تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خەتكۈچلەر دۇنياسى: جەمئىيەت

قاتىل ۋە سوتچى

سوتخانا ئىشىكى ئۇچۇق ئىدى. مانا بۇ سوتنى ھەقىقى ئۇچۇق سوت دېيىشكە بولاتتى. ئۇ سوتخانا ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالغىنىچە تۇرۇپ قالدى:  كۆز ئالدىدا كەڭ كەتكەن بىر مەيدان، نە تۆت تەرەپتە تېمى، نە دەرىزىسى يوق؛ ھەتتا سودىيە ئۈستىلىمۇ، جاۋاپكارلار تۇرىدىغان، ئادۇكاتلار ئولتۇرىدىغان ئورۇنمۇ يوق. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئويلىغىنىچە بولسا سوتخانا دىگەن سىرتتىن قارىماققا بىر قاراشتىنلا ئادەمنى ئەيمەندۈرۈپ قويغۇدەك دەرىجىدە ھەيۋەتلىك بولسا بولاتتى. سوتخانا ئىچى بولسا سىرتىدىن سۈرلۈكرەك ...