كورونا ( يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى) دىن كېيىنكى دۇنيا

ئىلاۋە: 2020- يىلى كىرگەندىن كېيىن خەۋەرلەردە بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ باقمىدى: ھېلى چوڭ كۆلۈملىك ئوت ئاپىتى، ھېلى خېمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشلار، چىكەتكە ئاپىتى… دېگەندەك. ئەمما ھېچقايسىسى ھازىر پۈتۈن دۇنيا تىركىشىۋاتقان كورونا ۋىروسىدەك دۇنيانى پالاچ قىلىپ قويمىغان ئىدى: دەسلەپتە شەھەرلەر سىرتقا تاقالدى؛ كېينچە ھەتتا دۆلەتلەر چىگراسىنى تاقىدى؛ كىشىلەر ئۆيىگە بەنىت بولدى… بۇ ۋىروسنىڭ ئوتۇرغا چىققىنىغا ئالدى-كېينى بولۇپ ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇملاانغۇچىلارنىڭ ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشماقتا. (ئامېرىكا ئەڭ ئالدىغا ئۆتتى). ئارقىمىزغا قاراپ باقساق، بۇ ۋىروس ئەڭ بۇرۇن ۋۇخەندە ئۇتتۇرغا چىقتى (ۋۇخەن شەھرى يېقىندا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى، بۇ بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى.) ئاندىن ئاستا-ئاستا ھەممە يەرگە يېيىلدى. دۇنيا مىقياسىدا بۇ ۋىروسنىڭ ئىسمىنى كۆپ تالاش تارتتى. دۆلەت ئىچى مىدىيالاردا دەسلەپتە ۋۇخەن ۋىروسى(Wuhan Virus) دەپ ئېلىندى؛ چەتئەل ئاخباراتلىرىمۇ دەسلەپتە ۋۇخەن ۋىروسى دەپ ئاتىدى؛ كېيىن كورونا ۋىروسى(Corona Virus) دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى. ئارلىقتا ئامېرىكا باشلىق بەزى دۆلەتلەر ئۆزىنى بىلمەي ”جۇڭگو ۋىروسى“(Chinese Virus) دەپ ئاتىۋالدى (گەپ قىلمىسا بۇزەك قىلايلا دەپ تۇرىدىغان لۈكچەك باندىتلار 21- ئەسىردىمۇ مەۋجۇت دېسە) ۋە جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ قاتتىق پوزۇتسىيەسى بىلەن بۇنى دەرھال تۈزەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا تىببىي خادىملار ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ۋىروسنى كوۋىد 19(Covid-19)دەپ ئاتىدى. مەن بۇ تەرجىمىدە رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇرچە تاراتقۇلاردىكى قوللىنىلغان ئاتالغۇ ”يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىروسى“ نى ئىشلەتتىم. ئەسكەرتىش: ماقالە بىر ئاز ئۇزۇن. چاي ياكى قەھۋە ئىچكەچ ئوقۇشقا ماس كېلىدۇ. )

ماقالىنىڭ ئاپتۇرى ھەققىدە: Yuval Noah Harari يۇۋال نوۋاھ ھارارىي ئىسرائىلىيەلىك تارىخچى ۋە يازغۇچى؛ ئېرۇسالىم ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىسىنىڭ پروفېسسورى. داڭلىق كىتاپلىرىدىن “ ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى“، “ ئەتىنىڭ قىسقىچە تارىخى“ ۋە “ 21- ئەسىر ئۈچۈن 21 دەرسلىك“  قاتارلىقلار بار.

بۇ ماقالە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2020- يىلى 20- مارتتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىلىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىندى. (گوگىل تەرجىمانىنىڭمۇ تۆھپىسى بار)

كورونا ( يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى) دىن  كېيىنكى دۇنيا

ئىنسانىيەت ھازىر دۇنياۋى كىرزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بەلكىم  بۇ  21- ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ كىرزىسى بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە چىقارغان قارارلىرى بەلكىم كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا دۇنيانىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. بۇ قارارلار ساغلاملىق سىستېمىمىزنىلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىمىزنى، سىياسىتىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ. بىز چوقۇم تېز ۋە كەسكىن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا، ھەرىكىتىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋىتىنىمۇ ئويلىشىشىمىز كېرەك. باشقا يوللارنى تاللىغىنىمىزدا، ئۆزىمىزدىن بۇ بىۋاسىتە تەھدىدنى قانداق يېڭىشنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قانداق دۇنيادا ياشايدىغانلىقىمىزنىمۇ سورىشىمىز كېرەك. شۇنداق،  بۇ بوران-چاپقۇن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئىنسانىيەت ھايات قالىدۇ، كۆپىنچىمىز يەنىلا ھاياتتا قالىمىز. ئەمما بىز باشقا دۇنيادا ياشايمىز.

