تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خەتكۈچلەر دۇنياسى: ئۆرتىنىش

ئۆرتىنىش

 بەزىدە شۇندا ھۇرۇن بولۇپ قالىمەن، ھېچنىمە خوشياقمايدۇ. شۇنداق ۋاقىتلاردا خىيال قۇشلۇرۇمنى نەلەرگىدۇ قويۇپ بىرىمەن، ئۇچسۇن، تەپەككۇر قىلسۇن دېگۈم كېلىدۇ. خىياللىرىم بەزىدە  تەسەۋۋۇر قوينىغا بىلىقچى قۇشلاردەك شۇڭغۇپ كىتىدۇ لېكىن قۇرۇق قول قايتىپ چىقىدۇ. بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باققۇم كېلىدۇ، يازغانلىرىمنى بەزىدە ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمەيمەن، ئەمما خاتىرىلەپ قويىمەن، بەلكىم ئۆزۈمنىڭ ئۆتمىشىنى خاتىرىلىۋېلىشنى، ئۆزۈمدىن ھېساب ئالماقنى ئىستەرمەن مۇشۇ ئارقىلىق.  تۆۋەندىكى تاققۇ-تاققۇ يازمىمۇ دەل شۇنداق باش- ...

تېڭېرقاش

تىلىڧۇن بىر ماروژناخانىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭغا ياندىشىپ پەرھاتمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈتتۈرگىلىۋاتاتتى، بەزىلىرىنى ئاللىقاچان يۈتتۈپ قويغانمۇ ئىدى. بۇلارنى ئۇ ئۆزى سىزەتتى. يېنىدا ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن دەپ دەۋا قىلىدىغان بىر چىشى سايە ئۇ بۈگۈن ئېرىشكەن بىردىنبىر نەرسە ئىدى. سايە ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن بېرى ھەمراھ ئىدى. ئارلىقتا يوقاپمۇ كېتەتتى. لېكىن ئۇ سايىگە ئاشىق ئىدى. سايە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كوچا ئايلانغان ۋاقىتتا خۇددى ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقاتقاندەك كۆپ نەرسىلەرنى ئېسىدىن چى ...