يوقلۇق

يوقلۇق ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئادەمنى شۇنچىلىك خوش قىلىدۇكى، ئادەم ھەممە نەرسىگە ۋاقىرىغۇسى كېلىدۇ: تاغلارغا قاراپ، ئاخىرى يوق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلدۇق، دەپ توۋلىغۇسى، سۇلارغا قاراپ ،نىمانچە گۈزەل دۇنيا بۇ، دېگىنىچە چىقىرغۇسى كېلىدۇ؛ بەزىدە ئىنساننى شۇنچىلىك ئازاپلايدۇكى، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى ۋە مەنىسى قالمىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ: ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، ئۆزىنى كاچاتلايدۇ، كىملەرنىدۇ تىللىغۇسى-كۈچى يەتسە يوقلۇققا سەۋەپ بولغان ئاشۇ رەزىل ئادەملەرنى، پەس نەرسىلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ چەيلىگۈسى، شۇ ئارقىلىق يوقلۇقنىڭ ئازابىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ۋە ھەتتا ئاشۇ يوقلۇق بىلەن بىرگە مەنمۇ يوق بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.