داپشاقلار1
بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى باشقىچە: كۆپكۈك ئاسماننى كۆرىۋالغانلىقدىن ئۆزگىچىلا روھلىنىپ ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىك قول تېلڧۇنىدا بولسىمۇ ئۇچۇرغانكى كۆك رەڭلىك مەنزىرىلەرنى رەسىمگە تارتىۋاتقان كىشىلەر كۆزگە چېلىقپلا تۇرىدۇ؛ ئاسمىنىدا كۈن پاقىراپ تۇرسىمۇ كۆزۈڭگە بىر خىل چاڭ-تۇزانلار كۆرۈنگىنى كۆرۈنگەن. پىژغىرىم ئاپتىپى ئادەمنى مۇزدەك سوغۇچ شامال پۈركۈپ تۇرغان ھاۋا تەڭشۈگۈچنىڭ ئاستىغا قىستىغىنى قىستىغان؛ بەزىدە بېرەر ھەپتىگىچە قوياشنىڭ چىھرىنى كۆرەلمەيدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىقى بۇنداق چاڭلاش ھاۋانىڭ ئادەمنىڭ بۇرۇن-گاللىرىنى بۇزەك قىلىشى يەتمىگەندەك، ماشىنىلىق، پىيادىلىق… قىستىلىشىپ كىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىن كىلىۋاتقان سېسىق پۇراق مىڭەڭنى يەپ كىتىدۇ. بەزىدە بۇيەرنىڭ كىشىلىرىنى يۇيۇنمايدىغان، دۇنيادا “ خۇشپۇراق “ دەيدىغان بىر ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلمەمدىكىن دەپ ئويلاپمۇ قالىسەن. لېكىن شۇنداق ئالدىراشچانلىقتا يۈرسىمۇ،بەزىلىرىنىڭ قىشمۇ-ياز ئىسسىق سۇلاردا سائەتلەپ يۇيۇنۇپ […]