دۇنيادا مۇنداق ئىنسانلارمۇ بار

قاچانلا قارىسىڭىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان خەۋەرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن  بىر دۇنيا بار، ئۇ بولسىمۇ تور دۇنياسىدۇر. تور دۇنياسى، بولۇپمۇ خەۋەر تورلىرى، تىز تاراتقۇ ۋە ھەر خىل كىچىك ئىجتىمائىي ئالاقە قۇراللىرى دەل ئاشۇنداق پاسسىپ نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن دۇنيادىن، ئىنسانلاردىن قاتتىق يىرگىنىدىغان، ئۆچمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەرمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. ئەمما دۇنيادا مۇنداق ئىنسانلارمۇ بار. …

جۇڭگودا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بۇ يەتتە خىل يىمەكلىكتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ

پەن-تېخنىكىنىڭ سايىسىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىدىمۇ زور يۈكسىلىش ۋە ئىلگىرىلىشلەر روياپقا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە جەمئىيەتتە يىمەكلىك بىخەتەرلىكى دەيدىغان بىر ئوقۇممۇ بارلىققا كەلدى. چۈنكى پەن-تېخنىكا دېھقانچىلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن خىمىيەلىك دورىلارنىمۇ بىزگە سوۋغا قىلغان ئىدى. مەنپەئەتنىڭ پېيىغا چۈشكەن ئىنسانلار ئۈچۈن بۇنداق خىمىيەلىك دورىلار ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا كۆپ پۇل …

ئۆسەك سۆز ھەققىدە قىسقىغىنە ھىكايە

ئىلگىرى بىر ياشىنىپ قالغان ئادەم بولغان ئىكەن. بۇ ئادەم  قوشنىسى ھەققىدە  “ ئۇ بىر ئوغرى “ دەپ گەپ تارقىپتۇ. نەتىجىدە ياشانغان ئادەمنىڭ ياش قوشنىسى قولغا ئېلىنىپتۇ. خېلى كۈنلەردىن كېيىن بۇ ياشنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلىپتۇ. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بۇ ياش ياشانغان ئادەمنى سوتقا مېنىڭ ھەققىمدە يالغان ئۇچۇر تارتقانقان دەپ ئەرز قىلىپتۇ. سوتخانىدا ياشانغان ئادەم …

سېغىنىش

ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم. جىسمىم ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتى، روھىم نەلەردىدۇ سەيلە قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا يەنە شۇ ئۇيقىنىڭ ئىچىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم. روھىم جىسمىمغا قايتىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما جەسىتىم ھېلىھەم ئۇيقۇدا ئىدى. كۆزۈمنى ئاچتىم. مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى چالا-پۇچۇق كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئايرىلغىلى نەچچە يىللار بولغان، شۇنىڭدىن بۇيان بىر ئېغىزمۇ خەۋىرى كەلمىگەن بىر دوستۇم يېنىمدىن ئۆتكىلىۋاتاتتى. …

ئەقىدەڭنى تاشلىۋەت ئاستا

بۇ قىسقا يازمىنى بۇنىڭدىن 7-6 يىل ئىلگىرى كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىپ قويۇپتىكەنمەن. بۈگۈن شۇ ۋاقىتتىكى كۈنلىرىمنى ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە ئەسلىگەچ  بۇ يازمىنى تورغا يوللاپ قويغۇم كەلدى.  ئەينى ۋاقىتتىمۇ بۇ يازمىغا ھېچقانداق ماۋزۇ قويماپتىكەنمەن. ئۈستىدىكى ماۋزۇ مەجبۇرى قويۇلۇپ قالدى(باشنى چايقىغان چىراي ئىپادىسى). ماۋزۇ مۇۋاپىقمۇ، بۇ قانداق ژانىرىدىكى تاققۇ-تۇققۇ… دېگەندەك مۇلاھىزىلەر ئوقۇرمەنلەرگە قالدى.   كىمدىن باشلانغان سۇئال . بەك ئۇزۇن …

ئامانەت ۋە خىيانەت (ئانا تىل)

بۈگۈن 2017-يىل 21- ھۇد، ھاۋا باشقىچە ئوچۇق ھەم بىر خىل ئىللىق.  بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈننى بىر يىلنىڭ باشقا 364 كۈنىگە ئوخشاشلا ئالدىراشچانلىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ: بەزىلىرى ئېتىزلىقلىرىدا ئىشلەش بىلەن؛ بەزىلىرى بازارلاردا  ئالدىراش؛ بەزىلىرى بولسا بىرەر يىغىن ياكى يىغىلىشلاردا؛ يەنە بەزىلىرى چىراقلىرى بار قاراڭغۇ ئۆيلەرگە بىكىنگەن، ھاياتتىن، خىزمىتىدىن، ھەر …