تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خەتكۈچلەر دۇنياسى: ئاشىق

سېغىنىش

ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم. جىسمىم ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتى، روھىم نەلەردىدۇ سەيلە قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا يەنە شۇ ئۇيقىنىڭ ئىچىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم. روھىم جىسمىمغا قايتىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما جەسىتىم ھېلىھەم ئۇيقۇدا ئىدى. كۆزۈمنى ئاچتىم. مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى چالا-پۇچۇق كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئايرىلغىلى نەچچە يىللار بولغان، شۇنىڭدىن بۇيان بىر ئېغىزمۇ خەۋىرى كەلمىگەن بىر دوستۇم يېنىمدىن ئۆتكىلىۋاتاتتى. بېشىمنى ئاستا كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئۇن ...