خەتكۈش بويىچە ئارخىپلار: سېغىنىش

يوقلۇق

يوقلۇق ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئادەمنى شۇنچىلىك خوش قىلىدۇكى، ئادەم ھەممە نەرسىگە ۋاقىرىغۇسى كېلىدۇ: تاغلارغا قاراپ، ئاخىرى يوق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلدۇق، دەپ توۋلىغۇسى، سۇلارغا قاراپ ،نىمانچە گۈزەل دۇنيا بۇ، دېگىنىچە چىقىرغۇسى كېلىدۇ؛ بەزىدە ئىنساننى شۇنچىلىك  ئازاپلايدۇكى، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى ۋە مەنىسى قالمىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ: ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، ئۆزىنى كاچاتلايدۇ، كىملەرنىدۇ تىللىغۇسى-كۈچى يەتسە يوقلۇققا سەۋەپ بولغان ئاشۇ رەزىل ئادەملەرنى، پەس نەرسىلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ چەيلىگۈسى، شۇ ئارقىلىق يوقلۇقنىڭ ئازابىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ۋە ھەتتا ئاشۇ يوقلۇق بىلەن بىرگە مەنمۇ يوق بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.

يوقلۇق غەلىتە بىر نەرسىكى، بارىدا ئىنسانغا بىلىنمەيدۇ، ئېنىقراقى ئىنسان بىلمەيدۇ ياكى قەستەن بارلىقىدىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ، ئارقىسىدىن گەپ تاپىدۇ، ۋە ھەتتا ئورا كولايدۇ، ئېشىغا زەھەرقاتىدۇ؛ ئەمما يوقلۇقىدا- ئايرىلغىنىدا، قولدىن كەتكىنىدە ئىنسانغا قەدرى شۇنچىلىك ئۆتىلىدۇكى، يوقلۇقنىڭ باشلانغان كۈنىلا پۈتۈن دۇنيا يوقلۇق ئىگىسىنى ياللىمىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ: تەمتىرەيدۇ، گاڭگىرايدۇ، يوقلۇق ھەققىدە قەسىدىلەر، مەرسىيەلەر يازىدۇ…

يوقلۇق ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇرىغان بىر ئەپسۇنغا ئوخشايدۇ. بەزىلەر بۇ ئەپسۇننىڭ تەسىرە ئادىشىدۇ، ئۆزىنى يوقىتىدۇ، ھايات مەقسەتلىرىدىن يىراقلىشىدۇ؛ بەزىلەر ئەپسۇننىڭ بىر مىراسخورى بولمىغانلىقىدىن ھەسرەت چىكىشىدۇ ۋە ئويغىنىدۇ، يولىنى قايتىدىن تاپىدۇ.

يوقلۇق ئاسماندىن ۋاقىتسىزلا ئۆچكەن چولپان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇكى، ئىنسانلار كېچىنى گۈزەل قىلىدىغان بۇ يۇلتۇزنى قايتا كۆرەلەرمىزمۇ دېيشكىنىچە باشلىرىنى قاماللاپ ئاسمانغا باقىدۇ: بەزىلەرگە ئاسماندا قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسە كۆرۈلمەيدۇ؛ بەزىلىرى بولسا غۇۋا بولسىمۇ ئاجىز چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارنى كۆرىدۇ ۋە يوقلۇقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يولىغا چۈشىدۇ.

يوقلۇق ئىككى يۈزلۈك ئادەمگە ئوخشايدۇ: بىر يۈزىدە دۈشمەنگە كۈلۈپ باقىدۇ، يەنە بىر يۈزىدە دوستقا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قايغۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، كىممۇ بىلسۇنكى، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ كۈلكىسىگە ئالدىنىدۇ، دوستلار قايغۇسىدا، سېغىنىشىدا سەگەكلىشىدۇ، ئويغىنىدۇ، ئاخىرىدا ئىسيان كۆتۈرىدۇ. شۇنداق ئىسيان كۆتىرىدۇكى، قولىدىكىنى قەدىرلەيدۇ، يوقلۇقنى ۋە قولىدىن كەتكەنلىرىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۈرەش قىلىدۇ.

