تىۋىش بلوگىغا خوش كەلدىڭىز. قەدەملىرىڭىزدىن بەرىكەت تۆكۈلگەي ۋە يازمىلىرىمىز دىل ئارامىڭىزغا ۋەسىلە بولغاي!

خەتكۈچلەر دۇنياسى: پەخىر

ئامانەت ۋە خىيانەت (ئانا تىل)

بۈگۈن 2017-يىل 21- ھۇد، ھاۋا باشقىچە ئوچۇق ھەم بىر خىل ئىللىق.  بۈگۈن نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈننى بىر يىلنىڭ باشقا 364 كۈنىگە ئوخشاشلا ئالدىراشچانلىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ: بەزىلىرى ئېتىزلىقلىرىدا ئىشلەش بىلەن؛ بەزىلىرى بازارلاردا  ئالدىراش؛ بەزىلىرى بولسا بىرەر يىغىن ياكى يىغىلىشلاردا؛ يەنە بەزىلىرى چىراقلىرى بار قاراڭغۇ ئۆيلەرگە بىكىنگەن، ھاياتتىن، خىزمىتىدىن، ھەر نەرسىدىن زىرىككەن؛ يەنە بەزىلىرى بىر بۇردا نانغا، بىر پاچە يېڭى كىيىمگە، ئازراق يورۇقلۇققا ۋە ...