يوقلۇق

يوقلۇق ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئادەمنى شۇنچىلىك خوش قىلىدۇكى، ئادەم ھەممە نەرسىگە ۋاقىرىغۇسى كېلىدۇ: تاغلارغا قاراپ، ئاخىرى يوق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلدۇق، دەپ توۋلىغۇسى، سۇلارغا قاراپ ،نىمانچە گۈزەل دۇنيا بۇ، دېگىنىچە چىقىرغۇسى كېلىدۇ؛ بەزىدە ئىنساننى شۇنچىلىك  ئازاپلايدۇكى، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى ۋە مەنىسى قالمىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ: ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، ئۆزىنى كاچاتلايدۇ، كىملەرنىدۇ تىللىغۇسى-كۈچى يەتسە يوقلۇققا سەۋەپ بولغان ئاشۇ رەزىل ئادەملەرنى، پەس نەرسىلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ چەيلىگۈسى، شۇ ئارقىلىق يوقلۇقنىڭ ئازابىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ۋە ھەتتا ئاشۇ يوقلۇق بىلەن بىرگە مەنمۇ يوق بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.

يوقلۇق غەلىتە بىر نەرسىكى، بارىدا ئىنسانغا بىلىنمەيدۇ، ئېنىقراقى ئىنسان بىلمەيدۇ ياكى قەستەن بارلىقىدىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ، ئارقىسىدىن گەپ تاپىدۇ، ۋە ھەتتا ئورا كولايدۇ، ئېشىغا زەھەرقاتىدۇ؛ ئەمما يوقلۇقىدا- ئايرىلغىنىدا، قولدىن كەتكىنىدە ئىنسانغا قەدرى شۇنچىلىك ئۆتىلىدۇكى، يوقلۇقنىڭ باشلانغان كۈنىلا پۈتۈن دۇنيا يوقلۇق ئىگىسىنى ياللىمىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ: تەمتىرەيدۇ، گاڭگىرايدۇ، يوقلۇق ھەققىدە قەسىدىلەر، مەرسىيەلەر يازىدۇ…

يوقلۇق ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇرىغان بىر ئەپسۇنغا ئوخشايدۇ. بەزىلەر بۇ ئەپسۇننىڭ تەسىرە ئادىشىدۇ، ئۆزىنى يوقىتىدۇ، ھايات مەقسەتلىرىدىن يىراقلىشىدۇ؛ بەزىلەر ئەپسۇننىڭ بىر مىراسخورى بولمىغانلىقىدىن ھەسرەت چىكىشىدۇ ۋە ئويغىنىدۇ، يولىنى قايتىدىن تاپىدۇ.

يوقلۇق ئاسماندىن ۋاقىتسىزلا ئۆچكەن چولپان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇكى، ئىنسانلار كېچىنى گۈزەل قىلىدىغان بۇ يۇلتۇزنى قايتا كۆرەلەرمىزمۇ دېيشكىنىچە باشلىرىنى قاماللاپ ئاسمانغا باقىدۇ: بەزىلەرگە ئاسماندا قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسە كۆرۈلمەيدۇ؛ بەزىلىرى بولسا غۇۋا بولسىمۇ ئاجىز چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارنى كۆرىدۇ ۋە يوقلۇقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يولىغا چۈشىدۇ.

يوقلۇق ئىككى يۈزلۈك ئادەمگە ئوخشايدۇ: بىر يۈزىدە دۈشمەنگە كۈلۈپ باقىدۇ، يەنە بىر يۈزىدە دوستقا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قايغۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، كىممۇ بىلسۇنكى، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ كۈلكىسىگە ئالدىنىدۇ، دوستلار قايغۇسىدا، سېغىنىشىدا سەگەكلىشىدۇ، ئويغىنىدۇ، ئاخىرىدا ئىسيان كۆتۈرىدۇ. شۇنداق ئىسيان كۆتىرىدۇكى، قولىدىكىنى قەدىرلەيدۇ، يوقلۇقنى ۋە قولىدىن كەتكەنلىرىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۈرەش قىلىدۇ.

يوقلۇق ئەسلىدە يوقۇلۇش ئەمەس قايتىدىن بار بولۇش، بار قىلىشتۇركى، بۇنىڭسىز بارلىقنىڭ ھېچ قەدرى بىلىنمەيدۇ، ئىنسان نانكورلۇق يولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا يوقلۇققا- سېغىنىشقا، قولدىن كېتىشكە ئۈمىدۋارلىق بىلەن باقماق كېرەك، ”سەپىرىڭ ئەڭ گۈزەل بىر مەنزىلگە قاراپ داۋاملاشسۇن“ دېمەك كېرەك….

4 تورداش ئىنكاس يېزىپتۇ “يوقلۇق”

  1. مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە، يوقلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى شۇنچىلىك ھېس قىلدىمكى، شۇ يوق بولغان نەرسىلەر قايتىدىن بار بولسا بەلكىم يەنىلا قەدرىگە يەتمەسمەن. مانا بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتى.
    ئەشۇ كەچمىشلەردىن ساۋاق ئالالىسام ئىدىم شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.

    1. بار ۋاقتىدا قەدرىنى قىلمىغان نۇرغۇن ئالىملىرىمىز، ئۇستازلىرىمىز، دوست-يارەنلىرىمىزنىڭ قەدرى راستىنلا ئۆتىلىۋاتىدۇ. ھەتتا، يېنىدىكى ۋاقتىمىزدا پەرۋاسىز قارايدىغان دوستلىرىمىز، مەھەللەداشلىرىمىز، ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ يىراقلاردا يۈرىۋاتقان بىزلەرنىڭ كۆزلىرىمىزدىن ئۇچىۋاتىدۇ.
      ئۈمىدكى قايتا ئېرىشكىنىمىزدە كەچمىشلىرىمىزنى ئېسىمزدە ساقلىيالىساق، ۋە سىز ئېيتقاندەك بىر دەرس ئالالىساق…

    1. شۇنداق، يوقۇلۇش ياكى يوقۇتۇش ۋەياكى يوقۇتۇلۇش يوقلۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ….
      ھەر كىشى يوقلۇقتىن ئۆز ئىستىكى بويىچە دەرس ئالىدۇ ياكى ھېچنىمە ئالمايدۇ…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز