شەخس ۋە كوللىكتىپ

شەخس ۋە كوللىكتىپ بىر كۈنى مۇئەللىم شاگىرتىدىن سوراپتۇ : “ بىر تامچە سۇ قانداق ئەھۋالدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالايدۇ ؟“ شاگىرت گەپ قىلماي تۇرۇپ قاپتۇ. مۇئەللىم ئېيتىپتۇ: “ بىر تامچە سۇ ، شامال ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ، تۇپراق ئۇنى سۈمىرىپ يوق قىلىدۇ، قۇياش ئۇنى پارغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.  ئەگەر  مەۋجۇت بولۇپ تۇرسۇن  دېسەك، ئۇنى دېڭىزغا قويىشىمىز كېرەك.“ بىر ئادەم ئۆزىگىلا تايىنىپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس. غەلبە قازىناي دەيدىكەنسىز،  چۇقۇم باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. بۇ دەل بىز ھەمىشە دەيدىغان شەخس مەيلى قانچىلىك كۈچىيىپ كەتسۇن، ئۇ ھامان بىر ئۇيۇل تەشكىلاتقا يەتمەيدۇ، دېگەن گەپنىڭ ئۆزىدۇر.   شاتۇت ۋە قاغا بىر كۈنى […]

ئىشتان كىسىشتىكى مەنتىقە

ئىشتان كىسىشتىكى مەنتىقە قىزچاق بىر ئىشتان سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىىپ كەلگەندىن كېيىن سىناپ كۆردى. قارىسا بەكلا ئۇزۇن. قىز مومىسىدىن ئازراق كىسىپ بېرىشنى سورىدى. مومىسى مەن بەك ئالدىراش، ئاپاڭنى ئىزدە قىزىم دېدى؛ ئاپىسىنىڭمۇ ۋاقتى يوق بوپ چىقتى؛ ئاچىسىنى ئىزدەپ بارغان ئىدى، ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قىزچاق قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگىنىچە ئۇخلاپ قالدى. مومىسى ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن نەۋرىسىنىڭ دېگەن گىپى ئىسىگە كەلدى-دە، ئىشتاننى ئېلىپ ئازراق قىسقارتىپ قويدى؛ ھەدىسىمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىڭلىسىنىڭ گېپى ئىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئىشتىنى يەنە ئازراق كېسىۋەتتى؛ ئاپىسى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۇمۇ ئىشتاننى ئازراق كىسىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ قىزچاق ئۇ ئىشتاننى كىيەلمىدى. باشقۇرۇشتا شۇنداق بىر ئىللەت باركى : […]

Abdul_Sattar_Eidhi

دۇنيادا مۇنداق ئىنسانلارمۇ بار

قاچانلا قارىسىڭىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان خەۋەرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن  بىر دۇنيا بار، ئۇ بولسىمۇ تور دۇنياسىدۇر. تور دۇنياسى، بولۇپمۇ خەۋەر تورلىرى، تىز تاراتقۇ ۋە ھەر خىل كىچىك ئىجتىمائىي ئالاقە قۇراللىرى دەل ئاشۇنداق پاسسىپ نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن دۇنيادىن، ئىنسانلاردىن قاتتىق يىرگىنىدىغان، ئۆچمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەرمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. ئەمما دۇنيادا مۇنداق ئىنسانلارمۇ بار. ئۇلار يىراقلاردا، تەكلىماكاننىڭ گىرۋەكلىرىدە،قايسى بىر ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدا، قايسى بىر تاغنىڭ باغرىلىدا ياشايدۇ، قىلغانلىرىنى داۋراڭ قىلمايدۇ، ئەمگەكلىرىدىن مىنەت قىلمايدۇ. تۆۋەندىكىسى تور پۇخرالىرىنىڭ كۆزىدىن بەك يىراقتا بولغان مۇشۇنداق مىھنەتسىز، پۈتۈن ئۆمرىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىگە ئاتىغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئابدۇلساتتار ئەدھى ھىندىستاندا (ھىندىستان پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى) توغۇلغان ۋە كېيىنچە پاكىستانغا […]

جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بۇ يەتتە خىل يىمەكلىكتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ

پەن-تېخنىكىنىڭ سايىسىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىدىمۇ زور يۈكسىلىش ۋە ئىلگىرىلىشلەر روياپقا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە جەمئىيەتتە يىمەكلىك بىخەتەرلىكى دەيدىغان بىر ئوقۇممۇ بارلىققا كەلدى. چۈنكى پەن-تېخنىكا دېھقانچىلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن خىمىيەلىك دورىلارنىمۇ بىزگە سوۋغا قىلغان ئىدى. مەنپەئەتنىڭ پېيىغا چۈشكەن ئىنسانلار ئۈچۈن بۇنداق خىمىيەلىك دورىلار ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كۆپ پۇل تېپىشىدىكى ئالتۇن ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. ھەرخىل سەۋەپلەرگە كۆرە ئەرزان نەرسىلەرگە كۆنگەن ئىستىمالچىلار بۇ يىمەكلىكلەرگە تازا كۆنگەن ئىدى. نەتىجىدە دوختۇرخانىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيدى، تېخنىكا سۈپىتىمۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دوختۇرخانىلارغا قاترايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئېشىپ، ئۇلار دوختۇرخانىلارغا پاتماي قالدى. ھەر خىل يېڭى كىسەللىكلەر ئوتتۇرغا چىقتى. […]

