تىۋىش

مەن بىر يېڭىياچى، ھەركۈنى سەھەردە تۇغۇلۇپ كەچتە ئۆلىمەن. ئەتىسى دۇنياغا يېڭىياچى پېتى قايتا تۇغۇلىمەن. ئۇنتۇيمەن، ئۇنتۇلدۇرىمەن، ئۇنتۇلدۇرۇلىمەن. ھەقىقەت ئىزدەيمەن، ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسىغىسىدا يېقىلىمەن.

قەبرە كولاش 1

سودىگەرلەر قايناق بازارنى بېشىغا كىرىپ خېرىدار توۋلاۋاتاتتى. بۇ بازار ئاجايىپ بازار، يىڭنە-يىپ دەمسىز، ياكى ئىسىل ئىگىنلەر دەمسىز، كۈمۈش-ئالتۇن ئۈزۈك دەمىسىز…. ھەممىسى تېپىدىلىدۇ.  گاھىدا ئەمدى 13-12 نىڭ قارىسسىنى ئالغان بالىلارنىڭ “ تازلىق قەغىزى سېتىۋاللى. چىش كولىغۇچ سېتۋاللى، ئەزانچىلىق دېگەن مانا مۇشۇ، “ دەپ توۋلاشلىرى ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلسا، گاھىدا چاچلىرىغا ئاق چۈشكەن مومايلار، ياغلىقىنى چىڭ چىگىۋالغان …

قەبرە كولاش

ئۆزۈمنى كىچىك بالا دەپلا ئويلايتتىم. ئەمما ئەينەكتىن سىمايىمنى كۆرۈپ، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم: بۈدۈر چاچلىرىمغا ئاق چۈشۈشكە باشلاپتۇ. چوڭلار ئاق چاچ بەخىتنىڭ بەلگىسى دەيدىكەن،  بەخىت قۇشۇم بېشىمغا قۇنىۋاتقاندۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم؛ بەزىدە ئېغىر ھۆتىلەپ قويىشىم بار، ياشلىق پەسلىم ئۆتكەن بولسا كېرەك؛ بۇرۇنقىدەك قەلەمنى ئېلىپلا بىرنېمىلەرنى يازالمايدىغان بوپ قاپتىمەن، بەلكىم سەل ئۆزۈمنى تۇتىۋالغاندىمەن، ھىسياتلىرىمغا يۈگەن سالغاندىمەن. …