نۇرغۇن قىسقا مۇددەتلىك جىددىي تەدبىرلەر ھاياتنىڭ زۆرۈر بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. بۇ  تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىدۇر. ئۇلار تارىخىي جەريانلارنى تېز سىلتىجىدۇ. نورمال ۋاقىتلاردا نەچچە يىل قاراپ چىقىپ ئاندىن ئېلىنىلىدىغان قارارلار بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ماقۇللىنىدۇ؛ پىشىپ يېتىلمىگەن، ھەتتا خەتەرلىك تېخنىكىلار ئىشلىتىلىشكە باشلىنىلىدۇ. چۈنكى ھېچ ئىش قىلماسلىقنىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ. پۈتۈن دۆلەتلەر كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي تەجرىبىلەردە دېڭىز چوشقىسى(گۋىنىيە چوشقىسى)نىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆيدىن چىقىپلا خىزمەت قىلىشقا باشلىسا ۋە يىراقتىن ئالاقە قىلىشقا باشلىسا ئىشلار قانداق بولۇپ كېتەر؟ پۈتۈن مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار تور دۇنياسىغا كۆچسە ئىشلار قانداق بولۇپ كېتەر؟ نورمال ۋاقىتلاردا ، ھۆكۈمەت ، كارخانا ۋە مائارىپ ھەيئەتلىرى بۇنداق سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشقا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. ئەمما بۇ نورمال ۋاقىت ئەمەس.

بۇ دۇنياۋى كرىزىس مەزگىلىد بىز مۇنداق ئۆزگىچە ئىككى مۇھىم تاللاشقا دۇچ كېلىمىز. بىرىنچىسى، ئومۇمىيۈزلۈك نازارەت قىلىش بىلەن پۇقرالارغا ھوقۇق بېرىش ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش. ئىككىنچىسى،  مىللەتچىلىكنىڭ ئايرىلىشى بىلەن يەر شارىۋى ئۇيۇشۇش  ئوتتۇرىسىدا.

ئانىلىق نازارەت

يۇقۇمنى توختىتىش ئۈچۈن، بارلىق كىشىلەر مەلۇم يوليۇرۇقلارغا بويسۇنىشى كېرەك. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىككى ئاساسلىق ئۇسۇلى بار. بىر خىل ئۇسۇل ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلەرنى نازارەت قىلىشى ۋە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىشىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم تېخنىكا بىزنى ھەممەيلەننى كۆزىتىپ تۇرالايدىغان بىر ئىمكانغا ئىگە قىلدى. 50 يىل ئىلگىرى KGB  240 مىليون سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسىنى24 سائەت كۈزىتىپ تۇرالمايتتى، شۇنداقلا KGB توپلانغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشدىمۇ ئۈمىد يوق ئىدى. KGB ئىنسانلارغا ۋە ئانالىزچىلىرىغا تايىناتتى. شۇڭا  ئۇلار ھەر بىر پۇقراغا ئەگىشىدىغان پايلاقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرالمايتتى. ئەمما ھازىر ھۆكۈمەتلەر(پۇخرالانى نازارەت قىلىشتا) ئادەملەرنىڭ ئورنىغا ھەممىلا جايدا سەزگۈچلەرنى (سېنزور) ۋە كۈچلۈك ئالگورىزىمغا تايانالايدۇ.

تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىر قانچە ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇن يېڭى كۆزىتىش قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.  بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان دۆلەت جۇڭگو بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفونىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، يۈز مىليونلىغان يۈز تونۇش كامېرالىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرننىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە دوكلات قىلىشقا قىستاش ئارقىلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگىچىلەرنى تېز پەرقلەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان ھەر قانداق ئادەمنى ئېنىقلىيالايدۇ.شۇنداقلا، بىر قاتار كۆچمە ئەپلەر پۇقرالارنى يۇقۇملانغان بىمارلارغا يېقىن ئارلىقتا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدۇ.

بۇ خىل تېخنىكا پەقەت شەرقىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ يېقىندا ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ئادەتتە تېرورچىلارغا قارشى تۇرۇشتا  ئىشلىتىلىدىغان كۆزىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى بىمارلىرىنى ئىز قوغلاش ھوقۇقىنى بەردى. ئالاقىدار پارلامېنت تارماق كومىتېتى بۇ تەدبىرگە ھوقۇق بېرىشنى رەت قىلغاندا، نىتانىياخۇ «جىددىي پەرمان» ئارقىلىق بۇنى كۈچكە ئىگە قىلدى.

سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھېچقانداق يېڭىلىق يوق دەپ تالاش-تارتىش قىلىشىڭىز مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنى پايلىدى، نازارەت قىلدى ۋە كونترول قىلىپ كەلدى. ئەگەر بىز ئېھتىيات قىلمىساق،  بۇ يۇقۇم ئەھۋالى كۆزىتىش تارىخىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر بۇرۇلۇش نوقتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.  چۈنكى بۇ ھازىرغىچە بۇنداق قوراللارنى رەت قىلىپ كەلگەن دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش قوراللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى نورماللاشتۇرۇشى مۇمكىن بولۇپلا قالماي، بەلكى  تېخىمۇ جىددىيراقى بۇ «تېرە ئۈستى» دىن «تېرە ئاستىغىچە» كۆزىتىشكە جىددىي ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.

بۈگۈنگە قەدەر بارمىقىڭىز ئەقلىيفونىڭىزنىڭ ئېكرانىغا تېگىپ  بىر ئۇلىنىشنى چەككەندە، ھۆكۈمەت بارمىقىڭىزنىڭ زادى نېمە چەككەنلىكىڭىزگە قىزىقىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما  تاجىسىمان ۋىرۇسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتى ئۆزگەردى. ھازىر ھۆكۈمەت بارمىقىڭىزنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ۋە ئۇنىڭ تېرىسىدىكى قان بېسىمنى بىلمەكچى.

جىددىي ئەھۋال باقالىسى

كۆزىتىلىشنىڭ قەيىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشمىزدە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى شۇكى، ھېچقايسىمىز بىزنىڭ قانداق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىمىزنى، كەلگۈسىدا نېمىلەرنى بولىدىغانلىقى ئېنىق بىلمەيمىز. كۆزىتىش تېخنىكىسى بۆسۈش سۈرئىتىدە تەرەققىي قىلماقتا. 10 يىل ئىلگىرى ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايىدەك كۆرۈنگەن نەرسىلەر بۈگۈن بولسا كۈندىلىك خەۋەر بولۇپ قالدى. تەپەككۇر تەجرىبىسى سۈپىتىدە، ھەر بىر پۇقرانىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى 24 سائەت نازارەت قىلىدىغان بىئولوگىيەلىك بىلەيزۈك تاقاشنى تەلەپ قىلىدىغان قىياسى بىر ھۆكۈمەتنى ئويلاڭ. ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلار ھۆكۈمەت ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساقلىنىدۇ ۋە تەھلىل قىلىنىدۇ؛ئالگورىزىملار سىز بىلمەي تۇرۇپلا كېسەل ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا سىزنىڭ قەيەرلەرگە بارغانلىقىڭىزنى، كىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىڭىزنىمۇ بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقۇملىنىش زەنجىرى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدۇ ۋە ھەتتا پۈتۈنلەي كېسىلىدۇ. بۇ خىل سىستېما بىر نەچچە كۈن ئىچىدە يۇقۇمنى توختىتالايدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئاڭلىماققا ئاجايىپ قالتىستەك ، شۇنداقمۇ؟

ئەلۋەتتە بۇنىڭ كەمچىلىكى شۇكى، بۇ قورقۇنچلۇق يېڭى كۆزىتىش سىستېمىسىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ CNN ئۇلانمىسىنى ئەمەس، بەلكى فوكىس خەۋەر ئۇلانمىسىنى چەككەنلىكىمنى بىلسىڭىز، سىز  مېنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىم، ھەتتا كىشىلىكىم ھەققىدە بىر نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسىز.ئەمما ئەگەر سىز سىنئالغۇ لېنتىسىنى كۆرگىنىمدە بەدىنىمنىڭ تېمپېراتۇرىسى، قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى نازارەت قىلالىسىڭىز، مېنى نېمە كۈلدۈرەلەيدىغانلىقىنى، نېمە يىغلىتالايدىغانلىقىنى ۋە مېنى ھەقىقىي ئاچچىقلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

ئاچچىقلىنىش، خۇشاللىنىش، زېرىكىش ۋە سۆيگۈنىڭ قىزىش ۋە يۆتەلگە ئوخشاش بىئولوگىيىلىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇش تولىمۇ مۇھىم. يۆتەلنى پەرقلەندۈرىدىغان ئوخشاش تېخنىكا كۈلۈشنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئەگەر شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر بىزنىڭ بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرىمىزنى تۈركۈملەپ يىغىشقا باشلىسا، ئۇلار بىزنى ئۆزىمىز بىلگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار  ھېسسىياتىمىزنى ئالدىن پەرەز قىلىپلا قالماي، ھېسسىياتىمىزنى كونترول قىلىپ، ئۆزى خالىغان نەرسىنى ساتالايدۇ – بۇ نەرسەر مەيلى بىر مەھسۇلات بولسۇن ياكى سىياسىي پىكىر بولسۇن. بىئولوگىيەلىك نازارەت قىلىشنىڭ ئالدىدا كامبرىج ئۇنىۋېرسىتىسى ئانالىزچىلىقى سانلىق مەلۇمات خاككېرلىق تاكتىكىلىرى تاش قورال دەۋرىدىكى بىر نەرسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. 2030- يىلىدكى  چاۋشيەننى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: ھەر بىر پۇقرا 24 سائەت بىيولوگىيەلىك بىلەيزۈك تاقىشى كېرەك. ئەگەر سىز ”بۈيۈك رەھبەر“نىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان بولسىڭىز، بىلەيزۈك ئاچچىقىڭىز كەلگەنلىكىنى سىزىپ قالدىمۇ، سىز تۈگەشتىڭىز دېگەن گەپ.

ئەلۋەتتە ، ھۆكۈمەت جىددىي ئەھۋاللاردا بىئولوگىيەلىك نازارەت قىلىشنى ۋاقىتلىق تەدبىر سۈپىتىدە ئىشلىتەلەيدۇ ۋە جىددى ئەھۋال ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ تەدبىرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئەمما ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنىڭ  جىددىي ئەھۋاللاردىنمۇ ئۇزۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ناچار بىر ئادىتى بار، بولۇپمۇ يېڭى جىددىي ھالەتنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاشقاندا . مەسىلەن، مېنىڭ ۋەتىنىم ئىسرائىلىيە 1948-يىلدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى ۋە بۇ مەزگىلدە ئاخباراتنى تەكشۈرۈش ۋە يەر مۇسادىرە قىلىشتىن تارتىپ باقالى (پۇدىڭ) ياساشنىڭ (چاقچاق قىلمايۋاتىمەن) ئالاھىدە بەلگىلىمىلىرىگىچە بولغان بىر قاتار ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنى ماقۇللىدى. مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئۇزاق يىللار ئىلگىرىلا غەلبە قىلدى ۋە شۇندىن ئىتىبارەن  ئىسرائىلىيە ئەزەلدىن جىددى ئەھۋالنى ئېلان قىلىپ باقمىدى،ئەمما  1948- يىلدىكى نۇرغۇن «ۋاقىتلىق» تەدبىرلەر يېقىندا ئاندىن بىكار قىلىندى(جىددى قۇتقۇزۇش بۇيرۇقى 2011- يىلى رەھىمدىللىك بىلەن بىكار قىلىندى).

تاجىسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش نۆلگە چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، بىر قىسىم پۇخرالىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتقا ئېھتىياجلىق ھۆكۈمەتلەر تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىدىن ئەنسىرەپ ياكى ئوتتۇرا ئافرىقىدا يېڭى ئېبولا ۋىرۇسى پەيدا بولىشىدىن، ياكى… نېمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندىڭلار،  ئەنسىرەپ  بۇ بىئولوگىيەلىك كۆزىتىش سىستېمىسىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىشى مۇمكىن.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەخسىي مەخپىيەتلىكىمىز  ھەققىدە جىددىي تالاش-تارتىشلار بولىۋاتىدۇ. تاجىسىمان ۋىرۇس كىرىزىسى بۇ تالاش-تارتىشتىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى كىشىلەرگە شەخسىي مەخپىيەتلىك ۋە ساغلاملىق ئوتتۇرىسىدا تاللاش ھوقۇقى بېرىلگەندە، ئۇلار ئادەتتە ساغلاملىقنى تاللايدۇ.

سوپۇننىڭ نازارەتچىلىكى

كىشىلەردىن شەخسىيەتچىلىك ۋە سالامەتلىكنى تاللاشنى تەلەپ قىلىش ئەمەلىيەتتە مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى. چۈنكى بۇ بىر خاتا تاللاش. شەخسىي مەخپىيەتلىكىمىز ۋە ساغلاملىقتىن ھۇزۇرلىنالايمىز ۋە شۇنداق قىلالىشىمىز كېرەك. بىز سالامەتلىكىمىزنى قوغداش تاللىساق بولىدۇ ۋە تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى پۈتۈنلەي نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى پۇقرالارغا ھوقۇق بېرىش ئارقىلىق توختىتالايمىز. يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، كورىيە، تەيۋەن ۋە سىنگاپور تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. گەرچە بۇ دۆلەتلەر ئىز قوغلاش پروگراممىلىرىدىن بىر ئاز پايدىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كەڭ كۆلەمدە سىناق قىلىش، سەمىمىي دوكلات قىلىش ۋە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئاممىنىڭ ئىختىيارى ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ تاياندى.

مەركەزلىك نازارەت قىلىش ۋە قاتتىق جازالار كىشىلەرنى پايدىلىق كۆرسەتمىلەرگە ئەگەشتۈرىدىغان بىردىنبىر  ئۇسۇل ئەمەس. كىشىلەرگە ئىلمىي پاكىتلار يەتكۈزۈلگەندە ۋە كىشىلەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بۇ پاكىتلارنى بىزگە يەتكۈزىدۇ، دەپ ئىشەنچ قىلغىنىدا، پۇقرالار ھەتتا ”چوڭ كۆز“  ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرمىسىمۇ توغرا ئىش قىلالايدۇ. ئۆزنى بىلىدىغان ئاڭلىق  ۋە ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئادەتتە نازارەت قىلىنىدىغان ۋە  نادان كىشىلەردىن كۆپ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈمدار كېلىدۇ.

قولنى سوپۇن بىلەن يۇيۇشنى مىسالغا ئالساق، بۇ ئىنسانىيەت سەھىيە ئىشلىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىلگىرلەشلەرنىڭ بىرى.  سوپۇن بىلەن قول يۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ھەرىكەت ھەر يىلى مىليونلىغان ئادەمنى قۇتۇلدۇرىدۇ. بىز بۇنىڭغا تەبىيلا قوشىلىمىز. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئالىملار 19-  ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن قولنى سوپۇن بىلەن مۇھىملىقنى بايقىغان. بۇرۇنلاردا  ھەتتا دوختۇر ۋە سېستىرالارمۇ قولىنى يۇيمايلا بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيەدىن يەنە بىر ئوپېراتسىيەگە كىرىپ كىتەتتى.  بۈگۈنكى كۈندە بولسا مىلياردلىغان كىشىلەر ساقچىلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، پاكىتلارنى چۈشەنگىلىكى ئۈچۈن قولىنى سوپۇن بىلەن يۇيىدۇ. مەن ۋىرۇس ۋە باكتېرىيە ھەققىدە ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن قوللىرىمنى سوپۇن بىلەن يۇيىمەن. چۈنكى مەن بۇ كىچىك جانلىقلارنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە سوپۇننىڭ ئۇلارنى  قولدىن چىقىرىپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى بىلىمەن.

ئەمما بۇ دەرىجىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  ئارىدا ئىشەنچ بولمىسا بولمايدۇ. يەنى، كىشىلەر ئىلىم-پەنگە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە تاراتقۇلارغا ئىشىنىشى كېرەك. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا مەسئۇلىيەتسىز سىياسەتچىلەر كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە تاراتقۇلارغا بولغان ئىشەنچنى قەستەن ئاجىزلاشتۇردى. ئەمدىلىكە بولسا  يەنە شۇ مەسئۇلىيەتسىز سىياسىيونلار ئاۋامنىڭ توغرا ئىش قىلىشىغا ئىشەنچ قىلالمايسىز دېيىشكىنىچە دىكتاتورچىلىق  يولىغا مېڭىشقا مايىل بولىشى مۇمكىن.

ئادەتتە، يىللاردىن بۇيان يوقىتىپ قويغان ئىشەنچكە بىر كېچىدىلا قايتىدىن ئېرىشكىلى بولمايدۇ.  ئەمما بۇ نورمال ۋاقىت ئەمەس. كرىزىس پەيتىدە  ئەقىلمۇ تېز ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ. قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن نەچچە يىل كەسكىن تالاش-تارتىش قىلالايسىز، ئەمما بەزى جىددىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە ، تۇيۇقسىزلا ئاراڭلاردا يۇشۇرۇن ئىشەنچ ۋە دوستلۇق مەنبەسىنى بايقاپ قالىسىز ۋە بىر-بىرىڭىزگە ياردەم بېرىشكە ئالدىرايسىز. شۇڭا نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە تاراتقۇلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچەشكە بەك كەچ قالمىدۇق. بىز چوقۇم يېڭى تېخنىكىلارنىمۇ پايدىلىنىشىمىز كېرەك، ئەمما بۇ تېخنىكىلار پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قېلىشى كېرەك. بەدىنىمنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە قان بېسىمىنى نازارەت قىلىسىڭىز،چاتاق يوق، مەن بۇنى قوللايمەن، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇماتلار ھەممىگە قادىر بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك.  بەلكى بۇ سانلىق مەلۇماتلار مېنى  ئوقۇمۇشلۇق ھالدا شەخسىي قارارلارنى چىقىرىش ئىمكانىغا ئىگە قىلىشى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قارارلىغا مەسئۇل بولىشىنى سوراش ئىماكانىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

ناۋادا ھەر كۈنى  ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى 24 سائەت ئىز قوغلاپ تۇرالىسام، ئۆزۈمنىڭ  باشقا كىشىلەرگە ساغلاملىق خەۋپ بولۇپ قالدىممۇ- يوق، بۇنىڭدىن خەۋەردار بولالىپلا قالماي، يەنە قايسى ئادەتلەرنىڭ ساغلاملىقىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلەيتىم. ۋە ئوخشاشلا، تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى ئىشەنچىلىك ستاتىستىكىغا ئېرىشەلىسەم، ھۆكۈمەت ھەقىقىي ئەھۋالنى دەۋاتامدۇ-يوق، يۇقۇملۇق ۋىروسقا قارشى ھۆكۈمەت  توغرا سىياسەت قوللىنىۋاتامدۇ- يوق، بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلالىغان بولاتتىم. كىشىلەر ھەمىشە كۆزۈتىش سېستىمىلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. بۇلارنى ئاڭلىغنىڭىزدا، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، شۇ ئوخشاش كۆزۈتىش تېخنىكىسى پەقەت ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەخىسلەرنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ،بەلكى شەخىسلەرنىڭ ھۆكۈمەتلەرنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىشكە بولىدۇ.

شۇڭىلاشقا، تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى پۇخرالار ئۈچۈن مۇھىم بىر سىناق. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھەر بىرىمىز ئاساسسىز سۇيىقەست نەزەرىيىسى ۋە ئۆزى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغان سىياسەتچىلەرگە ئەمەس،ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلار ۋە ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىگە ئىشىنىشنى تاللىشىمىز كېرەك. ئەگەر توغرا تاللىيالمىساق، بۇ بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ ئويلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەركىنلىكىمىزنى قولدىن چىقىرىپ قويىشىمىز مۇمكىن.

بىز بىر دۇنياۋى پىلانغا مۇھتاج

بىز دۇچ كېلىدىغان ئىككىنچى مۇھىم تاللاش بولسا مىللەتچىلىكنىڭ ئايرىلىشى بىلەن يەر شارىۋى ئۇيۇشۇش  ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ ئىككىلىسىلا يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنى يەرشارىۋى ھەمكارلىق ئارقىلىقلا  ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، ۋىرۇسنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن ئۇچۇرلارنى دۇنيا مىقياسىدا ئورتاقلىشىشىمىز كېرەك. بۇ ئىنسانلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئەڭ چوڭ  زور غەلبىسى. جۇڭگودىكى  بىر تاجىسىمان ۋىرۇسى ۋە ئامېرىكىدىكى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئىنسانلارغا قانداق يۇقۇملىنىش توغرىسىدا كۆرسەتمىلەر ئالمىشىپ قالسا بولمايدۇ. ئەمما جۇڭگو ئامېرىكىغا تاجىسىمان ۋىرۇس ۋە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن قىممەتلىك ساۋاقلارنى بېرەلەيدۇ. ئىتالىيەلىك بىر دوختۇرنىڭ ئەتىگەندە مىلاندا بايقىغانلىرى كەچكىچە تېھراندىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىر قانچە سىياسەت ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالغاندا، بىر ئاي ئىلگىرى ئاللىقاچان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كورېيەلىكلەردىن مەسلىھەت ئالسا بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن بىز دۇنياۋى ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ روھىغا موھتاج.

دۆلەتلەر ئۇچۇرلانى ئوچۇق شەكىلدە ئورتاقلىشىشى، كەمتەرلىك بىلەن پىكر-تەلەپلەرنى سورىشى كېرەك ۋە ئۆزلىرى ئېرىشكەن ئۇچۇر ۋە كۆرسەتمىلەرگە ئىشەنچ قىلالىشى كېرەك. بىز يەنە دۇنيا مىقياسىدا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى، بولۇپمۇ ۋىروسنى تەكشۈرۈش  زاپچاسلىرى ۋە نەپەسلىنىش ماشىنىسىنى، ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تارقىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ھەر بىر دۆلەت بۇ ئىشلارنى ئۆز دۆلىتىدە قىلىپ ۋە ئېرىشەلىگەنلىكى ئەسۋاپلارنى ساقلىۋالماي، بۇنىڭ ئورنىغا دۇنيا مىقياسىدا ئۆز-ئارا ماسلاشسا، ئىشلەپ چىقىرىشنى زور دەرىجىدە تېزلىتىدۇ ۋە جان قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئادىل شەكىلدە تەقسىملىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.  دۆلەتلەر ئۇرۇش جەريانىدا مۇھىم يەرلىكلەشتۈرگىنىگە ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئۇرۇشىمۇ بىزدىن مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى «ئادىمىيلەشتۈرۈش» نى تەلەپ قىلىدۇ.  تاجىسىمان ۋىرۇسى ئاز كۆرۈلگەن باي دۆلەتلەر ۋىروس كۆپ كۆرۈلگەن نامراتراق دۆلەتلەرگە بۇ قىممەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزلىرى خالاپ  ئەۋەتىشى كېرەك. دۆلەتلەر شۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەككى،ناۋادا، كېيىنچە ئۆزلىرى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغىنىدا بۇرۇن ياردەم قىلغان باشقا دۆلەتلەر ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.

بىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۇنياۋى داۋالاش خادىملىرىنى توپلاشنى ئويلىشىپ كۆرسەكمۇ بولىدۇ. نۆۋەتتە ۋىروسنىڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىمىغان دۆلەتلەر داۋالاش خادىملىرىنى ئېھتىياجلىق ۋاقتىتا ياردەم بېرىش،ۋە شۇنداقلا قىممەتلىك تەجرىبە توپلاش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئەۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر كېيىنچە يۇقۇمنىڭ مەركىزىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، ياردەم قارشى يۆنىلىشتە ئېقىشقا باشلايدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەپتىمۇ يەر شارىۋى ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم. يەر شارى ئىقتىسادى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ماھىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەگەر ھەر بىر ھۆكۈمەت باشقىلارنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ ئۆز ئىشىغىلا بەنت بولسا،  بۇ قالايمىقانچىلىق ۋە كىرزىشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. بىز دۇنياۋى ھەرىكەت پىلانىغا موھتاج. بىزنىڭ بۇ پىلانغا جىددىي ئىھتىياجىم بار.