يوقلۇق ئەسلىدە يوقۇلۇش ئەمەس قايتىدىن بار بولۇش، بار قىلىشتۇركى، بۇنىڭسىز بارلىقنىڭ ھېچ قەدرى بىلىنمەيدۇ، ئىنسان نانكورلۇق يولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا يوقلۇققا- سېغىنىشقا، قولدىن كېتىشكە ئۈمىدۋارلىق بىلەن باقماق كېرەك، ”سەپىرىڭ ئەڭ گۈزەل بىر مەنزىلگە قاراپ داۋاملاشسۇن“ دېمەك كېرەك….

cropped-IMG_20130513_193122-e1441434617247.jpg

سېغىنىش

ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم. جىسمىم ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتاتتى، روھىم نەلەردىدۇ سەيلە قىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا يەنە شۇ ئۇيقىنىڭ ئىچىدە ئويغۇنۇپ كەتتىم. روھىم جىسمىمغا قايتىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما جەسىتىم ھېلىھەم ئۇيقۇدا ئىدى. كۆزۈمنى ئاچتىم. مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان بىر كىشىنى چالا-پۇچۇق كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم. ئايرىلغىلى نەچچە يىللار بولغان، شۇنىڭدىن بۇيان بىر ئېغىزمۇ خەۋىرى كەلمىگەن بىر دوستۇم يېنىمدىن ئۆتكىلىۋاتاتتى. بېشىمنى ئاستا كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان شۇ دەمدە ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. ئېنىقكى، ئۇمۇ بۇ ناتونۇش بىر زىمىندا مەندەك بىر قەدىناسىنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالىمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدى. بىردەم قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە تاشلاندۇق. بىر ئېغىز گەپ قىلماستىنلا قوچاقلاشتۇق، ئەھۋال سوراشتۇق

. “ مۇشۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قېلىش بارمۇ؟ يەنە كېلىپ ھېچقايسىمىز قارشى تەرەپنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز، نەچچە يىللاردىن كېيىن ئوخشاش بىر شەھەردە، ئوخشاش بىر ماشىندا قايتا ئۇچرىشىپ قېلىشىمىزغا قارا!“ دەپ ئويلاۋاتاتتۇق ئىككىلىمىز.
ئۇيقۇنىڭ ئىچىدە قەدىناس دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالغان ئىدىم. جىسمىم جايىدا، ئەمما روھىم نەلەردىدۇ ساياھەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئازراق سەمىرىپ يۈزلىرى نۇرلىنىپ كەتكەندىن باشقا ئانچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى. ئىلگىرىكى چاچ پاسۇنىمۇ شۇ پېتى، كۈلگەندە ئىچىگە كىرىپلا كېتىدىغان زىناقلىرىمۇ شۇ پېتى تۇرغان ئىدى.
“ سالامەت تۇرىۋېتىپسەن ئاداش، “ دېدىم ئۇنىڭ بىلەن ماشىنىدىن چۈشىۋاتقاچ.
“ قەدىر ئەھۋال. ئەجەپ ئۇچرىشىپ قالدۇق دېسە؟ ئۆزەڭمۇ ياخشى تۇردۇڭ؟ ”
“ خۇداغا شۈكرى، كۆرگىنىڭدەك تۇرىۋاتىمەن. ئاشۇنداقمۇ يوقاپ كېتەمسەن خەۋەرسىزلا؟ ”
“ سەن بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئىمكانسىز قالدىم دېگىنە ئاداش. ”
“ ئۈندىداردىمۇ ئۇچۇر قايتۇرماي قويدۇڭ، ئاشۇنداقمۇ قىلامسە؟ ”
“ ئۈندىدار ئىشلەتمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى ئاداش ماڭا، قانداق كۆرىمەن ئۇچۇرۇڭنى؟ ”
پاراڭلاشقاچ بۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ يەنە بىر شەخسىي ماشىنىغا چىقىۋاتاتتۇق. بۇ ماشىنا مېنىڭ ئىدى. ئەمما بۇ ماشىنى قاچان ئالغانلىقىم، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ماشىنا ئالغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم. ماشىنى دوستۇم ھەيدەۋاتاتتى.
“ سېنى بۇ يەرلەردە ئۇچۇرتىپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئەمما ھامان بىر يەردە جەم بولىمىز دەپ ئويلايتتىم، “ دېدى ئۇ كۈلۈمسىرگىنىچە.
“ بىر كۈنلەر كېلىپ قايتىدىن ئۇچرىشىمىز. نەدە بولسا ئامان-ئىسەن تۇرسىلا يەنە كۆرىشىمىز دەپ ئويلايتتىم مەنمۇ“
“ مانا، ئويلاپمۇ باقمىغان بىر يەردە كۆرۈشتۇق قايتا. تونۇشىشىمىزمۇ مۇشۇنداق قىززىق بولغان ئىدى، ئىسىڭدە بار ھەقاچان؟ ”
ئۇنىڭ بىلەن بىر پويىز سەپىرىدە تونۇشقان ئىدىم. ئۇ كۈنكى سەپىرىم مەن ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئەڭ يىراق سەپەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇندۇقلۇق بىلەت ئالغان ئىدىم. پويىزدا ھېچ بىر تونۇشۇممۇ يوق ئىدى. يېنىمدا بارى پەقەت بىر قانچە كىتاپ ۋە ئۆيدىن ئېلىۋالغان پارچە يىمەكلىكلەر. كىچىكىمدىنلا ئەتراپىمدىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا بەكلا سەزگۈ، لېكىن كەمسۆز مەن بۇنىڭدەك سەپەرلەرنى كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇنى-بۇنى ئويلاش بىلەن ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يىتەتتى. پويىز ئاستا قوزغىلىپ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولغان شەھەردىن ئايرىلغىلىۋاتاتتى. ئادىتىم بويىچە ۋاگون ئىچىگە كۆز يۈگۈرتتۈم. بۇ ۋاگوندا مەندىن باشقا ماڭا ئوخشاش سۆزلەيدىغان كىشىلەردىن بىر قانچىسىلا بار ئىدى. مەندىن ئۈچ ئورۇن يىراقلىقتىكى قارشى ئورۇندا چاچلىرى پىشانىسىنى ياپقان كىلىشكەن بىرى تېلېفۇنىدا بىر نەرسە كۆرۈپ ئولتۇراتتى. تويۇقسىزلا ئۇ مېنىڭ قاراۋاتقانلىقىمنى سىزىپ قالغاندەك بېشىنى كۆتۈردى ۋە ماڭا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ يەنە ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. مەنمۇ دەرىزىدىن سىرتقا قارىغانچە ئۆز خىياللىرىم بىلەن بەنىت ئىدىم. بىردەمدىن كېيىن بىرىنىڭ سالام قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام بايامقى بالا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاددىيلام سالاملاشقاندىن كېيىن ئۇ يېنىمدىكى ۋاقتىنچە بوش قالغان ئورۇندا ئولتۇردى. ئۇنى-بۇنى دېيىشىپ تونۇشقان بولدۇق ۋە تاغدىن-باغدىن پاراڭلارنى قىلىشتۇق. پاراڭ ئارلىقىدا ئىككىلىمىزنىڭ ئوخشاش بىر مەكتەپكە ماڭغانلىقىمىز ئوتتۇرغا چىقتى. ھەر ئىككىلىمىز ئەللىك-ئاتمىش سائەت داۋاملىشىدىغان بۇ سەپەردە پاراڭلىشىپ، بىر ناننى تەڭ يېيىشىپ ماڭىدىغان بىرىنىڭ چىققانلىقىدىن بەك خوش بولغان ئىدۇق. ئەمما بۇ سەپىرىمىزنىڭ كىيىنچە قىيامەتلىك دوستلاردىن بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ھېچقايسىمىز ئويلىمىغان ئىدۇق.
“ ئەلۋەتتە ئېسىمدە بار. سەن بىلەن سەپەردە تونۇشقان ئىدىم. ئايرىلىپ ئوزاق يىللاردىن كېيىن يەنە مۇساپىرچىلىقتا، خىيالىمىزغىمۇ كىرىپ باقمىغان بىر يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق مانا، “ دېدىم مەن كۈلۈمسىرەپ، “ ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرىشىپ تۇرىۋاتامسە؟ ”
“ ھەئە، كۆرىشىمەن پات-پات. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرىۋېتىپتۇ.“
“ بۇرۇن ئىنىڭنىڭ ئۈندىدارى بار ئىدى ئۈندىدارىمدا. ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىپ تۇراتتىم. كېيىن نېمە بولدى ئۇمۇ ئۈندىدار ئوينىمايدىغان بولدى.“ دېدىم مەن سەل ئەپسۇسلانغان تەلەپپۇزدا.
“ بىلمىدىم ئاداش. ئۆزىنىڭ بىرەر سەۋەبى باردۇ بۇ نەرسىنى ئىشلەتمەسلىكتە.“
“ تېلېفۇن نومۇرىنىمۇ ئۆزگەتكەن ئوخشايدۇ-ھە ئىنىڭ. بۇرۇنقى نومۇرىغا تېلېفۇن قىلسام ئۇلانمىدى. ئۆيدىكىلىرىڭنى يوقلاپ باراي دەپ شۇنچە قىلدىم، لېكىن ئالاقە قىلالمىدىم. كېيىن بۇ يەرگە كېلىدىغان بوپ قالدىم.“
….
ماشىنا جىسمىمنى ئويغۇتىۋېتىشنى خالىمىغاندەك بىر خىل سىلىق كېتىۋاتاتتى. دوستۇممۇ ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىللىق ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. دەسلەپتە تونۇشقانغا ئوخشاشلا تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشقانچە كېتىۋاتىمىز. ئەمما نەگە كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇقالمايۋاتاتتىم، قايتا ئۇچرىشىشنىڭ خوشاللىقى مەنزلىمىزنى ئەقلىمدىن ئېلىپ قاچقان بولسا كېرەك. لېكىن ئوخشاش بىر ماشىنىدا، ئوخشاش بىر مەنزىلگە قاراپ كېتىۋاتقىنىمىز ئېنىق ئىدى. بۇنداق بولمىغاندا بىزدەك بىرسى جەنۇپتا، بىرسى شىمالدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بۇ ئىككى ناتونۇش قەدىناس دوستلاردىن بولالمايتتۇق. بۇ شەھەرگە كېلىپ مەن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئوڭغۇل-دوڭغۇل دۆڭلۈكلەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتۇق. بۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ بىر تونىلنىڭ ئالدىغا كەلدۇق.
“ ئاداش، بۇ تونىلدىن ئۆتسەك پۇل تۆلەيمىز. كارتا ئاۋۇ يەردە بارمىكىن، “ دېدىم مەن ماشىنىڭ كىچىك بىر تارتمىسىنى كۆرسىتىپ.
ئۇ ئارقىسىغا قايرىلىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە بىلدىم دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى. ماشىنىمىز تونىل ئىچىگە كىرمەستىنلا ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. دوستۇممۇ، ماشىنىمۇ غايىپ بولدى. كىملەرنىدۇ ئىزدەپ نەلەرگىدۇ ساياھەتكە كەتكەن روھىم ئۆزى خالىمغان ھالدا جىسمىغا قايتقىلىۋاتاتتى.