ئۆسەك سۆز ھەققىدە قىسقىغىنە ھىكايە

ئىلگىرى بىر ياشىنىپ قالغان ئادەم بولغان ئىكەن. بۇ ئادەم  قوشنىسى ھەققىدە  “ ئۇ بىر ئوغرى “ دەپ گەپ تارقىپتۇ. نەتىجىدە ياشانغان ئادەمنىڭ ياش قوشنىسى قولغا ئېلىنىپتۇ. خېلى كۈنلەردىن كېيىن بۇ ياشنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلىپتۇ. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بۇ ياش ياشانغان ئادەمنى سوتقا مېنىڭ ھەققىمدە يالغان ئۇچۇر تارتقانقان دەپ ئەرز قىلىپتۇ. سوتخانىدا ياشانغان ئادەم :“ ئۇلار مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلىرىم ئىدى. بۇنداق گەپلەرنىڭ ھېچكىمگە زىيىنى يوققۇ،“ دەپ تۇرىۋاپتۇ.  سوتچى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ياشانغان ئادەمگە مۇنداق دەپتۇ: “ بۇ ياش ھەققىدە دېگەن گەپلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى بىر پارچە قەغەزگە  يېزىپ چىقىڭ ۋە بۇ قەغەزنى پارچە-پارچە يىرتىڭ. ئاندىن ئۆيىڭىزگە قايتىشىڭىزدا قەغەز پارچىلىرىنى ماشىنىڭىزنىڭ […]

cropped-IMG_20130513_193122-e1441434617247.jpg

سېغىنىش

ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم. جىسمىم ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتى، روھىم نەلەردىدۇ سەيلە قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا يەنە شۇ ئۇيقىنىڭ ئىچىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم. روھىم جىسمىمغا قايتىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما جەسىتىم ھېلىھەم ئۇيقۇدا ئىدى. كۆزۈمنى ئاچتىم. مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى چالا-پۇچۇق كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئايرىلغىلى نەچچە يىللار بولغان، شۇنىڭدىن بۇيان بىر ئېغىزمۇ خەۋىرى كەلمىگەن بىر دوستۇم يېنىمدىن ئۆتكىلىۋاتاتتى. بېشىمنى ئاستا كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان شۇ دەمدە ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ئېنىقكى، ئۇمۇ بۇ ناتونۇش بىر زىمىندا مەندەك بىر قەدىناسىنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالىمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدى. بىردەم قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە تاشلاندۇق. بىر ئېغىز گەپ قىلماستىنلا قوچاقلاشتۇق، ئەھۋال سوراشتۇق […]

2

ئەقىدەڭنى تاشلىۋەت ئاستا

بۇ قىسقا يازمىنى بۇنىڭدىن 7-6 يىل ئىلگىرى كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويۇپتىكەنمەن. بۈگۈن شۇ ۋاقىتتىكى كۈنلىرىمنى ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئەسلىگەچ  بۇ يازمىنى تورغا يوللاپ قويغۇم كەلدى.  ئەينى ۋاقىتتىمۇ بۇ يازمىغا ھېچقانداق ماۋزۇ قويماپتىكەنمەن. ئۈستىدىكى ماۋزۇ مەجبۇرى قويۇلۇپ قالدى(باشنى چايقىغان چىراي ئىپادىسى). ماۋزۇ مۇۋاپىقمۇ، بۇ قانداق ژانىرىدىكى تاققۇ-تۇققۇ… دېگەندەك مۇلاھىزىلەر ئوقۇرمەنلەرگە قالدى.   كىمدىن باشلانغان سۇئال . بەك ئۇزۇن سۇئال،لېكىن جاۋابى يوق … قەلبىمىزدە، كۆكرىكىمىزدىكى بىر پارچە گۆشتە، ھېچنىمە چوق قۇپقۇرۇق تۇرىدۇ ئېسلىپ، بەزىدە پەسلەپ بەزىدە كۆتۈرۈلۈپ. بىز شۇنداق بىر تەننىڭ ئىگىسى، بىز شۇنداق بىر جاننىڭ ئىگىسى… كېتىۋاتقان زاۋالىققا قاراپ، ئۆزىمىز بىلىپ تۇرۇپ، كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سېلىپ. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئوت ئىچىدىن، ئوت ئىچىگە قاراپ…ئوت […]