يەنە بىر جىددىي ئىش بولسا ساياھەت توغرىسىدا دۇنياۋى كېلىشىم ھاسىل قىلىش. بارلىق خەلقئارالىق ساياھەتلەرنى ئايلاپ توختىتىپ قويۇش غايەت زور قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەڭ بولمىغاندا  ئالىملار، دوختۇرلار، ژۇرنالىستلار، سىياسەتچىلەر، ۋە سودىگەرلەر ئوخشاش
مۇھىم ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە يول قويۇش ئۈچۈن دۆلەتلەر ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى كېرەك. بۇنى ساياھەتچىلەرنى ئۆز دۆلىتىدە ئالدىن تەكشۈرۈش توغرىسىدا دۇنياۋى كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر  دۆلىتىدە ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايروپىلانلارغا چىقىشغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلسىڭىز، ئۇلارنى دۆلىتىڭىزگە كىرگۈزۈشنى تېخىمۇ خالايسىز.

ئەپسۇسكى، ھازىر دۆلەتلەر بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلالمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت كوللىپتىپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. قارىماققا دۇنيادا ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر يوقتەك. كىشىلەر ئاللىقاچان بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ جىددى يىغىلىپ، ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىشقان ئىدى. G7 رەھبەرلىرى مۇشۇ ھەپتىدە ئاندىن كۆرۈنمە چاستوتىلىق يىغىنى ئاچتى. لېكىن بۇ يىغىندا يۇقۇردىكىدەك ھېچقانداق پىلان ئوتتۇرغا قويۇلمىدى.

2008- يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى ۋە 2014- يىلدىكى ئېبولا يۇقۇمى قاتارلىق يەرشارى خاراكتېرلىك كرىزىسلاردا ئامېرىكا يەرشارى رەھبىرلىك رولىنى ئالغان ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك خىزمىتىدىن ۋاز كەچتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ھەتتا ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىدىنمۇ ۋاز كەچتى. ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بارلىق ساياھەت قىلىشنى چەكلىگەندە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئۇنچە ئاۋارە  بولۇپمۇ يۈرمىدى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇ كەسكىن تەدبىر توغرىسىدا مەسلىھەتلەشمىگەنلىكىنى تىلغا ئالمىساقمۇ بولىدۇ. ئامېرىكا گېرمانىيەنىڭ بىر دورىگەرلىك شىركىتىگە يېڭى تاجىسىمان ۋىروس ۋاكسىنىسىنىڭ مونوپول ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 1 مىليارد دوللار بىلەن تەمىنلەندى، دېيىلىپ گېرمانىيەنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويدى. ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاخىرىدا تاكتىكىسنى ئۆزگەرتىپ، دۇنياۋى ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدىمۇ دەيلى. ئەمما ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەردىن باشقا كىشىلەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغان، خاتالىقنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدىغان، بارلىق ئەيىبنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويىدىغان،ۋە دائىم بارلىق تۆھپىنى مېنىڭ دەيدىغان بىر رەھبەرگە ئەگەشمەيدۇ.

ئەگەر ئامېرىكا قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ بوشلۇقنى باشقا دۆلەتلەر تولدۇرمىسا، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنى توختىتىش تېخىمۇ تەس بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ تەسىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى داۋاملىق زەھەرلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەر بىر كرىزىس بىر پۇرسەت. بىز نۆۋەتتىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن ئىنسانىيەت يەر شارىۋى ئىتتىپاقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي خەتەرنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك.

ئىنسانىيەت ئىككدىن بىرىنى تاللىشى كېرەك. بىز ئىتتىپاقسىزلىق يولىغا ماڭىمىزمۇ ياكى دۇنياۋى ئىتتىپاقلىق يولىغىمۇ؟ ئەگەر ئىتتىپاقسىزلىقنى تاللىساق بۇ كىرزىسنى ئۇزارتىپلا قالماي، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ناچار ئاپەتلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولىشىمىز مۇمكىن؛ ئەگەر بىز دۇنياۋى ئىتتىپاقلىقنى تاللىساق ئۇ تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى بىر غەلبە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى 21- ئەسىردە ئىنسانىيەتكە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن بولغان بارلىق يۇقۇم ۋە كرىزىسلارغا قارشى غەلىبە بولىشى مۇمكىن.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز