تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خەتكۈچلەر دۇنياسى: قەبرە

قەبرە كولاش

ئۆزۈمنى كىچىك بالا دەپلا ئويلايتتىم. ئەمما ئەينەكتىن سىمايىمنى كۆرۈپ، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم: بۈدۈر چاچلىرىمغا ئاق چۈشۈشكە باشلاپتۇ. چوڭلار ئاق چاچ بەخىتنىڭ بەلگىسى دەيدىكەن،  بەخىت قۇشۇم بېشىمغا قۇنىۋاتقاندۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم؛ بەزىدە ئېغىر ھۆتىلەپ قويىشىم بار، ياشلىق پەسلىم ئۆتكەن بولسا كېرەك؛ بۇرۇنقىدەك قەلەمنى ئېلىپلا بىرنېمىلەرنى يازالمايدىغان بوپ قاپتىمەن، بەلكىم سەل ئۆزۈمنى تۇتىۋالغاندىمەن، ھىسياتلىرىمغا يۈگەن سالغاندىمەن. لېكىن بىر نەرسە ئېنىق، ياشاۋاتىمەن، چوقۇم ئۆلىمەن. ...