇ؟ ”
“ بىلمەيمەن. ”
“ نېمىشقا سوراپ باقمايسەن؟ ”
“ ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ دەيمەن. ”
جەۋىي قولۋاقتىن چۈشتى،“ نېمانچە ئادەمنى يەيدىغاندەك قارايدىغاندۇ؟ “ كۇسۇلداپ قويدى ئۇ. نېيت ئانچە خۇشال كۆرۈنمەيتتى.
جەۋىي ئۇ ئىندىيانغا سۆزلەشكە باشلىدى. لېكىن قارىماققا ياش، 20 ياشقا كىرمىگەندەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئىندىياننىڭ پورتۇگالچە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.
بۇ ئىندىياننىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىر شەپە كېلىۋاتاتتى. ئارقىدىنلا  ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ئۈچ ئادەم پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا كۈلكىدىن ئەسەر يوق بولۇپ، سالام -ساھەت دېگەنلەرنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇلار قارىماققا ئۇنداق دوستانە ئەمەستەك قىلاتتى.
تۇيۇقسىز دەرەخلەر ئارىسىدىن بىر ياش ئىندىيان ئايال پەيدا بولۇپ بايامقى ئىندىيان يىگىتنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇردى. بۇ ئىندىيان ئايالمۇ ئوخشاشلا قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، كۆكرەكلىرى ئۇچۇق ئىدى. نېيت ئامال بار ئۇنىڭغا قارىماسلىققا تىرىشتى. قارىغاندا بۇ ئىندىيان ئايال جەۋىينىڭ گېپىنى چۈشىنىدىغاندەك قىلاتتى.
جەۋىي ناھايىتى ئاستا ئاھاڭدا  ئۇلارنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئايال جەۋىينىڭ سۆزىنى ياندا ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئەرلەرگە تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈردى.
“ بەزىلىرىنىڭ بىزنى يېگۈسى باركەن، “  جەۋىي نېيتقا ئاستا پىچىرلىدى، “ بەزىلىرى ئەتىگىچە تۇرۇپ تۇرسۇن دەۋاتىدۇ. ”
“ ئىشنىڭ قىزىقى چىقىدىغان بولدى مانا. ”
ئىندىيانلار گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلدى. ئايال جەۋىيغا ئۇلارنىڭ ئېقىن بويىدا ساقلىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇردى. جەۋىي ئۇنىڭدىن ئۇلار بىلە بىر ئايال مىسسىيونېرنىڭ بىرگە تۇرىدىغان ياكى تۇرمايدىغانلىقىنى سورىدى.
“ سىلەر ساقلاپ تۇرۇشۇڭلار كېرەك. “ دېدى ئىندىيان ئايال.
ئىندىيانلار ئورمانلىقلار ئارىسىدا كۆزدىن غايىب بولۇشتى.
“ ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ “ ئۇلار كەتكەندىن كېيىن سورىدى نېيت.
“ ئۇلار سىرتتىن كەلگەنلەردىن ھەر خىل كېسەللەرنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ، “ چۈشەندۈردى جەۋىي،“ شۇڭا ئۇلار بەك ئېھتىياتچان. ”
ئۇلار قولۋاققا قايتىپ كەلدى. جەۋىي ماتورنى تازىلاشقا كىرىشتى. نېيت پوپايكىسى ئاستىدىكى ھۆججەتلەرگە قاراپ قويدى. ھۆججەت ھۆل بولۇپ قالمىغان ئىدى.
“ بۇ ھېلىقى ئايالغا بېرىدىغان ھۆججەتلەر شۇمۇ؟ “ سورىدى جەۋىي.
“ ھەئە. ”
“ نېمىشقا بۇ ھۆججەتلەرنى ئۇنىڭغا بېرىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭ نېمە بولغانتى؟ “
“ ئۇنىڭ دادىسى بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل مىراس قالدۇرغان. ”
“ قانچىلىك؟ ”
“ بىر نەچچە مىلياردقۇ دەيمەن. ئۇنىڭ دادىسى بەك پۇلدار ئادەم ئىدى. ”
“ باشقا بالىلىرى بارمىدى؟ ”
“ 6 بالىسى بارغۇ دەيمەن. ”
“ ھەقاچان ئۇلارغىمۇ بىرنەچچە مىليون بەرگەندۇ؟ ”
“ نەدىكىنى، ئۇلارغا بەرگىنى يوقنىڭ ھېسابىدىلا. “
“ بۇ ئايال دادىسىنى بەك ياخشى كۆرەمدىكەنتۇق؟ ”
“ مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن. بۇ ئايال ئۇنىڭ نىكاھسىز قىزى ئىكەن. قارىماققا دادىسىدىن، ھەممە نەرسىلەردىن قېچىۋاتقاندەكلا . شۇنداق ئەمەسمۇ؟ “ نېيت  قوللىرىنى پەنتەنېل تەرەپكە پۇلاڭلاتتى.
“ نېمىشقا ئۇ بايلىقلىرىنى ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان بالىسىغا قالدۇرۇپ قويغاندۇ؟ ”
“ بەلكىم ئۇ ئالجىغاندۇ. ئۇ بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالغان ئىدى. ”
جەۋىي بۇ توغرىلىق يېتەرلىك بىلگەن ئىدى. ئۇ چوڭقۇر ئويلانغىنىچە ئېقىنغا قارىدى.

بۇ يەردە گۇۋاتو (Guató)  ئىندىيانلار قەبىلىسى تۇراتتى. ئۇلار سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلىرى كىچىك ئېتىزلارغا تېرىغان زىرائەتلەردىن، دەريادىن تۇتقان بېلىقلىرىدىن كېلەتتى، ھەم ئۇلار ئوقيا بىلەن ئوۋ ئوۋلاپ يەيتتى.
بىر سائەتتىن كېيىن جەۋىينىڭ بۇرنىغا ئىس-تۈتەكنىڭ ھىدى كەلدى. ئۇ قولۋاققا يېقىن بىر دەرەخقە ياماشتى، نېيتمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياماشتى.
ئۇلار يىراقتىن ئۈچ كەپىنىڭ چوققىسىنى كۆردى. رىچېلغا خېلى يېقىنلاشقانقانمىدىمىزمۇ؟ ئۇ ئاشۇ يەردە بولسا، كىشىلىرىنىڭ نېمە قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قۇلاق سېلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇ بىر ئىندىياننى بۇ ئىككىسىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتەرمۇ ياكى ئۆزى ئورمانلىقتىن چىقىپ كېلىپ بۇ ئىككىسىگە ئاددىيلا سالام بىرەرمۇ؟
“ سېنىڭچە ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ “ سورىدى ئۇ.
“ پەقەت پاراڭلىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ”
“ بىز تېزراق كېتىشىمىز كېرەك. كېمىدىن ئايرىلغىلى 8 يېرىم سائەت بولدى. قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ۋېلىي تەرەپكە كېتىۋالغۇم بار. ”
“ چاتاق يوق. كەتكەن ۋاقىتتا تۆۋەن ئېقىندىن ماڭىمىز، مەن بۇ يوللارنى ياخشى بىلىمەن. ھەم مۇنداق ماڭساق تېزراق ماڭالايمىز. “
ئۇلار دەرەختىن يەرگە چۈشۈشتى. نېيت قولۋاققا چىقىپ ئۇخلىماقچى بولۇپ  ياتقىنىدا، جەۋىي ئىندىيانلارنى كۆردى. ئۇلار باشلىقىغا ئەگىشىپ ئېقىندا كېلىۋاتاتتى. باشلىقى ئۇزۇن بىر ھاسا ئېلىۋالغان بولۇپ، ھاسىسى ئۇنداق ئۇچلۇق ھەم خەتەرلىك كۆرۈنمەيتتى.
ئىندىيانلارنىڭ باشلىقى جەۋىيدىن ئۇدۇللا سورىدى :“ سىلەر بۇيەردە نېمە ئىش قىلىسىلەر؟ ”
جەۋىي پورتۇگالچە جاۋاب قايتۇردى. ئىندىيانلار باشلىقى قارىماققا ئۇنداق دوستانە كۆرۈنمەيتتى، لېكىن ئۇنداق قوپال ئەمەس ئىدى.
“ بىز بىر ئامېرىكىلىق مىسسىيونېر ئايالنى ئىزدەپ كەلگەن، “ چۈشەندۈردى جەۋىي،“ بىز كورۇمبادىن كەلدۇق. بۇ كىشى ئامېرىكىدىن كەلگەن. ئۇ بۇ ئايال بىلەن كۆرۈشمىسە بولمايدىكەن. ”
“ بۇ ئامېرىكىلىق نېمىشقا ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشىدىكەن؟ ئۇنىڭغا بىرەر خەۋپ يىتىپتىكەنمۇ؟ ”
بۇ ئىندىيانلارنىڭ رېچىل نېيلنى تونۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۇنجى يىپ-ئۇچى ئىدى.
