ئەقىدەڭنى تاشلىۋەت ئاستا

بۇ قىسقا يازمىنى بۇنىڭدىن 7-6 يىل ئىلگىرى كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويۇپتىكەنمەن. بۈگۈن شۇ ۋاقىتتىكى كۈنلىرىمنى ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئەسلىگەچ  بۇ يازمىنى تورغا يوللاپ قويغۇم كەلدى.  ئەينى ۋاقىتتىمۇ بۇ يازمىغا ھېچقانداق ماۋزۇ قويماپتىكەنمەن. ئۈستىدىكى ماۋزۇ مەجبۇرى قويۇلۇپ قالدى(باشنى چايقىغان چىراي ئىپادىسى). ماۋزۇ مۇۋاپىقمۇ، بۇ قانداق ژانىرىدىكى تاققۇ-تۇققۇ… دېگەندەك مۇلاھىزىلەر ئوقۇرمەنلەرگە قالدى.  

كىمدىن باشلانغان سۇئال . بەك ئۇزۇن سۇئال،لېكىن جاۋابى يوق … قەلبىمىزدە، كۆكرىكىمىزدىكى بىر پارچە گۆشتە، ھېچنىمە چوق قۇپقۇرۇق تۇرىدۇ ئېسلىپ، بەزىدە پەسلەپ بەزىدە كۆتۈرۈلۈپ.

بىز شۇنداق بىر تەننىڭ ئىگىسى، بىز شۇنداق بىر جاننىڭ ئىگىسى… كېتىۋاتقان زاۋالىققا قاراپ، ئۆزىمىز بىلىپ تۇرۇپ، كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئوت ئىچىدىن، ئوت ئىچىگە قاراپ…ئوت قولنى كۆيدۈرىدۇ، پۇتنى كۆيدىرىدۇ، ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ: تاشنىمۇ، تۆمۈر-پولاتنىمۇ. لېكىن، بىز خالايمىز، ئۆز قۇلىمىزنى كۆيدۈرۈپ، سەزگۈ نىرۋىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ. قۇلىمىز كۆيۈپ تۇتماس بولۇپ قالسىمۇ، پۇتىمىز باسماس بولۇپ قالسىمۇ يەنىلا ئوتقا كىرىشنى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىمىزنىڭ ئوتقا چىدامچان، سەزمەس بولۇپ قېلىشىنى.
چۈنكى بىز شۇنداق بىر جاننىڭ ئىگىسى، ئۆز تىنىغا پاتماي قېلىۋاتقان. ئۆز مەۋجۇتلىقىنى، ئۆزگۈ مەۋجۇتلىقىنى، ياراتقۇچى مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىشقا قەدەممۇ-قەدەم تىرىشىۋاتقان. ئامال تېپىپ
“ مەن ئىلاھ “ نەزەرىيەسىنى ياكى “ تەدىرىجى بارلىقققا كېلىش-يوقىلىش “ نەزىريەسىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، “ ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق بولىدۇ “ دەپ جار سېلىۋاتقان… ياراتقۇچىنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنىدىن گۇمانلىنىپ، “ ئەي ئوت، كەلگىن، بۇ ياققا كەل. سېنىڭ تەمىڭنى تۇنجى بولۇپ مەن تېتاي، سەن زادى قانداق نەرسە؟ شۇ ئوتقۇ سەن، كۆيدۈرسەڭ، بىردەملىك ئازابلىنارمەن. كەل، ئالدىڭدا شۇنداق بىر پەھلىۋان تۇرۇپتۇ، مېنى ھاپ دەپلا يۇتىۋال، بىردەمدىن كېيىن بۇ پەھلىۋان نىڭ يەنە شۇ پېتى قايتىپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمىسەڭ، مەن مەن بولماي كېتەي!“ دەپ جار سېلىۋاتقان.

ئەمىلىيەتتە، بىز ھەممدىن بەك نىمىدىن قورقىمىز؟
كۈلپەت تارتىشتىن.
”پا،پا! بالام تۇتماڭ. پا بۇلىدۇ،“ دەيدۇ ئانا كىچىك بالىسىغا قولىنىڭ كۆيگەن ھالىتىنى شەرەت قىلىپ تۇرۇپ.
بالا كىچىك بولسىمۇ ئانىسىنىڭ نېمە دىمكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىدۇ-دە، دەرھال قولىنى قىززىق مەشتىن، ياكى قىززىق باشقا نەرسىلەردىن تارتىدۇ. ئەگەر قولىنى يەنە ئۇزاتسا، ئانا بالىسىنىڭ قولىنى ئاستا قىززىق مەشكە يېقىپ قويىدۇ، بالا شۇندىلا قولىنى دەرھال تارتىۋالىدۇ. ئىككىنچى قېتىم قولىنى قىززىق نەرسىلەرگە يۇلاتمايدۇ. ئەگەر سىز قولىنى تۇتۇپ، قىززىق نەرسىلەرگە يېقىپ قويماقچى بولسىڭىزمۇ، قورققىنىدىن ۋارقىراپ كېتىدۇ.

