تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خەتكۈچلەر دۇنياسى: ئاشىقلىق

مەس ئادەم ۋە ئالدىراڭغۇ رىئاللىق

ھاراقلا ئادەمنى مەست قىلمايدۇ. بەزىدە ئادەمنى گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بىر پارچە شىئىر ياكى بىر پارچە رەسىم، ۋە ھەتتا گۈزەل بىر سەتەڭ ياكى كېلىشكەن بىر يىگىتمۇ ئادەمنى مەس قىلىپ قويۇشلىرى بار. ئادەمنى شاراپلا مەست قىلمايدۇ. بەزىدە بىرىگە ياكى بىر شەيئىگە ئاجايىپ ئامراق بولىسەن-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ ئۇنىڭغىلا ئىنتىلىدۇ، ئۇنىلا ئىستەيسەن، كۆزۈڭ ئۇنىڭدىن باشقىسىغا كور، قۇلىقىڭ ئۇنىڭ سۆزىدىن باشقىسىغا پاڭ، پۇتۇڭ ئۇنىڭ يولىدىن باشقا يولغا كەلگەندە ھارغىن ياكى توكۇر بولىۋالىدۇ. ئەمەلى ...