 

سېغىنىش پەسلى Season Of Missing

ھۇزۇرلۇنۇپ شىئىر ئوقۇپ باقمىغىلى خېلى بوپتىكەن. (ياكى ئوقۇغان بولساممۇ مەن ھۇزۇرىنى تاپالمىدىممۇ ياكى شىئىر ھۇزۇر بېغىشلىيالمىدىمۇ، ئىشقىلىپ چوقۇم ئىككىسىدىن بىرى.) ئالدىنقى ھەپتە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ شىئىرىنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. تىلىنىڭ تاتلىقلىقىدىن لىرىكا ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن. سېغىنىش، كۈتۈش لىرىكىلىرى قەلەمگە تۇتىشىدىغان ھۈجەيرىلىرىمنى غىدىقلىدى بولغاي،قولۇمغا قەلەم چىقىپ قالدى، بىرەر مىسراغا تەقلىد قىلىپ بىرەر نەرسە يېزىپ باقماق بولدۇم. شۇنداق قىلىپ سىز ئوقۇماقچى بولغان “ سېغىنىش پەسلى “ ماۋزۇسىدىكى مۇشۇ پارچىلار ۋىلىقلىغىنىچە دۇنياغا كۆز ئاچتى.
راست، بۇ پەسىل مەن ئۈچۈنلا ئەمەس ماڭا دۇئا قىلىۋاتقان قەدىردان ئاتا-ئانام، سۆيۈملۈك ئاكا-ئاچىلىرىم، كەپسىز ئوماق ئىنى-سىڭىللىرىم، مەن تۇيۇقسىزلا يادىغا يىتىپ قالىدىغان بارلىق كىشىلەر، شۇنداقلا ماڭا ئىلھام بېغىشلىغان شائىرە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەم ئۆيلىرىدىن ئۇزاقتا ياشاۋاتقان دوستلىرىم ئۈچۈنمۇ بىر سېغىش پەسلى ئىدى. ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ، سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ ھەردائىم خاتىرجەم، سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

 

سېغىنىش پەسلى Season Of Missing

دەرەخلەرگە ئۈشۈك تىگىپتۇ
ئادەملەرنىڭ كۆزى تىگىپتۇ
كىمدۇر بىرىنىڭ ھۆسنىگە
خۇشاللىقىغا، ئىلمىگە
ھەسەت كۆزى تەككەندەك
كۈلگۈنجەك يېشىل يۇپۇرماقلارغا.

ئانا يەرنىڭ تەشنالىقى ئېشىپتۇ
يۇپۇرماق قىزىنى، ئوغلىنى
سېغىنىپتۇ شۇنچىلىك
چىدىماپتۇ قىلچىلىك
ئىككى پەسىللىك ئايرىلىشقا.

ئاپئاق قارنىڭ خۇيى تۇتۇپتۇ
چىرايلىق سىڭلىسىغا خۇيى تۇتقان
بەڭباش يىگىتتەك،
يۈزى قېلىن كوت-كوت قۇشلارغا.

ئۈنتۈنسىزلا كەچكۈز كېلىپتۇ
يىراقتىكى سۆيۈملۈك ئېتىزلارغا
يېقىندىكى سوغۇق ئاراللارغا
قۇشلار باھارنى ئىزدەپ ئۇچۇپتۇ
ھارارەتلىك كەڭرى دالىلارغا.

بىرەرسىنىڭ كۆزى چۈشكەيمۇ
يىراقلارنى كۆزلىگەن
سانسىزلىغان مەكتۇپلارنى پۈتكەن
قاناتسىزلىقىغا غۇمى بار
ئوي ئىچىدە ئويى بار
يۈتەي دىگەن ئاۋازلارغا.
مەكتۇپلارنى ئېلىپ كەتكەيمۇ
ئانىلار بار
ئاتىلار بار
باھارى ئۈزۈلمەس ئاشۇ ماكانلارغا.
2016- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى