تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خەتكۈچلەر دۇنياسى: شىئىر

يولۇچى Traveler

شاد-شادىمان يۈرۈيدۇ بىرى ھەسرەتا! ئەجەپ يوقمىدۇ غېمى. غەملەر نېمە؟ بىلمەي تۇرۇپ ئىچىڭدىكىنى، «غەملەر» دېمە ئورۇنسىزلا غەملەر يىمە بىلگۈچىدۇر بىرلا خۇدا ئىچىدىكىنى، ئىچىڭدىكىنى. كىم بىلىدۇ قەلب قەسىرى سېغىنىش دېڭىزىنىڭ ئاجىز ئەسىرى نەچچە يېقىلىپ، نەچچە سېلىنىپ تۇرار بەردەم، تاشماس سەبىرى. ئىرادىلەر دولقۇنلىرىدا ئۈزۈپ يۈرىيدۇ كۈندە، تۈندە رەت رەت چايقىلىپ، سېغىنىشنىڭ ئاپتاپلىرىدا بەس! چېقىلىپ، يەنە چېقىلىپ، ئۆرتىنىدۇ، پۇچلىنىدۇ ئۆزى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ تىلەكلىرى رەڭ بوپ ئاقىدۇ بەك ناتۇنۇش زىم ...

قايتىش قىپقىزىل گۆش كىچىك قۇش بولۇپ تۇغۇلۇپ قالسام ئىدىم ناۋادا قايتا… مۇمكىن ئەمەس تۇغۇلغان سەن تۈمەن مىڭ يىللار ئىلگىرى زەرىچە تۇغۇلغان ئاشۇ دەقىقىلەردە. ئۆزى تۇرىۋاتقان يەردىن ھەيرەت ئىچرە تۇرۇپ قالمىغان چۈشۈممۇ بۇ دەپ گۇمان ئىسكەنجىسىگە چۈشمىگەن يۈزلىرىدىكى قاپقارا لايلارنى قاپقارا لاي قوللىرى بىلەن ئېرتىۋېتىپ ”نۇر“ نى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرىگەن ئادەمنىڭ چىھرىدە. گۆش بولۇ……