“ ياق. ”
“ ئۇ بۇيەردە ئەمەس. ”
“ سىز بۇ ئەتراپتا ئاشۇنداق بىر مىسسىيونېر ئايالنى كۆرگەنمۇ ئىلگىرى؟ “ سورىدى جەۋىي.
دەسلەپتە ئۇ ئىندىيان جاۋاب قايتۇرمىدى. بىردەمدىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ، شىمال، غەرب تەرەپكە كېتىدىغان بىر يەرلەرنى كۆرسەتتى.
“ ئۇ باشقا قەبىلە بىلەن تۇرامدۇ؟ “ سورىدى جەۋىي،“ گۇۋاتو (Guató) قەبىلىسى بىلەن؟ ”
“ ئايپىكىس (Ipicas) قەبىلىسى بىلەن تۇرىدۇ. ”
“ بۇ قەبىلە قانچىلىك يىراقلىقتا؟ “
“ بۇ يەردىن بىر كۈنلۈك يول. ”
جەۋىي ئىككى ۋاراق خەرىتە چىقىرىپ يەرگە يايدى. ئىندىيانلار قىزىقىپ قاراپ تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ باشلىقى جەۋىيگە بۇ يەرنىڭ كابىسكا ئەمەسلىكىنى، ئۇ ئىككىسىنىڭ گۇۋاتو (Guató)  غا ئاقىدىغان خاتا ئېقىنغا كىرىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. جەۋىي بۇ خەۋەرنى نېيتقا پەس ئاۋازدا يەتكۈزدى. نېيت جەۋىيگە يۈز پىرسەنت ئىشەنگەن ئىدى، مانا ئەمدى ماۋۇ خەۋەر… نېيتنىڭ ئەنسىرەپ جېنى چىقايلا دېدى.
ئىندىيانلار ئۆز-ئارا پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۇلار ئايپىكىس (Ipicas) قا قايسى ئېقىننىڭ بارىدىغانلىقىنى تالىشىۋاتاتتى. ئاخىرى ئۇلار جەۋىيگە قارىدى.
“ بۇ تاغلارنىڭ باغرىدا ئايپىكىس (Ipicas) قەبىلىسىدىن بىر تۇرالغۇ ئادەم تۇرىدۇ. “ جەۋىي بۇ گەپلەرنى نېيتقا تەرجىمە قىلىپ بەردى.
“ بىز بۇ يەرگە قانداق بارىمىز؟ “ سورىدى نېيت.
“ مېنىڭچە كەينىمىزگە يېنىپ   سەنتا لوراغاغا چىقىپ، پاراگۋايدىن شىمالغا بىر يېرىم كۈن مېڭىپ، ئاندىن قولۋاق بىلەن بۇ تۇرالغۇغا بارالايمىز. ”
“ ئۇنداق بولسا يەنە نېمىگە تۇرىمىز؟ “ سورىدى نېيت ئىندىيانلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە.
ئىندىيانلار ئۇلارغا يېمەكلىك تەڭلىدى.  جەۋىي ئۆزلىرىنىڭ بەك ئالدىرايدىغانلىقىنى، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بورۇن چوڭ ئېقىنغا بېرىۋالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يېمەكلىكلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 4 بولاي دېگەن بولۇپ، تەلىيى بولسا قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇلار  كابىسكاغا بېرىۋالالايتتى.  ۋېلىي ئۇلارنى پۇرچاق ۋە گۈرۈچ تامىقى تەييارلىغاچ ئۇلارنى ساقلاۋاتقان ئىدى. نېيت مۇشۇنداق قىياس قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ كاللىسىغا يامغۇر تامچىسى چۈشۈشكە باشلىدى.

15 مىنۇتتىن كېيىن ماتور پۈتۈنلەي ئۆچۈپ قالدى. دەريا ئېقىنى قولۋاقنى ناھايىتى ئاستا ماڭدۇرۇۋاتاتتى.
جەۋىي بىرقانداق قىلىپ يۈرۈپ ماتورنى ئوڭشىدى. ئۇ  ماتورنى ئوت ئالدۇرماقچى بولۇپ ماتورنىڭ ئارقىنىنى تارتىۋاتقاندا نېيت دۇئا قىلىۋاتاتتى.جەۋىي ماتور ئارقىنىنى تۆتىنچى قېتىم  تارتقاندا ماتور ئوت ئالدى، لېكىن ئاۋازى بۇرۇنقىدەك يېنىك ئەمەس ئىدى.
“ ئاستىراق ماڭمىساق بولمىدى. “ دېدى جەۋىي.
“ نەگە كەلگەنلىكىمىزنى بىلسەكلا قانداق ماڭساق مەيلى. “
“ ئەنسىرىمەڭ. ”
بېلىۋىيا تاغلىرى تەرەپتىن بوران كۆتۈرۈلۈپ پەنتەنېل تەرەپكە قاراپ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى.  بوران جەۋىيگە ئۇرۇلغاندا ئۇ شەرق تەرەپتىكى دەرياغا قارىغىنىچە قولۋاقتا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئىدى. تۇيۇقسىزلا يامغۇر تېخىمۇ قاتتىق يېغىشقا باشلىدى. ئۇ ئاستا بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قارىدى. ئاسمان بەك تۇتۇق بولۇپ، قاراڭغۇ چۈشەيلا دېگەن ئىدى.
نېيت ئۆزىنى شۇنداق بىچارىدەك ھېس قىلىۋاتاتتى.  ئۇلارنىڭ تۆت ئەتراپىدا سۇدىن باشقا ھېچنېمە يوق بولۇپ، پاناھلانغۇدەك بىرەر يەر كۆرۈنمەيتتى.  كۈچلۈك بوران ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ قولۋاقنى ئالدىغا ئىتتىرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ دۈمچىسىگە يامغۇر توختىماي چۈشۈۋاتاتتى. نېيت تۈگۈلگىنىچە ئۆزىنى يامغۇردىن دالدىغا ئالدى.
ئۇلار بىر ئاچا ئېقىنغا كەپ قالغان بولۇپ، ئالدىدا بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئېقىنلار تۇراتتى. ئۇلار يامغۇردا ئالدى تەرەپنى ئېنىق كۆرەلمەيۋاتاتتى. نېيت ئۆزلىرىنىڭ ئېزىپ قالغانلىقى پەملىدى. جەۋىي دەرھال قولۋاقنى ئارقىغا بۇيرىدى.  ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ، دەريا تاشقىنلىنىپ ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر مەنزىرە پەيدا بولدى.  ئۇلار قاتتىق شىۋىرغان ئىچىگە كىرىپ قالغان ئىدى.
قاراڭغۇ چۈشەي دېگەندە، جەۋىي بىر نەچچە ئېقىنلار ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ قولۋاقنى شۇ تەرەپكە  ھەيدىدى. ئاندىن بىردەم چاقماق چاقتى. ئۇلار چاقماق يورۇقىدا ئۆزىلىرىنىڭ نەدە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيتتى. بىردەمدىن كېيىن يامغۇر پەسلەپ، بورانمۇ ئاستا توختىدى.
“ مۇشۇ يەردە چېدىر تىكلەيلى. “ دېدى جەۋىي، “ قاراڭغۇدا مېڭىۋەرسەك ئېزىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. “
“ بىز ئېزىپ قالغىلى 3 سائەت بولاي دېدى. “ نېيت مۇشۇنداق دېمەكچى بولۇپ توختاپ قالدى.
جەۋىي قولۋاقنى ئېقىن بويىغا ئەكېلىپ، ئارقان بىلەن بىر دەرەخكە باغلىدى. بوران ئەمدى توختىۋىدى پاشىلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. نېيت ھاشارات ئۆلتۈرۈش سويۇقلۇقىنى بوينىغا، يۈزىگە، ھەتتا كۆزلىرىدىن باشلاپ چاچلىرىغىچە پۈركۈپ چىقتى. ئەسكى پاشىلار تېزلىكتە قارا بۇلۇتلار ئارىسىغا قاچتى.
كەچ سائەت 11 لەردە ھاۋا ئېچىلدى. لېكىن ئاسماندا ئاي يوق ئىدى. نېيت ئۆزىگە بىرنېمىلەرنى دەپ تەسەللى بەردى. ئۇ پۇتلىرىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن سوزۇلدى. نېيتنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئازراق ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بىر توپ پاشىلار ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچۇشۇپ كېلىشتى.
بۇ يەردە ئۇخلاش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.

1 ئىنكاسلار
ئىنكاس قالدۇرۇڭ