بىز ھەممدىن بەك نىمىدىن قورقىمىز؟
جاپا تارتىشتىن، ئەزىيەتتىن، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن.
ئوت كەتتى. ئوت كەتتى.
ياق،ياق! ئۆتۈنەي! بالامنى…قۇتقۇزۇڭلار، بالامنى قۇتقۇزۇڭلار. ئۇ ئەمدىلا 4-3 ياشلارغا كىرگەن. تاتلىق قۇزامنى تىز قۇتقۇزۇۋالغان بولساڭلار…
ئەتراپتا نۇرغۇن “ پەھلىۋان “ لار قاراپ تۇرۇپتۇ، ئېغىزلىرىنى يوغان-يوغان قوللىرى بىلەن توسۇشۇپ، كۆزلىرىنى چوڭ-چوڭ ئېچىشىپ، ئالدىدا گۆركىرەپ كۆيىۋاتقان ئوت دېڭىزىغا قاراپ. بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايامقى غېرىپ ئانىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى، لېكىن مەيدىسگە “ گۈپ-گۈپ“ مۇشلايدىغان پەھلىۋانلار بىپەرۋالا تۇرماقتا.
ئانا يىغلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كېلىپ بىرسىنى ئىتتىردى، يىغلاپ تۇرۇپ ئۇ كىشىدىن بالىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ ئاچىقىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. ئۇ كىشى ئانىنى قاتتىق سىلكىۋەتتى، ئانىغا قاراپ زەردى بىلەن بىرنى ھومايدى.
ھېچ كىشى ئالدىدىكى ئوتقا كىرىشكە پېتىنالمىدى،…
ئەنە شۇلار “ كەل ئوت، مەن.. مەن … سەندىن قىلچىلىك قورقۇپ قالمايمەن!“ دەيدىغانلار ئىدى.
ئۇلارمۇ ئوتتىن قورقاتتى، لېكىن ئەمەلىيەتنى چوڭچىلىق قىلىپ ئىتراپ قىلىشنى خالىمايتى.

بىز شۇنداق تەنلەرنىڭ ئىگىسى، شۇنداق جانلارنىڭ ئىگىسى. تۇمۇرلىرىمىزدا قان ئەمەس، ئوت ئاقىدۇ.
كۆكرەك قەپىزىمىزدە ئېسىلىپ تۇرغىنى، توختىماي سوقۇپ تۇرغىنى گۆش ئەمەس ئوت . بىز ھەممە نەرسىلەرگە ئەنە شۇ ئوتنىڭ ھارىتى ئاستىدا ئالدى-كەينىمىزگە قارىمايلا ئۆزىمىزنى ئاتىمىز. ئاتمىز-يۇ، بىردەمدىن كېيىن قايتىپ چىققۇمىز كېلىپ قالىدۇ. بىز ھەممىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز، خاتا بولسىمۇ توغرا، توغرا بولسىمۇ توغرا. بەزىدە ھەقىقەت كۆز ئالدىمىزدا تۇرسىمۇ، پۇلاتتەك پاكىتلار بېسىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنى قەتئىي ئىتراپ قىلمايمىز، ياق، ياق دەيمىز زەردە بىلەن. بەزىدە ئۆزىچە “ سۆزلەپ قالغانلار “ نى “ ئوغۇل بالا، ئەركەك، ھېچكىم تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمىغان تىمىلارنى ئوتتۇرغا قويدۇڭ، ياشاپ كەت، مىڭ يىللاپ ياشا “ دەپ ماختايمىز، توغرا خاتلىقىغا قارىمايلا، قارىساقمۇ ئۆز رايىمىز بويىچىلا تىلىمىزغا نېمە كەلسە شۇنى سۆزلەپ يۈرىمىز.

”ئىتراپ قىلمامسەن ئەي ئىنسان، ئۆزۈڭنىڭ ئاجىزلىقىنى،“
”ياق، ياق. مەن ھەممىگە قۇدرەتلىك، بىز ھەممىڭگە قۇدرەتلىك بۈيۈك ئىنسانلار.“
”ساڭا بۇ قۇدرەتنى كىم ئاتا قىلغان؟“
”ھېچكىم… تەبىئەت.. ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بەزىدە تۇرۇپلا ‘خۇدا’ دەپ سالىمەن. ”

بىز شۇنداق بىر تىرىك مۇردىنىڭ ئىگىسى. ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلۈكىي قانۇنيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىستتەيدىغان.
قەلبىمىزدە، كۆكرىكىمىزدىكى بىر پارچە گۆشتە. ھېچنىمە يوق قۇپقۇرۇق تورىدۇ ئېىسلىپ، بەزىدە پەسلەپ بەزىدە كۆتۈرۈلۈپ؛ قەلبىمىزدە، كۆكرىكىمىزدىكى بىر پارچە گۆشتە، ھېچنىمە يوق، قۇپقۇرۇق، ئەقىدە قىلمايدىغان بىر ئېتىقاد ئېسىلىپ تۇرۇپتۇ. پۈچەك ئېتىقاد ھاياتىمىزغا قۇماندان بولۇپتۇ.
ئەي تىرىك مۇردا! تاشلىۋەت ئۇنى- ئېتىقادىڭنى،ئەقىدەڭنى تاشلىۋەت ئاستا!

0 ئىنكاسلار
ئىنكاس قالدۇرۇڭ