تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

ئاق رەڭ ۋە قارا رەڭ (Black and White)

  بۇرۇن بۇرۇندىكەن، كائىناتتىكى مەۋجۇداتلار ئەمدى پەيدا بولىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. ئۇ ۋاقىت شۇنداق بىر يىراق زامان ئىكەنكى ھەتتا  يۇلتۇز ۋە سەيييارىلەرمۇ  تېخى سەبىي كىچىك بولۇپ، ئۇلار شۇ زامانلاردىكى ئالاھىدە مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىكەن.  بۇ مەكتەپتە ئۆزگىچە بىر دەرس بار بولۇپ،  بۇ سىنىپتا ئوقۇيدىغان بالىلارمۇ بەك قىززىقچى بولغاچقا ھەممەيلەن بۇ دەرسكە بەك ئامراق ئىكەن. بۇ سىنىپتا بىر توپ كەپسىز بالا رەڭلەر ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئاق رەڭ دەمسىز، قارا رەڭ دەمسىز، قىزىل رەڭ، كۆك رەڭ، سېرىق رەڭ.. ...

خۇشاللىق ئىزدەش

يازنىڭ شوخ سۇلىرىغا قاراپ ئويغا چۆكۈپ كەتتىڭ. سەن ئويلايتتىڭ: ئەجەپ سۇلار-ھە! بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ھارمايدۇ، شىلدىرلاپ زادى ھارمايدۇ. بەزىلەر سېنىڭ دولقۇنلۇشۇڭنى ئۆزىنىڭ غەزەپلىنىشىگە سىموۋۇل قىلسا، سېنىڭ كېمەيگەنلىكىڭنى ئىچ پۇشۇقىغا ئوخشىتىشىدۇ. ئەمما سەن بۇلارغا پەرۋاسىز. لېكىن سەن خۇشاللىقنىڭ سىموۋۇلىسەن. چۈنكى ئۆزۈڭنىڭ ھەربىر تامچىسى ئارقىلىق قاغجىرىغان زىمىننى سۇغۇرىسەن، سۇلاشقان دەرەخلەرنى، گۈل-گىياھلارنى، ئوت-چۆپلەرنى ياشارتىسەن. دېمەك تەبىئەتنى بەھرىمەن قىلدۇرىسەن. شۇڭا سەن پەقەت خۇشا ...

ئەينەك ۋە سىما

‏بىراۋلار كۆزىدە مەڭگۈ ياخشى ئادەم ئەمەسسەندۇرسەن. ئۇلار ئۈچۈم سەن شۇنچىلىك رەزىلكى، ئۇلار بارلىق رەزىللىكلەرنى سېنى يادىغا ئېلىش بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدۇ؛ سېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكۈسى كېلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت خىياللار دۇنياسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، كۈپكۈندۈزدە چۈش كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. خىيالىنى كىمدۇر بىرىنىڭ يەتتىنجى قات ئاسماننىڭ تىگىدىن كەلگەن ساداسى بۇزىۋېتىدۇ، قولىدىكى سوۋغاتلىق گۈل پەرۋىشسىز قېلىپ سارغىيىپ ياپراق تاشلاشقا باشلىغاندا  چۈشىدىن ئويغىنىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ ش ...

قايتىش قىپقىزىل گۆش كىچىك قۇش بولۇپ تۇغۇلۇپ قالسام ئىدىم ناۋادا قايتا… مۇمكىن ئەمەس تۇغۇلغان سەن تۈمەن مىڭ يىللار ئىلگىرى زەرىچە تۇغۇلغان ئاشۇ دەقىقىلەردە. ئۆزى تۇرىۋاتقان يەردىن ھەيرەت ئىچرە تۇرۇپ قالمىغان چۈشۈممۇ بۇ دەپ گۇمان ئىسكەنجىسىگە چۈشمىگەن يۈزلىرىدىكى قاپقارا لايلارنى قاپقارا لاي قوللىرى بىلەن ئېرتىۋېتىپ ”نۇر“ نى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ئادەمنىڭ چىھرىدە. گۆش بولۇ……

ئانا تىلىم جان تىلىم

بۇ نەسىر گەرچە بۇنىڭىدىن 7-6 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ قايتا قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈمگە شۇنچىلىك يېقىشلىق بىلىندى. ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، ئانا تىل مەدىيھلەنگەن تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنداق بولماي تۇرالىسىۇن. بۈگۈنكى خەلىقارالىق ئانا تىل بايرام كۈنىدە چۈچۈك، ئاددىي تىللار ئەمما چىن سەمىمىيەت بىلەن يېزىلغان، پىشمىغان نەسىرنى ئەزىز دوستلۇرۇمغا سۇنغۇم كەلدى. ئانا تىلىغا پۇقتا، باشقا تىلغا ماھىر كىشىلىرىمىز ئامان بولسۇن. كىچىك سەبىيلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتىۋاتقان، ئانا تىلىدا دەرس ئۆ ...

پىخسىق بۇلۇت The greedy cloud

قەدىمقى زاماندا بىر پارچە كىچىك بولۇتچاق بولغان ئىكەن. بۇلۇتچاق ناھايىتى چىرايلىق بىر يېزا ئاسمىنىدا ياشايدىكەن. بىركۈنى بولۇتچاق ئۆزىدىن خېلى چوڭ بىر بۇلۇتنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق ھەسەت قىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق چوڭ بولغۇسى كېلىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇنى قەتئىي سىرتقا چىقارماسلىققى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىچىك بۇلۇتچاق قورسىقىدىكى سۇنى يامغۇر قىلىپ ياغدۇرماسلىقنى قارار قىلىپتۇ . كىچىك بۇلۇتچاق  قورسىقىدىكى سۇنى يامغۇر قىلىپ ياغدۇرماپتۇ. دېگەندەك بۇلۇتچاق چوڭ ...

يېڭىلىش (مۇشۇنىمۇ شىئىر دەمدىمىز؟)

ئالدى بىلەن ماۋزۇدىكى سۇئالغا ئىزاھات بىرىپ ئۆتەي قىسقىغىنا. چوڭلار قاپىيەسى بولمىسا، ھېچبىر مەناسى بولمىسا قانداقسىگە شىئىر بولىدۇ دەيدىكەن؛ يېڭىياچىلار شىئىردا قاپىيە، رېتىم… دەيدىغان بىر نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك دەيدىكەن. ماڭا نىسپەتەن، بەزىدە سۆزلەرنى قاپىيەگە تىزىپ باقىمەن، مەنالاردىن يىراقلاپ كىتىمەن؛ بەزىدە قاپىيە-رېتىم دېگەن نەرسىلەرگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيمەن، يازغانلىرىمنىڭ تولىسىنى ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمەي قالىمەن.  شۇڭا دەيمەنكى، يازغانلىرىم شىئىرمۇ ئەمەس، نەسىرمۇ ئەمەس، پەقە ...