تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خەتكۈچلەر دۇنياسى: كوللىكتىۋىزىملىق

بىر تامچە سۇ The Drop of Water

بىر تامچە سۇ بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر كۈپتە  لىق ھەم پاكىز ھەم ساپ سۇلار ياشايدىكەن. بۇ كۈپتىكى ھەربىر تامچە سۇ ئۆزلىرىنىڭ شۇنچىلىك پاكىز ھەم ساپلىقىدىن بەكلا پەخىرلىنىدىكەن ۋە ھەركۈنى ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك پاكىزلىقى، قانچىلىك كۆركەملىكىنى دېيىشىپ بىر-بىرىنى ماختىشىشىدىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ خۇشاللىق ۋە مەغرۇرلىقى ئۇزاققا داۋاملاشماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تامچە سۇ ئۆزىنىڭ  بۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى پاكىز تۇرمۇشىدىن زىرىكىشكە باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تامچە مەينەت بىر تامچە سۇ بولۇشنىڭ قانداقرا ...